< پەند-نەسىھەتلەر 18 >
كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ يالغۇز يۈرگەن كىشى ھامان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتار؛ ھەرقانداق چىن ھېكمەتكە ھامان جان-جەھلى بىلەن قارشى چىقار. | 1 |
He who separateth himself seeketh his own desire; Against all sound discretion he rusheth on.
ئەخمەق يورۇتۇلۇشقا قىزىقماس؛ قىزىقىدىغىنى پەقەت ئۆز ئويلىغانلىرىنى كۆرسىتىشلا، خالاس. | 2 |
The fool hath no delight in understanding, But rather in revealing his own mind.
يامان كىشى كەلسە، نەپرەتمۇ پەيدا بولار؛ نومۇسسىز ئىش ئىزا-ئاھانەتتىن ئايرىلماس. | 3 |
When the wicked cometh, then cometh also contempt; And with baseness, shame.
ئادەمنىڭ سۆزلىرى چوڭقۇر سۇلارغا ئوخشار؛ دانالىق بۇلىقى ئېرىق سۈيىدەك ئۆركەشلەپ ئاقار. | 4 |
The words of a man's mouth are deep waters, And the wellspring of wisdom is an overflowing brook.
يامانغا يان بېسىشقا، سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس. | 5 |
It is not good to be partial to the wicked, So as to overthrow the righteous in judgment.
ئەخمەقنىڭ لەۋلىرى ئۇنى جېدەلگە باشلار؛ ئۇنىڭ ئاغزى «مېنى دۇمبالا» دەپ تەكلىپ قىلار. | 6 |
The lips of a fool enter into strife, And his mouth calleth for blows.
ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۆز بېشىغا ھالاكەتتۇر؛ ئۇنىڭ لەۋلىرى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر. | 7 |
A fool's mouth is his destruction, And his lips are a snare for his life.
غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك، كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. | 8 |
The words of a talebearer are like sweet morsels; For they go down to the innermost parts of the body.
ئىشىدا ھۇرۇن بولغان كىشىمۇ، بۇزغۇنچى بىلەن ئۈلپەتداش بولىدۇ. | 9 |
Moreover, he that is slothful in his work Is brother to him that is a great waster.
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەزمۇت مۇناردۇر؛ ھەققانىيلار ئۇنىڭ ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ يۇقىرىدا ئامان بولار. | 10 |
The name of the LORD is a strong tower; The righteous runneth to it, and is safe.
باي ئادەم مال-دۇنياسىنى «مۇستەھكەم شەھىرىم» دەپ بىلەر؛ نەزىرىدە ئۆزىنى ساقلايدىغان ئېگىز سېپىلدەك تۇرار. | 11 |
The rich man's wealth is his strong city, And as a high wall, in his own conceit.
بىتچىت بولۇشتىن ئاۋۋال، كۆڭۈلگە تەكەببۇرلۇق كېلەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. | 12 |
Before destruction the heart of a man is haughty, And before honor is humility.
سۆزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ، ئالدىراپ جاۋاب بەرگەن، ئەخمەقلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى خىجالەتتە قالدۇرۇر. | 13 |
He who answereth a matter before he hath heard it, It is folly and shame to him.
تەندىكى ئاغرىق ئازابىغا ئادەمنىڭ ئۆز روھى بەرداشلىق بەرگۈزەر؛ بىراق روھى سۇنغان بولسا ئۇنى كىم كۆتۈرەر؟ | 14 |
The spirit of a man will sustain his infirmity; But a wounded spirit who can bear?
يورۇتۇلغاننىڭ قەلبى بىلىمگە ئېرىشمەكتە، ئاقىلانىنىڭ قۇلاقلىرى بىلىمنى ئىزدىمەكتە. | 15 |
The heart of the intelligent will acquire knowledge, And the ear of the wise will seek knowledge.
سوۋغات ئۆز ئىگىسىگە ئىشىكنى داغدام ئېچىپ بېرەر؛ ئۇنى چوڭ ئەربابلار ئالدىغا يەتكۈزەر. | 16 |
A gift maketh room for a man, And bringeth him into the presence of the great.
دەۋا قىلغاندا، ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق كۆرۈنەر؛ لېكىن قارشى تەرەپ سوئال قويۇپ ئىشنى سۈرۈشتۈرەر. | 17 |
He that first pleadeth his cause appeareth just; But his opponent cometh, and searcheth him through.
چەك تاشلاش جېدەللەرنى تۈگىتەر؛ غوجىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنىمۇ ھەل قىلار. | 18 |
The lot causeth contentions to cease, And parteth asunder the mighty.
رەنجىگەن قېرىنداشنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش مۇستەھكەم شەھەرنى ئېلىشتىنمۇ تەس؛ جېدەل-ماجىرا قورغاننىڭ تاقاق-بالداقلىرىغا ئوخشاشتۇر. | 19 |
A brother offended is harder to be won than a strong city; Yea, their contentions are like the bars of a castle.
ئادەم [دۇرۇس] سۆزلىگەنلىكىدىن قورسىقى توق بولار؛ ئۆز كۆڭلىدىن چىققان سۆزلىرىدىن مول ھوسۇل ئالار. | 20 |
With the fruit of a man's mouth shall his stomach be filled; He shall be filled with the produce of his lips.
ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنىڭ تەسىرىنى ئەتىۋارلىسا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەر. | 21 |
Death and life are in the power of the tongue; They that love it shall eat its fruit.
خوتۇننى تاللاپ ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. | 22 |
He that findeth a wife findeth a blessing, And obtaineth favor from the LORD.
مىسكىنلەر پەس ئاۋازدا يېلىنىپ سۆزلەر؛ باي بولسا قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرەر. | 23 |
The poor useth entreaties; But the rich answereth roughly.
دوستنى كۆپ تۇتقان كىشى خاراب بولار؛ لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن باغلانغان بىر دوست باردۇر. | 24 |
A man of many friends will show himself false; Yet there is a friend who sticketh closer than a brother.