< پەند-نەسىھەتلەر 15 >
مۇلايىم جاۋاب غەزەپنى باسار؛ قوپال سۆز ئاچچىقنى قوزغار. | 1 |
Mulayim jawab ƣǝzǝpni basar; Ⱪopal sɵz aqqiⱪni ⱪozƣar.
ئاقىلانىلەرنىڭ تىلى بىلىمنى جارى قىلار؛ ئەخمەقنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ تۆكەر. | 2 |
Aⱪilanilǝrning tili bilimni jari ⱪilar; Əhmǝⱪning aƣzi ⱪuruⱪ gǝp tɵkǝr.
پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەر يەردە يۈرەر؛ ياخشى-يامانلارنى كۆرۈپ تۇرار. | 3 |
Pǝrwǝrdigarning kɵzi ⱨǝr yǝrdǝ yürǝr; Yahxi-yamanlarni kɵrüp turar.
شىپا يەتكۈزگۈچى تىل خۇددى بىر «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ تىلى ئەگرىلىك كىشىنىڭ روھىنى سۇندۇرار. | 4 |
Xipa yǝtküzgüqi til huddi bir «ⱨayatliⱪ dǝrihi»dur; Tili ǝgrilik kixining roⱨini sundurar.
ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە پىسەنت قىلماس؛ لېكىن ئاتىسىنىڭ تەنبىھىگە قۇلاق سالغان زېرەك بولار. | 5 |
Əhmǝⱪ atisining tǝrbiyisigǝ pisǝnt ⱪilmas; Lekin atisining tǝnbiⱨigǝ ⱪulaⱪ salƣan zerǝk bolar.
ھەققانىينىڭ ئۆيىدە گۆھەرلەر كۆپتۇر؛ بىراق ياماننىڭ تاپاۋىتى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپار. | 6 |
Ⱨǝⱪⱪaniyning ɵyidǝ gɵⱨǝrlǝr kɵptur; Biraⱪ yamanning tapawiti ɵzigǝ awariqilik tapar.
دانانىڭ لەۋلىرى بىلىم تارقىتار؛ ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىن ھېچ بىلىم چىقماس. | 7 |
Dananing lǝwliri bilim tarⱪitar; Əhmǝⱪning kɵnglidin ⱨeq bilim qiⱪmas.
يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ دۇرۇسلارنىڭ دۇئاسى ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. | 8 |
Yamanlarning ⱪurbanliⱪi Pǝrwǝrdigarƣa yirginqliktur; Duruslarning duasi Uning hursǝnlikidur.
يامانلارنىڭ يولى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن ھەققانىيەتنى ئىنتىلىپ ئىزدىگۈچىنى ئۇ ياخشى كۆرەر. | 9 |
Yamanlarning yoli Pǝrwǝrdigarƣa yirginqliktur; Lekin ⱨǝⱪⱪaniyǝtni intilip izdigüqini U yahxi kɵrǝr.
توغرا يولدىن چىققانلار ئازابلىق تەربىيىنى كۆرەر؛ تەنبىھگە ئۆچ بولغۇچى ئۆلەر. | 10 |
Toƣra yoldin qiⱪⱪanlar azabliⱪ tǝrbiyini kɵrǝr; Tǝnbiⱨgǝ ɵq bolƣuqi ɵlǝr.
تەھتىسارا ۋە ھالاكەت پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق تۇرغان يەردە، ئىنسان كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرنى قانداقمۇ ئۇنىڭدىن يوشۇرالىسۇن؟! (Sheol ) | 11 |
Tǝⱨtisara wǝ ⱨalakǝt Pǝrwǝrdigarning kɵz aldida oquⱪ turƣan yǝrdǝ, Insan kɵnglidiki oy-pikirni ⱪandaⱪmu Uningdin yoxuralisun?! (Sheol )
ھاكاۋۇر تەنبىھ بەرگۈچىنى ياقتۇرماس؛ ئۇ ئاقىلانىلەردىن نەسىھەت ئېلىشقا بارماس. | 12 |
Ⱨakawur tǝnbiⱨ bǝrgüqini yaⱪturmas; U aⱪilanilǝrdin nǝsiⱨǝt elixⱪa barmas.
كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار؛ دەرد-ئەلەم تارتسا، روھى سۇنار. | 13 |
Kɵngül xad bolsa, hux qiray bolar; Dǝrd-ǝlǝm tartsa, roⱨi sunar.
يورۇتۇلغان كۆڭۈل بىلىمنى ئىزدەر؛ ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى نادانلىقنى ئوزۇق قىلار. | 14 |
Yorutulƣan kɵngül bilimni izdǝr; Əⱪilsizning aƣzi nadanliⱪni ozuⱪ ⱪilar.
ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەممە كۈنلىرى تەستە ئۆتەر؛ بىراق شاد كۆڭۈل ھەركۈنىنى ھېيتتەك ئۆتكۈزەر. | 15 |
Ezilgǝnlǝrning ⱨǝmmǝ künliri tǝstǝ ɵtǝr; Biraⱪ xad kɵngül ⱨǝrkünini ⱨeyttǝk ɵtküzǝr.
زور بايلىق بىلەن بىئاراملىق تاپقاندىن، ئازغا شۈكۈر قىلىپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ئەۋزەل. | 16 |
Zor bayliⱪ bilǝn biaramliⱪ tapⱪandin, Azƣa xükür ⱪilip, Pǝrwǝrdigardin ǝymǝngǝn ǝwzǝl.
نەپرەت ئىچىدە يېگەن بورداق گۆشتە قىلىنغان كاتتا زىياپەتتىن، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە يېگەن كۆكتات ئەۋزەل. | 17 |
Nǝprǝt iqidǝ yegǝn bordaⱪ gɵxtǝ ⱪilinƣan katta ziyapǝttin, Meⱨir-muⱨǝbbǝt iqidǝ yegǝn kɵktat ǝwzǝl.
تېرىككەك كىشى جېدەل چىقىرار؛ ئېغىر-بېسىق تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. | 18 |
Terikkǝk kixi jedǝl qiⱪirar; Eƣir-besiⱪ talax-tartixlarni tinqlandurar.
ھۇرۇننىڭ يولى تىكەنلىك قاشادۇر، دۇرۇس ئادەمنىڭ يولى كۆتۈرۈلگەن يولدەك داغدامدۇر. | 19 |
Ⱨurunning yoli tikǝnlik ⱪaxadur, Durus adǝmning yoli kɵtürülgǝn yoldǝk daƣdamdur.
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئانىسىنى كەمسىتەر. | 20 |
Dana oƣul atisini xad ⱪilar; Əⱪilsiz adǝm anisini kǝmsitǝr.
ئەقلى يوق كىشى ئەخمەقلىقى بىلەن خۇشتۇر؛ يورۇتۇلغان كىشى يولىنى توغرىلاپ ماڭار. | 21 |
Əⱪli yoⱪ kixi ǝhmǝⱪliⱪi bilǝn huxtur; Yorutulƣan kixi yolini toƣrilap mangar.
مەسلىھەتسىز ئىش قىلغاندا نىشانلار ئەمەلگە ئاشماس؛ مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا مۇددىئالار ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. | 22 |
Mǝsliⱨǝtsiz ix ⱪilƣanda nixanlar ǝmǝlgǝ axmas; Mǝsliⱨǝtqi kɵp bolƣanda muddialar ǝmǝlgǝ axurular.
كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر! | 23 |
Kixigǝ jayida bǝrgǝn jawabidin hux bolar, Dǝl waⱪtida ⱪilƣan sɵz nǝⱪǝdǝr yahxidur!
ھاياتلىق يولى ئەقىللىق كىشىنى يۇقىرىغا باشلايدۇكى، ئۇنى چوڭقۇر تەھتىسارادىن قۇتقۇزار. (Sheol ) | 24 |
Ⱨayatliⱪ yoli ǝⱪilliⱪ kixini yuⱪiriƣa baxlayduki, Uni qongⱪur tǝⱨtisaradin ⱪutⱪuzar. (Sheol )
پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار. | 25 |
Pǝrwǝrdigar tǝkǝbburning ɵyini yuluwetǝr; Biraⱪ U tul hotunlarƣa pasillarni turƣuzar.
يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر. | 26 |
Yamanlarning oy-pikri Pǝrwǝrdigarƣa yirginqliktur; Biraⱪ sap dilning sɵzliri sɵyümlüktur.
ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر. | 27 |
Aq kɵz kixi ɵz ailisigǝ awariqilik kǝltürǝr; Para elixⱪa nǝprǝtlǝngǝn kixi kün kɵrǝr.
ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر. | 28 |
Ⱨǝⱪⱪaniy adǝm ⱪandaⱪ jawab berixtǝ ⱪayta-ⱪayta oylinar; Yaman adǝmning aƣzidin xumluⱪ tɵkülǝr.
پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار. | 29 |
Pǝrwǝrdigar yaman adǝmdin yiraⱪtur; Biraⱪ U ⱨǝⱪⱪaniyning duasini anglar.
خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار. | 30 |
Hux kɵzlǝr kɵngülni xadlandurar; Hux hǝwǝr ustihanlarƣa gɵx-may ⱪondurar.
ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغان كىشى دانالارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالار. | 31 |
Ⱨayatliⱪⱪa elip baridiƣan tǝnbiⱨkǝ ⱪulaⱪ salƣan kixi danalarning ⱪataridin orun alar.
تەربىيەنى رەت قىلغان ئۆز جېنىنى خار قىلار؛ تەنبىھگە قۇلاق سالغان يورۇتۇلار. | 32 |
Tǝrbiyǝni rǝt ⱪilƣan ɵz jenini har ⱪilar; Tǝnbiⱨgǝ ⱪulaⱪ salƣan yorutular.
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر؛ ئاۋۋال كەمتەرلىك بولسا، ئاندىن شۆھرەت كېلەر. | 33 |
Pǝrwǝrdigardin ⱪorⱪux adǝmgǝ danaliⱪ ɵgitǝr; Awwal kǝmtǝrlik bolsa, andin xɵⱨrǝt kelǝr.