كاتتا ئەرباب بىلەن ھەمداستىخان بولساڭ، ئالدىڭدىكى كىم ئىكەنلىكىنى ئوبدان ئويلان. | 1 |
وقتی با حاکم سر سفره مینشینی، به خاطر بسپار با چه کسی روبرو هستی. |
ئىشتىيىڭ يامان بولسا، گېلىڭغا پىچاق تەڭلەپ تۇرغاندەك ئۆزۈڭنى تارت. | 2 |
اگر آدم پرخوری هستی، کارد بر گلویت بگذار |
ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما، ئۇلار ئادەم ئالدايدىغان تاماقلاردۇر. | 3 |
و شیفتهٔ غذاهای لذیذ او نشو، زیرا ممکن است فریبی در کار باشد. |
باي بولىمەن دەپ ئۆزۈڭنى ئۇپراتما؛ ئۆزۈڭنىڭ زېھنىڭنى بۇ ئىشقا قاراتما. | 4 |
عاقل باش و برای به چنگ آوردن ثروت، خودت را خسته نکن، |
[بايلىقلارغا] كۆز تىكىشىڭ بىلەنلا، ئۇلار يوق بولىدۇ؛ پۇل-مال دەرۋەقە ئۆزىگە قانات ياساپ، خۇددى بۈركۈتتەك ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتەر. | 5 |
زیرا ثروت ناپایدار است و مانند عقاب میپرد و ناپدید میشود. |
ئاچ كۆزنىڭ نېنىنى يېمە، ئۇنىڭ ئېسىل نازۇنېمەتلىرىنى تاما قىلما؛ | 6 |
از سفرهٔ آدم خسیس غذا نخور و برای غذاهای لذیذ او حریص نباش، |
چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى قانداق بولغاندەك، ئۆزىمۇ شۇنداق. ئۇ ئاغزىدا: ــ قېنى، ئالسىلا، ئىچسىلە! ــ دېسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سېنى ئويلىغىنى يوق. | 7 |
چون او حساب هر چه را که بخوری در فکرش نگه میدارد. او تعارف میکند و میگوید: «بخور و بنوش»، اما این را از ته دل نمیگوید. |
يېگەن بىر يۇتۇم تائامنىمۇ قۇسۇۋېتىسەن، ئۇنىڭغا قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىڭمۇ بىكارغا كەتكەن بولىدۇ. | 8 |
لقمهای را که خوردهای استفراغ خواهی کرد و تشکرات تو بر باد خواهد رفت. |
ئەخمەققە يول كۆرسىتىپ سالما، چۈنكى ئۇ ئەقىل سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلماس. | 9 |
آدم نادان را نصیحت نکن، چون او سخنان حکیمانه تو را خوار خواهد شمرد. |
قەدىمدە بېكىتكەن يەرنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىمە، يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىغىمۇ ئاياغ باسما؛ | 10 |
حدود ملک خود را که از قدیم تعیین شده، تغییر نده و زمین یتیمان را غصب نکن، |
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى ئىنتايىن كۈچلۈكتۇر؛ ئۇ ئۆزى ئۇلار ئۈچۈن ئۈستۈڭدىن دەۋا قىلار. | 11 |
زیرا حامی ایشان قدرتمند است و به داد آنها خواهد رسید. |
نەسىھەتكە كۆڭۈل قوي، ئىلىم-بىلىملەرگە قۇلاق سال. | 12 |
وقتی دیگران تو را تأدیب میکنند، با تمام دل آن را بپذیر و به سخنان آموزندهشان گوش فرا ده. |
بالاڭغا تەربىيە بېرىشتىن ئېرىنمە؛ ئەگەر تاياق بىلەن ئۇرساڭ، ئۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ؛ | 13 |
از تأدیب کردن فرزند خویش کوتاهی نکن. چوب تنبیه او را نخواهد کشت. |
سەن ئۇنى تاياق بىلەن ئۇرساڭ، بەلكىم ئۇنى تەھتىسارادىن قۇتقۇزىۋالىسەن. (Sheol h7585) | 14 |
او را با چوب تنبیه کن که جانش را از هلاکت نجات خواهی داد. (Sheol h7585) |
ئى ئوغلۇم، دانا بولساڭ، مېنىڭ قەلبىم قانچە خۇش بولار ئىدى! | 15 |
پسرم، اگر حکمت در دل تو باشد، دل من شاد خواهد شد |
ئاغزىڭدا ئورۇنلۇق سۆزلەر بولسا، ئىچ-ئىچىمدىن شادلىنىمەن. | 16 |
و هنگامی که دهانت به راستی سخن بگوید، وجود من به وجد خواهد آمد. |
گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا رەشك قىلما، ھەردائىم پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشتە تۇرغىن؛ | 17 |
به گناهکاران حسادت نورز، بلکه اشتیاق تو اطاعت از خداوند باشد؛ |
شۇنداق قىلغىنىڭدا جەزمەن كۆرىدىغان ياخشى كۈنۈڭ بولىدۇ، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ بىكارغا كەتمەس. | 18 |
زیرا در این صورت آیندهٔ خوبی خواهی داشت و امید تو بر باد نخواهد رفت. |
ئى ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ دانا بول، قەلبىڭنى [خۇدانىڭ] يولىغا باشلىغىن. | 19 |
ای پسرم، عاقل باش و به سخنانم گوش فرا ده. در راه راست گام بردار |
مەيخورلارغا ئارىلاشما، نەپسى يامان گۆشخورلار بىلەن باردى-كەلدى قىلما؛ | 20 |
و با آدمهای میگسار و شکمپرست معاشرت نکن، |
چۈنكى ھاراقكەش بىلەن نەپسى يامان ئاخىرىدا يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسىغا پاتقانلارغا جەندە كىيىمنى كىيگۈزەر. | 21 |
زیرا کسانی که کارشان فقط خوردن و خوابیدن است، فقیر و محتاج خواهند شد. |
سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئاناڭ قېرىغاندا ئۇنىڭغا ھۆرمەتسىزلىك قىلما. | 22 |
نصیحت پدرت را که تو را به وجود آورده گوش بگیر و مادر پیرت را خوار مشمار. |
ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز سېتىۋەتمە. دانالىق، تەربىيە ۋە يورۇتۇلۇشنىمۇ ئال. | 23 |
در پی حقیقت باش و حکمت و ادب و فهم را کسب کن و به هیچ قیمت آنها را از دست نده. |
ھەققانىي بالىنىڭ ئاتىسى چوڭ خۇشاللىق تاپار؛ دانا ئوغۇلنى تاپقان ئاتىسى ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولار. | 24 |
فرزندی درستکار و دانا باش تا مایهٔ شادی و خشنودی پدر و مادرت شوی. |
ئاتا-ئاناڭنى سۆيۈندۈرۈپ، سېنى تۇغقان ئاناڭنى خۇش قىل. | 25 |
ئى ئوغلۇم، قەلبىڭنى ماڭا تاپشۇر؛ كۆزلىرىڭمۇ ھاياتلىق يوللىرىمغا تىكىلسۇن! | 26 |
ای پسرم، به من گوش بده و از زندگی من سرمشق بگیر. |
چۈنكى پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق يات ئايال تار زىنداندۇر؛ | 27 |
بدان که زن بدکاره دام خطرناکی است. |
ئۇلار قاراقچىدەك مۆكۈۋېلىپ، ئىنسانىيەت ئارىسىدىكى ۋاپاسىزلارنى كۆپەيتەر. | 28 |
او مانند راهزن در کمین قربانیان خود مینشیند و باعث میشود مردان زیادی خیانتکار شوند. |
كىمدە ئازاب بار؟ كىمدە دەرد-ئەلەم؟ كىم جېدەل ئىچىدە قالار؟ كىم نالە-پەرياد كۆتۈرەر؟ كىم سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى قىزىرىپ كېتەر؟ | 29 |
مصیبت و بدبختی گریبانگیر چه کسی میشود؟ آن کیست که دائم نزاع به پا میکند و مینالد، بیجهت زخمی میشود و چشمانش تار میگردد؟ |
دەل شاراب ئۈستىدە ئۇزۇن ئولتۇرغان، ئەبجەش شارابتىن تېتىشقا ئالدىرىغان مەيخورلار! | 30 |
کسی که دائم شراب میخورد و به دنبال میگساری میرود. |
شارابنىڭ ئاجايىب قىزىللىقىغا، ئۇنىڭ جامدىكى جۇلالىقىغا، كىشىنىڭ گېلىدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولۇپ قالما! | 31 |
پس فریفتهٔ شراب قرمز نشو که در پیاله به تو چشمک میزند و سپس به نرمی از گلویت پایین میرود؛ |
ئاخىرىدا ئۇ زەھەرلىك يىلاندەك چېقىۋالىدۇ، ئوق يىلاندەك نەشتىرىنى سانجىيدۇ. | 32 |
زیرا در پایان، مثل مار سمی تو را نیش خواهد زد و چون افعی تو را خواهد گزید. |
كۆز ئالدىڭدا غەلىتە مەنزىرىلەر كۆرۈنىدۇ، ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر چىقىدۇ. | 33 |
چشمانت چیزهای عجیب و غریب خواهند دید و گرفتار وهم و خیال خواهی شد. |
خۇددى دېڭىز-ئوكيانلاردا لەيلەپ قالغاندەك، يەلكەنلىك كېمىنىڭ موما ياغىچى ئۈستىدە ياتقاندەك بولىسەن. | 34 |
مانند کسی خواهی بود که بر سر دکل کشتی که دستخوش امواج دریاست خوابیده باشد. |
سەن چوقۇم: ــ بىرسى مېنى ئۇردى، لېكىن مەن يارىلانمىدىم! بىرسى مېنى تاياق بىلەن ئۇردى، بىراق ئاغرىقىنى سەزمىدىم!» ــ دەيسەن. بىراق سەن يەنە: «ھوشۇمغا كەلسەملا، مەن يەنىلا شارابنى ئىزدەيمەن! ــ دەيسەن. | 35 |
خواهی گفت: «مرا زدند ولی دردی احساس نمیکنم. کی به هوش میآیم تا پیالهای دیگر بنوشم؟» |