< پەند-نەسىھەتلەر 22 >
ياخشى نام زور بايلىققا ئىگە بولۇشتىن ئەۋزەل؛ قەدىر-قىممەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئۈستۈندۇر. | 1 |
A good name is preferable to abundant riches, and good grace, to silver and to gold.
گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار؛ ھەر ئىككىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر. | 2 |
The rich and poor meet together: the Lord is the maker them all.
زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛ ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار. | 3 |
The prudent foreseeth the evil, and hideth himself; but the simple pass on, and are punished.
ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ بەرىكىتى ــ باياشاتلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھاياتتۇر. | 4 |
The reward of humility [and] the fear of the Lord are riches and honor, and life.
ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛ ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار. | 5 |
Thorns and snares are on the way of a perverse man: he that doth guard his soul will keep far from them.
بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس. | 6 |
Train up the lad in accordance with his course: even when he groweth old, will he not depart from it.
بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛ قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر. | 7 |
A rich man ruleth over the poor, and the borrower is servant to the man that lendeth.
ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛ ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر. | 8 |
He that soweth injustice will reap wrong-doing; and the rod of God's wrath will not fail.
سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛ چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر. | 9 |
A man of a benevolent eye will indeed be blessed; for he giveth of his bread to the poor.
ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛ كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر. | 10 |
Drive away the scorner, and strife will go off; and then will cease contention and dishonor.
پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛ شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار. | 11 |
He that loveth with a pure heart, and hath grace on his lips, will have the king as his friend.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار؛ ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار. | 12 |
The eyes of the Lord guard knowledge, and he overturneth the words of the treacherous.
ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ، كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ. | 13 |
The slothful saith, There is a lion without, in the midst of the streets shall I be murdered.
زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛ پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر. | 14 |
A deep pit is the mouth of adulterous women: he that hath obtained the indignation of the Lord will fall thereinto.
نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛ بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار. | 15 |
When folly is bound fast to the heart of a lad, the rod of correction must remove it far from him.
مىسكىنلەرنى ئېزىش بىلەن باي بولغان، ۋە بايلارغا سوۋغات سۇنىدىغان كىشى، ئاخىرى پەقەت يوقسۇللۇقتا قالار. | 16 |
He that oppresseth the poor to increase his riches, [must at length] give to the rich, and come only to want.
قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛ كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن. | 17 |
Incline thy ear, and hear the words of the wise, and apply thy heart unto my knowledge.
ئۇلارنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتساڭ، ئۇلار ساڭا شېرىن بولار، لەۋلىرىڭدە سەپ بولۇپ تەييار تۇرىدۇ. | 18 |
For it is a pleasant thing if thou keep them within thy bosom, if they be altogether firmly seated upon thy lips.
چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن [بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى] باشقا بىرسىگە ئەمەس، بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم. | 19 |
That thy trust may be in the Lord, have I made them known to thee this day, yea, even to thee.
ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم، بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار. | 20 |
Have not I written for thee excellent things in counsels and knowledge,
بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن، ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن. | 21 |
That I might make thee know rectitude, the sayings of truth; that thou mightest bring back answers of truth to those that send thee?
يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا، ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما. | 22 |
Rob not the poor, because he is poor, neither crush the afflicted in the gate;
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر، ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار. | 23 |
For the Lord will plead their cause, and despoil the life of those that despoil them.
مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما، | 24 |
Make no friendship with a man given to anger; and with a man of fury thou must have no intercourse:
بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن. | 25 |
Lest thou learn his ways, and get a snare for thy own soul.
باشقىلارغا [كېپىل بولۇپ] قول بەرگۈچىلەردىن بولما، قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛ | 26 |
Be not one of those that pledge their hand, or of those that are sureties for debts.
سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا، ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى! | 27 |
If thou have nothing to pay, why should he take away thy bed from under thee?
ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە. | 28 |
Remove not the ancient landmark, which thy fathers have established.
ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛ پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار. | 29 |
Seest thou a man that is diligent in his work? before kings may he place himself: let him not place himself before obscure men.