< پەند-نەسىھەتلەر 20 >
شاراب كىشىنى رەسۋا قىلار، ھاراق كىشىنى غالجىرلاشتۇرار؛ كىمكى ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئېزىپ كەتسە، ئەقىلسىزدۇر. | 1 |
Wine is a mocker and strong drink is a brawler; whoever is led astray by drink is not wise.
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قورقۇنچلۇقتۇر؛ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن، ئۆز جېنىغا جازا چۈشۈرەر. | 2 |
The fear of a king is like the fear of a young lion that is roaring; the one who makes him angry forfeits his life.
ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس. | 3 |
It is an honor for anyone to avoid conflict, but every fool jumps into an argument.
ھۇرۇن ئادەم قىشتا يەر ھەيدىمەس؛ يىغىم ۋاقتىدا يوقلۇقتا قېلىپ ئاشلىق تىلەر. | 4 |
The lazy person does not plow in autumn; he seeks a crop at harvest time but will have nothing.
كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-نىيەتلىرى چوڭقۇر سۇغا ئوخشاشتۇر؛ يورۇتۇلغان ئادەم ئۇلارنى تارتىپ ئالالايدۇ. | 5 |
The purpose in a human heart is like deep water, but someone with understanding will draw it out.
ئۆزىنى سادىق دەيدىغانلار كۆپتۇر؛ بىراق ئىشەنچلىك بىر ئادەمنى كىم تاپالىسۇن؟ | 6 |
Many a person proclaims he is loyal, but who can find one who is faithful?
ھەققانىي ئادەم دىيانەتلىك يولدا ماڭار؛ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بەخت-بەرىكەت قالدۇرۇلار! | 7 |
The righteous person walks in his integrity, and his sons who follow after him will be blessed.
پادىشاھ ئادالەت تەختىدە ئولتۇرغاندا، ھەممە يامانلىقنى كۆزى بىلەن قوغلايدۇ. | 8 |
A king who sits on the throne performing the duties of a judge is winnowing with his eyes all the evil that is before him.
كىم ئۆزىنى گۇناھدىن تازىلاندىم، ۋىجدانىم پاكلاندى، دېيەلەيدۇ؟ | 9 |
Who can say, “I have kept my heart pure; I am clean from my sin”?
ئىككى خىل تارازا تېشى، ئىككى خىل كۈرە ئىشلىتىش، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. | 10 |
Differing weights and unequal measures— Yahweh hates them both.
ھەتتا بالا ئۆز خىسلىتى بىلەن بىلىنەر؛ ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پاك، دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى ھەرىكەتلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرار. | 11 |
Even a youth is known by his actions, by whether his conduct is pure and upright.
كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، ھەر ئىككىسىنى پەرۋەردىگار ياراتتى. | 12 |
Ears that hear and eyes that see— Yahweh made them both.
ئۇيقۇغا ئامراق بولما، نامراتلىققا ئۇچرايسەن؛ كۆزۈڭنى ئېچىپ ئويغاق بول، نېنىڭ مول بولار. | 13 |
Do not love sleep or you will come to poverty; open your eyes and you will have plenty to eat.
خېرىدار مال ئالغاندا: «ناچار ئىكەن، ناچار ئىكەن!» دەپ قاقشايدۇ؛ ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن [«ئېسىل نەرسە، ئەرزان ئالدىم» دەپ] ماختىنىدۇ. | 14 |
“Bad! Bad!” says the buyer, but when he goes away he boasts.
ئالتۇن بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر؛ بىراق بىلىمنى بېغىشلىغان لەۋلەر نېمىدېگەن قىممەتلىك گۆھەردۇر! | 15 |
There is gold and an abundance of costly stones, but lips of knowledge are a precious jewel.
ياتقا كېپىل بولغان كىشىدىن قەرزگە تونىنى تۇتۇپ ئالغىن؛ يات خوتۇنغا كاپالەت بەرگەن كىشىدىن كاپالەت پۇلى ئال. | 16 |
Take a garment of one who has put up security for a stranger, and hold it in pledge when he puts up security for an immoral woman.
ئالداپ ئېرىشكەن تاماق تاتلىقتۇر؛ كېيىن، ئۇنىڭ يېگىنى شېغىل بولار. | 17 |
Bread gained by deceit tastes sweet, but afterward his mouth will be full of gravel.
پىلانلار مەسلىھەت بىلەن بېكىتىلەر؛ پىشقان كۆرسەتمە بىلەن جەڭ قىلغىن. | 18 |
Plans are established by advice and only with wise guidance should you wage war.
گەپ توشۇغۇچى سىرلارنى ئاشكارىلار؛ شۇڭا ۋالاقتەككۈر بىلەن ئارىلاشما. | 19 |
A gossip reveals secrets and so you should not associate with people who talk too much.
كىمكى ئاتا-ئانىسىنى ھاقارەت قىلسا، ئۇنىڭ چىرىغى زۇلمەت قاراڭغۇسىدا ئۆچەر! | 20 |
If a person curses his father or his mother, his lamp will be snuffed out in the middle of darkness.
تېز ئېرىشكەن مىراس ھامان بەرىكەتلىك بولماس. | 21 |
An inheritance gained quickly at the beginning will do less good in the end.
يامانلىققا يامانلىق قايتۇراي دېمە؛ پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كۈت، ئۇ دەردىڭگە يېتەر. | 22 |
Do not say, “I will pay you back for this wrong!” Wait for Yahweh and he will rescue you.
ئىككى خىل تارازا تېشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ساختا ئۆلچەم قەتئىي يارىماس. | 23 |
Yahweh hates unequal weights and dishonest scales are not good.
ئىنساننىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىنى پەرۋەردىگار بەلگىلەيدۇ؛ ئۇنداقتا ئىنسان ئۆز مۇساپىسىنى نەدىن بىلسۇن؟ | 24 |
A person's steps are directed by Yahweh; how then can he understand his way?
بىر نەرسىسىنى يېنىكلىك بىلەن «[خۇداغا] ئاتالغان!» دەپ ۋەدە بېرىش، قەسەملەردىن كېيىن ئىككىلىنىپ قايتا ئويلىنىش، ئۆز جېنىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنگە باراۋەر. | 25 |
It is a snare for a person to say rashly, “This thing is holy,” and begin to think about what it means only after making his vow.
دانا پادىشاھ يامانلارنى توپاننى سورۇغاندەك سورۇۋېتىدۇ، خامان تەپكەندەك تۇلۇق بىلەن يانجىۋېتەر. | 26 |
A wise king winnows the wicked and he turns a threshing wheel over them.
ئادەمنىڭ روھ-ۋىجدانى ــ پەرۋەردىگارنىڭ چىرىغىدۇر، ئۇ قەلبنىڭ ھەربىر تەگلىرىنى تەكشۈرۈپ پەرق ئېتەر. | 27 |
The spirit of a person is the lamp of Yahweh, searching all his inmost parts.
مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت پادىشاھنى ساقلايدۇ؛ ئۇ مېھىر-شەپقەت بىلەنلا ئۆز تەختىنى مۇستەھكەملەيدۇ. | 28 |
Covenant faithfulness and trustworthiness preserve the king; his throne is made secure by love.
ياش يىگىتلەرنىڭ قاۋۇللۇقى ئۇلارنىڭ پەخرىدۇر؛ قېرىلارنىڭ ئىززىتى ئاق چاچلىرىدۇر. | 29 |
The glory of young men is their strength and the splendor of old people is their gray hair.
تەربىيە يارىلىرى يامانلىقنى تازىلاپ چىقىرار، تاياق ئىزلىرى ئىچ-باغىرنى تازا قىلار. | 30 |
Blows that make a wound cleanse away evil and beatings make the innermost parts clean.