< پەند-نەسىھەتلەر 17 >
قۇربانلىق گۆشلىرىگە تولغان جېدەللىك ئۆيدىن، بىر چىشلەم قۇرۇق نان يەپ، كۆڭۈل تىنچلىقتا بولغان ئەۋزەل. | 1 |
Bedre et stykke tørt brød med ro og fred enn et hus fullt av slakt med trette.
خىزمەتكار چېۋەر بولسا، خوجىسىنىڭ نومۇستا قويغۇچى ئوغلىنى باشقۇرار؛ كەلگۈسىدە ئۇ خوجىنىڭ ئوغلى قاتارىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مىراسنى تەقسىم قىلار. | 2 |
En klok tjener får råde over en dårlig sønn, og iblandt brødrene får han del i arven.
ساپال قازان كۈمۈشنى تاۋلار، چاناق ئالتۇننى تاۋلار، بىراق ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار. | 3 |
Der er digel for sølv og ovn for gull; men den som prøver hjertene, er Herren.
قەبىھ كىشى يامان سۆزلەرگە ئىشىنەر؛ يالغانچى پىتنىچىلەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالار. | 4 |
Den onde akter på ondskaps lebe; løgneren lytter til ødeleggelses tunge.
مىسكىنلەرنى مەسخىرە قىلغۇچى، ئۆزىنى ياراتقۇچىنى ھاقارەتلىگۈچىدۇر؛ باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولغان كىشى جازاسىز قالماس. | 5 |
Den som spotter den fattige, håner hans skaper; den som gleder sig over ulykke, skal ikke bli ustraffet.
قېرىلارنىڭ نەۋرىلىرى ئۇلارنىڭ تاجىدۇر؛ پەرزەنتلەرنىڭ پەخرى ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىدۇر. | 6 |
De gamles krone er barnebarn, og barns pryd er deres fedre.
ئەخمەق يارىشىق گەپ قىلسا ئۇنىڭغا ياراشماس؛ مۆتىۋەر يالغان سۆزلىسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياراشماس. | 7 |
Det sømmer sig ikke for dåren å tale store ord, enn mindre for den høibårne å tale løgn.
پارا ــ ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە ئېسىل بىر گۆھەردۇر؛ گويا ئۇنى نەگىلا ئىشلەتسە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغاندەك. | 8 |
Gave er en edelsten i dens øine som får den; hvor den kommer, gjør den lykke.
باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى يوپۇتۇپ كەچۈرگەن كىشى مېھىر-مۇھەببەتنى كۆزلەر؛ كونا خاماننى سورىغان كىشى يېقىن دوستلارنى دۈشمەن قىلار. | 9 |
Den som dekker over overtredelse, søker kjærlighet; men den som ripper op en sak, skiller venn fra venn.
ئاقىلانىگە سىڭگەن بىر ئېغىز تەنبىھ، ئەخمەققە ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن ئۈنۈملۈكتۇر. | 10 |
Skjenn virker bedre på den forstandige enn hundre slag på dåren.
يامانلار پەقەت ئاسىيلىقنى كۆزلەر؛ ئۇنى جازالاشقا رەھىمسىز بىر ئەلچى ئەۋەتىلەر. | 11 |
En ond manns hu står bare til gjenstridighet, og en ubarmhjertig engel sendes imot ham.
ئەخمىقانە ئىش قىلىۋاتقان نادان كىشىگە ئۇچراپ قالغاندىن كۆرە، بالىلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا يولۇقۇپ قالغان ياخشى. | 12 |
Bedre for en mann å møte en bjørn som ungene er tatt fra, enn en dåre i hans dårskap.
كىمكى ياخشىلىققا يامانلىق قىلسا، ئىشىكىدىن بالايىقازا نېرى كەتمەس. | 13 |
Den som gjengjelder godt med ondt, fra hans hus skal ulykken ikke vike.
جېدەلنىڭ باشلىنىشى توسمىنى سۇ ئېلىپ كەتكەنگە ئوخشايدۇ؛ شۇڭا جېدەل پارتلاشتىن ئاۋۋال تالاش-تارتىشتىن قول ئۈزگىن. | 14 |
Å begynne trette er som å åpne for vann; la da tretten fare, før den blir for voldsom!
ياماننى ئاقلىغان، ھەققانىيغا قارا چاپلىغان، ئوخشاشلا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. | 15 |
Den som frikjenner en ugudelig, og den som domfeller en rettferdig, de er begge to en vederstyggelighet for Herren.
ئەخمەقنىڭ كۆڭلى دانالىقنى ئەتىۋارلىمىسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ قولىدا دانالىقنى سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولسۇن؟ | 16 |
Hvad hjelper penger i dårens hånd til å kjøpe visdom, siden han er uten forstand?
[ھەقىقىي] دوست ھەردائىم ساڭا مۇھەببەت كۆرسىتەر، [ھەقىقىي] قېرىنداش يامان كۈنۈڭ ئۈچۈن ياردەمگە دۇنياغا كەلگەندۇر. | 17 |
En venn elsker alltid, og en bror fødes til hjelp i nød.
ئەقىلسىز كىشى قول بېرىپ، يېقىنى ئۈچۈن كېپىل بولىدۇ. | 18 |
Et menneske som ikke har forstand, gir håndslag og går i borgen hos sin næste.
جېدەلگە ئامراق گۇناھقا ئامراقتۇر؛ بوسۇغىنى ئېگىز قىلغان ھالاكەتنى ئىزدەر. | 19 |
Den som elsker trette, elsker synd; den som gjør sin dør høi, søker sin egen undergang.
نىيىتى بۇزۇلغان ياخشىلىق كۆرمەس؛ تىلىدا ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغۇچى بالاغا يولۇقار. | 20 |
Den som er falsk i hjertet, finner intet godt, og den som er vrang i sin tale, faller i ulykke.
بالا ئەخمەق بولسا، ئاتا غەم-قايغۇغا پاتار؛ ھاماقەتنىڭ ئاتىسى خۇشاللىق كۆرمەس. | 21 |
Den som har en narr til sønn, får sorg av ham; en dåres far har ingen glede.
شاد كۆڭۈل شىپالىق دورىدەك تەنگە داۋادۇر؛ سۇنۇق روھ-دىل ئادەمنىڭ يىلىكىنى قۇرۇتار. | 22 |
Et glad hjerte gir god lægedom, men et nedslått mot tar margen fra benene.
چىرىك ئادەم يەڭ ئىچىدە پارىنى قوبۇل قىلار؛ ئۇ ئادالەتنىڭ يولىنى بۇرمىلار. | 23 |
Den ugudelige tar gaver ut av barmen for å bøie rettens gang.
دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرار؛ بىراق ئەقىلسىزنىڭ كۆزى خىيالكەشلىك قىلىپ قۇتۇپتا يۈرەر. | 24 |
Den forstandige har visdommen for øie, men dårens øine er ved jordens ende.
گالۋاڭ بالا ئاتىنى ئازابغا سالار؛ ئۇنى تۇغقۇچىنىڭمۇ دەردى بولار. | 25 |
En uforstandig sønn er en gremmelse for sin far og en bitter sorg for henne som fødte ham.
ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇشقا قەتئىي بولماس؛ ئەمىرلەرنى ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن دۇمبالاشقا بولماس. | 26 |
Å straffe også den rettferdige er ikke godt; å slå edle menn er tvert imot all rett.
بىلىمى بار كىشى كەم سۆزلۈك بولار؛ يورۇتۇلغان ئادەم قالتىس ئېغىر-بېسىق بولار. | 27 |
Den som er sparsom med sine ord, er klok, og den koldsindige er en forstandig mann.
ھەتتا ئەخمەقمۇ ئاز سۆزلىسە دانا ھېسابلىنار؛ تىلىنى تىزگىنلىگەن كىشى دانىشمەن سانىلار. | 28 |
Også dåren aktes for klok når han tier, for vis når han holder sine leber lukket.