< پەند-نەسىھەتلەر 19 >
پەزىلەتلىك يولدا ماڭغان كەمبەغەل، ھىيلىگەر سۆزلۈك ئەخمەقتىن ياخشىدۇر. | 1 |
Melior est pauper, qui ambulat in simplicitate sua, quam dives torquens labia sua, et insipiens.
يەنە، غەيرىتى بار كىشى بىلىمسىز بولسا بولماس؛ ئالدىراڭغۇ يولدىن چىقار. | 2 |
Ubi non est scientia animae, non est bonum: et qui festinus est pedibus, offendet.
كىشىنىڭ ئەخمەقلىقى ئۆز يولىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەر؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ كۆڭلىدە پەرۋەردىگاردىن رەنجىپ ئاغرىنار. | 3 |
Stultitia hominis supplantat gressus eius: et contra Deum fervet animo suo.
بايلىق دوستنى كۆپ قىلار؛ مىسكىنلەر بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار. | 4 |
Divitiae addunt amicos plurimos: a paupere autem et hi, quos habuit, separantur.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ جازادىن قۇتۇلالماس. | 5 |
Testis falsus non erit impunitus: et qui mendacia loquitur, non effugiet.
تولا ئادەم سېخىيدىن ئىلتىپات كۆزلەر؛ سوۋغات بېرىپ تۇرغۇچىغا ھەممە كىشى دوستتۇر. | 6 |
Multi colunt personam potentis, et amici sunt dona tribuentis.
نامراتلاشقاندىن قېرىنداشلىرىمۇ زېرىكەر؛ ئۇنىڭ دوستلىرى تېخىمۇ يىراق قاچار؛ يالۋۇرۇپ قوغلىسىمۇ، ئۇلار تېپىلماس. | 7 |
Fratres hominis pauperis oderunt eum: insuper et amici procul recesserunt ab eo. Qui tantum verba sectatur, nihil habebit:
پەم-پاراسەتكە ئېرىشكۈچى ئۆزىگە كۆيۈنەر؛ نۇرنى ساقلىغان كىشىنىڭ بەختى بولار. | 8 |
qui autem possessor est mentis, diligit animam suam, et custos prudentiae inveniet bona.
يالغان گۇۋاھلىق قىلغان جازالانماي قالماس؛ يالغان ئېيتقۇچىمۇ ھالاك بولار. | 9 |
Falsus testis non erit impunitus: et qui loquitur mendacia, peribit.
ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس؛ قۇلنىڭ ئەمەلدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس. | 10 |
Non decent stultum deliciae: nec servum dominari principibus.
دانىشمەنلىك ئىگىسىنى ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايدىغان قىلار؛ خاتالىقنى يوپۇتۇپ كەچۈرۈش ئۇنىڭ شۆھرىتىدۇر. | 11 |
Doctrina viri per patientiam noscitur: et gloria eius est iniqua praetergredi.
پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۇۋلىشىغا ئوخشاش دەھشەتلىك بولار؛ ئۇنىڭ شەپقىتى يۇمران ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەك شېرىندۇر. | 12 |
Sicut fremitus leonis, ita et regis ira: et sicut ros super herbam, ita et hilaritas eius.
ئەخمەق ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالايىقازادۇر؛ ئۇرۇشقاق خوتۇننىڭ زارلاشلىرى توختىماي تېمىپ چۈشكەن تامچە-تامچە يېغىنغا ئوخشاشتۇر. | 13 |
Dolor patris, filius stultus: et tecta iugiter perstillantia, litigiosa mulier.
ئۆي بىلەن مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىلاردىن مىراستۇر؛ بىراق پەم-پاراسەتلىك خوتۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر. | 14 |
Domus, et divitiae dantur a parentibus: a Domino autem proprie uxor prudens.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇغا غەرق قىلار؛ بىكار تەلەپ ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى تارتار. | 15 |
Pigredo immittit soporem, et anima dissoluta esuriet.
[پەرۋەردىگارنىڭ] ئەمرىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئۆز جېنىنى ساقلار؛ ئۆز يوللىرىدىن ھېزى بولمىغان كىشى ئۆلەر. | 16 |
Qui custodit mandatum, custodit animam suam: qui autem negligit viam suam, mortificabitur.
كەمبەغەللەرگە رەھىمدىللىق قىلغان، پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەردۇر؛ ئۇنىڭ شەپقىتىنى [پەرۋەردىگار] قايتۇرار. | 17 |
Foeneratur Domino qui miseretur pauperis: et vicissitudinem suam reddet ei.
پەرزەنتىڭنىڭ تەربىيىنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىدۋار بولۇپ، ئۇنى جازالاپ تەربىيە بېرىپ تۇرغىن؛ لېكىن ئۇنى ئۆلگۈچە خار بولسۇن دېگۈچى بولما. | 18 |
Erudi filium tuum, ne desperes: ad interfectionem autem eius ne ponas animam tuam.
قەھرلىك كىشى جازا تارتار؛ ئۇنى قۇتقۇزماقچى بولساڭ، قايتا-قايتا قۇتقۇزۇشۇڭ كېرەك. | 19 |
Qui impatiens est, sustinebit damnum: et cum rapuerit, aliud apponet.
نەسىھەتنى ئاڭلىغىن، تەربىيەنى قوبۇل قىلغىن، ئۇنداق قىلغاندا كېيىنكى كۈنلىرىڭدە دانا بولىسەن. | 20 |
Audi consilium, et suscipe disciplinam, ut sis sapiens in novissimis tuis.
كىشىنىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن نىيەتلەر بار؛ ئاخىرىدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ دالالەت-ھىدايىتىدىن چىققان ئىش ئاقار. | 21 |
Multae cogitationes in corde viri: voluntas autem Domini permanebit.
كىشىنىڭ يېقىملىقى ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىندۇر؛ مىسكىن بولۇش يالغانچىلىقتىن ياخشىدۇر. | 22 |
Homo indigens misericors est: et melior est pauper quam vir mendax.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش كىشىنى ھاياتقا ئېرىشتۈرەر؛ ئۇ كىشى خاتىرجەم، توق ياشاپ، بالايىقازا چۈشۈرۈلۈشىدىن خالىي بولار. | 23 |
Timor Domini ad vitam: et in plenitudine commorabitur, absque visitatione pessimi.
ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلار. | 24 |
Abscondit piger manum suam sub ascella, nec ad os suum applicat eam.
ھاكاۋۇرغا قىلىنغان تاياق جازاسى ساددىغا قىلىنغان ئىبرەتتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشىگە بېرىلگەن تەنبىھ، ئۇنىڭ بىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلار. | 25 |
Pestilente flagellato stultus sapientior erit: si autem corripueris sapientem, intelliget disciplinam.
ئاتىسىنىڭ مېلىنى بۇلىغان، ئانىسىنى ئۆيىدىن ھەيدەپ چىقارغان، رەسۋالىق، ئىزا-ئاھانەت قالدۇرغۇچى ئوغۇلدۇر. | 26 |
Qui affligit patrem, et fugit matrem, ignominiosus est et infelix.
ئى ئوغۇل، نەسىھەتكە قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالساڭ، ئەقىلنىڭ تەلىملىرىدىن يىراقلاشقىنىڭدۇر. | 27 |
Non cesses fili audire doctrinam, nec ignores sermones scientiae.
پەسكەش گۇۋاھچى ئادالەتنى مازاق قىلغۇچىدۇر؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزى رەزىللىكنى يۇتار. | 28 |
Testis iniquus deridet iudicium: et os impiorum devorat iniquitatem.
ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر. | 29 |
Parata sunt derisoribus iudicia: et mallei percutientes stultorum corporibus.