< پەند-نەسىھەتلەر 21 >
پادىشاھنىڭ كۆڭلى ئېرىقلاردىكى سۇدەك پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر؛ [پەرۋەردىگار] قەيەرگە توغرىلىسا، شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ. | 1 |
Padixaⱨning kɵngli eriⱪlardiki sudǝk Pǝrwǝrdigarning ⱪolididur; [Pǝrwǝrdigar] ⱪǝyǝrgǝ toƣrilisa, xu tǝrǝpkǝ mangidu.
ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى توغرا دەپ بىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار قەلبدىكى نىيەتلەرنى تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر. | 2 |
Insan ɵzining ⱨǝmmǝ ⱪilƣan ixini toƣra dǝp bilǝr; Lekin Pǝrwǝrdigar ⱪǝlbdiki niyǝtlǝrni taraziƣa selip tartip kɵrǝr.
پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە، ھەققانىيلىق بىلەن ئادالەت يۈرگۈزۈش قۇربانلىق قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. | 3 |
Pǝrwǝrdigarning nǝziridǝ, Ⱨǝⱪⱪaniyliⱪ bilǝn adalǝt yürgüzüx ⱪurbanliⱪ ⱪilixtin ǝwzǝldur.
تەكەببۇر كۆزلەر، مەغرۇر قەلب، يامانلارنىڭ چىرىغى ــ ھەممىسى گۇناھتۇر. | 4 |
Tǝkǝbbur kɵzlǝr, mǝƣrur ⱪǝlb, yamanlarning qiriƣi — ⱨǝmmisi gunaⱨtur.
ئەستايىدىل كىشىلەرنىڭ ئويلىرى ئۇلارنى پەقەت باياشاتلىققا يېتەكلەر؛ چېچىلاڭغۇلارنىڭ ئويلىرى بولسا، ئۇلارنى پەقەت يوقسۇزلۇققىلا يېتەكلەر. | 5 |
Əstayidil kixilǝrning oyliri ularni pǝⱪǝt bayaxatliⱪⱪa yetǝklǝr; Qeqilangƣularning oyliri bolsa, ularni pǝⱪǝt yoⱪsuzluⱪⱪila yetǝklǝr.
ياغلىما تىل بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار، ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر قوغلاپ يۈرگەن بىر تۈتۈنلا، خالاس. | 6 |
Yaƣlima til bilǝn erixkǝn bayliⱪlar, Ɵlümni izdǝp yürgǝnlǝr ⱪoƣlap yürgǝn bir tütünla, halas.
يامانلارنىڭ زالىملىقى ئۆزلىرىنى چىرمىۋالار؛ چۈنكى ئۇلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى رەت قىلغان. | 7 |
Yamanlarning zalimliⱪi ɵzlirini qirmiwalar; Qünki ular adalǝt yolida mengixni rǝt ⱪilƣan.
جىنايەتكار ماڭىدىغان يول ناھايىتى ئەگرىدۇر؛ ساپ دىل ئادەمنىڭ ھەرىكىتى تۈپتۈزدۇر. | 8 |
Jinayǝtkar mangidiƣan yol naⱨayiti ǝgridur; Sap dil adǝmning ⱨǝrikiti tüptüzdur.
سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن [ئازادە] ئۆيدە بىللە تۇرغاندىن كۆرە، ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا [يالغۇز] يېتىپ قوپقان ياخشى. | 9 |
Soⱪuxⱪaⱪ hotun bilǝn [azadǝ] ɵydǝ billǝ turƣandin kɵrǝ, Ɵgzining bir bulungida [yalƣuz] yetip ⱪopⱪan yahxi.
يامان كىشىنىڭ كۆڭلى يامانلىققىلا ھېرىسمەندۇر؛ ئۇ يېقىنىغىمۇ شاپائەت كۆرسەتمەس. | 10 |
Yaman kixining kɵngli yamanliⱪⱪila ⱨerismǝndur; U yeⱪiniƣimu xapaǝt kɵrsǝtmǝs.
ھاكاۋۇرنىڭ جازاغا تارتىلىشى، بىلىمسىزگە ئىبرەت بولار؛ دانا كىشى قوبۇل قىلغان نەسىھەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالار. | 11 |
Ⱨakawurning jazaƣa tartilixi, bilimsizgǝ ibrǝt bolar; Dana kixi ⱪobul ⱪilƣan nǝsiⱨǝtlǝrdin tehimu kɵp bilim alar.
ھەققانىي بولغۇچى ياماننىڭ ئۆيىنى كۆزلەر؛ ئۇ ھامان يامانلارنى يامانلىققا قويۇپ يىقىتار. | 12 |
Ⱨǝⱪⱪaniy Bolƣuqi yamanning ɵyini kɵzlǝr; U ⱨaman yamanlarni yamanliⱪⱪa ⱪoyup yiⱪitar.
مىسكىنلەرنىڭ نالىسىغا قۇلىقىنى يوپۇتۇپ كارى بولمىغۇچى، ئاخىرى ئۆزى پەرياد كۆتۈرەر، بىراق ھېچكىم پەرۋا قىلماس. | 13 |
Miskinlǝrning nalisiƣa ⱪuliⱪini yoputup kari bolmiƣuqi, Ahiri ɵzi pǝryad kɵtürǝr, Biraⱪ ⱨeqkim pǝrwa ⱪilmas.
يوشۇرۇن سوۋغات غەزەپنى باسار؛ يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى پەسەيتەر. | 14 |
Yoxurun sowƣat ƣǝzǝpni basar; Yǝng iqidǝ berilgǝn para ⱪǝⱨr-ƣǝzǝpni pǝsǝytǝr.
ئادالەتنى بەجا كەلتۈرۈش ھەققانىيلارنىڭ خۇشاللىقىدۇر، بىراق يامانلىق قىلغۇچىلارغا ۋەھىمىدۇر. | 15 |
Adalǝtni bǝja kǝltürüx ⱨǝⱪⱪaniylarning huxalliⱪidur, Biraⱪ yamanliⱪ ⱪilƣuqilarƣa wǝⱨimidur.
ھېكمەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن كىشى، ئەرۋاھلارنىڭ جامائىتى ئىچىدىكىلەردىن بولۇپ قالار. | 16 |
Ⱨekmǝt yolidin ezip kǝtkǝn kixi, Ərwaⱨlarning jamaiti iqidikilǝrdin bolup ⱪalar.
تاماشاغا بېرىلگەن كىشى نامرات قالار؛ ياغ چايناشقا، شاراب ئىچىشكە ئامراق بېيىماس. | 17 |
Tamaxaƣa berilgǝn kixi namrat ⱪalar; Yaƣ qaynaxⱪa, xarab iqixkǝ amraⱪ beyimas.
يامان ئادەم ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن گۆرۈ پۇلىنىڭ ئورنىدا قالار؛ [ئېزىلگەن] دۇرۇسلارنىڭ ئورنىغا ئىپلاسلار قالار. | 18 |
Yaman adǝm ⱨǝⱪⱪaniy adǝm üqün gɵrü pulining ornida ⱪalar; [Ezilgǝn] duruslarning orniƣa iplaslar ⱪalar.
سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك ئايال بىلەن ئورتاق تۇرغاندىن، چۆل-باياۋاندا يالغۇز ياشىغان ياخشىدۇر. | 19 |
Soⱪuxⱪaⱪ wǝ terikkǝk ayal bilǝn ortaⱪ turƣandin, Qɵl-bayawanda yalƣuz yaxiƣan yahxidur.
ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار. | 20 |
Aⱪilanining ɵyidǝ bayliⱪ bar, zǝytun may bar; Biraⱪ ǝhmǝⱪlǝr tapⱪinini utturluⱪ buzup-qaqar.
ھەققانىيەت، مېھرىبانلىقنى ئىزدىگۈچى ئادەم، ھايات، ھەققانىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشەر. | 21 |
Ⱨǝⱪⱪaniyǝt, meⱨribanliⱪni izdigüqi adǝm, Ⱨayat, ⱨǝⱪⱪaniyǝt wǝ izzǝt-ⱨɵrmǝtkǝ erixǝr.
دانا كىشى كۈچلۈكلەر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا يامىشار، ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى غۇلىتار. | 22 |
Dana kixi küqlüklǝr xǝⱨirining sepiliƣa yamixar, Ularning tayanqi bolƣan ⱪorƣinini ƣulitar.
ئۆز تىلىغا، ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، جېنىنى ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلاپ قالار. | 23 |
Ɵz tiliƣa, aƣziƣa igǝ bolƣan kixi, Jenini awariqiliklǝrdin saⱪlap ⱪalar.
چوڭچىلىق قىلغانلار، «ھاكاۋۇر»، «ھالى چوڭ»، «مازاقچى» ئاتىلار. | 24 |
Qongqiliⱪ ⱪilƣanlar, «Ⱨakawur», «ⱨali qong», «mazaⱪqi» atilar.
ھۇرۇن كىشى ئۆز نەپسىدىن ھالاك بولار، چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارماس؛ | 25 |
Ⱨurun kixi ɵz nǝpsidin ⱨalak bolar, Qünki uning ⱪoli ixⱪa barmas;
نەپسى يامان بولۇپ ئۇ كۈن بويى تەمە قىلىپ يۈرەر؛ بىراق ھەققانىي ئادەم ھېچنېمىنى ئايىماي سەدىقە قىلار. | 26 |
Nǝpsi yaman bolup u kün boyi tǝmǝ ⱪilip yürǝr; Biraⱪ ⱨǝⱪⱪaniy adǝm ⱨeqnemini ayimay sǝdiⱪǝ ⱪilar.
يامان ئادەمنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ رەزىل غەرەزدە ئەپكېلىنگەن بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر! | 27 |
Yaman adǝmning ⱪurbanliⱪi Pǝrwǝrdigarƣa yirginqliktur; Rǝzil ƣǝrǝzdǝ ǝpkelingǝn bolsa tehimu xundaⱪtur!
يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچى ھالاك بولار؛ ئەينى ئەھۋالنى ئاڭلاپ سۆزلىگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەبەدگىچە ئاقار. | 28 |
Yalƣan guwaⱨliⱪ ⱪilƣuqi ⱨalak bolar; Əyni ǝⱨwalni anglap sɵzligǝn kixining sɵzi ǝbǝdgiqǝ aⱪar.
يامان ئادەم يۈزىنى قېلىن قىلار؛ دۇرۇس كىشى يولىنى ئويلاپ پۇختا باسار. | 29 |
Yaman adǝm yüzini ⱪelin ⱪilar; Durus kixi yolini oylap puhta basar.
پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرالايدىغان ھېچقانداق دانالىق، ئەقىل-پاراسەت ياكى تەدبىر يوقتۇر. | 30 |
Pǝrwǝrdigarƣa ⱪarxi turalaydiƣan ⱨeqⱪandaⱪ danaliⱪ, ǝⱪil-parasǝt yaki tǝdbir yoⱪtur.
ئاتلار جەڭ كۈنى ئۈچۈن تەييار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق غەلىبە-نىجات پەقەت پەرۋەردىگاردىندۇر. | 31 |
Atlar jǝng küni üqün tǝyyar ⱪilinƣan bolsimu, Biraⱪ ƣǝlibǝ-nijat pǝⱪǝt Pǝrwǝrdigardindur.