< پەند-نەسىھەتلەر 14 >
ھەربىر دانا ئايال ئۆز ئائىلىسىنى ئاۋات قىلار؛ ئەخمەق ئايال ئائىلىسىنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلار. | 1 |
The wisdom of women buildeth their house; but folly plucketh it down with her hands.
دۇرۇسلۇق يولىدا ماڭىدىغان كىشى پەرۋەردىگاردىن قورقار؛ قىڭغىر يولدا ماڭغان كىشى [خۇدانى] كۆزگە ئىلماس. | 2 |
He that walketh in his uprightness feareth Jehovah; but he that is perverted in his ways despiseth him.
ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى ئۆزىگە تاياق بولار؛ ئاقىلانىنىڭ لەۋلىرى ئۆزىنى قوغدار. | 3 |
In the fool's mouth is a rod of pride; but the lips of the wise shall preserve them.
ئۇلاغ بولمىسا، ئېغىل پاك-پاكىز تۇرار؛ بىراق ئۆكۈزنىڭ كۈچى بولغاندىلا [ساڭغا] ئاشلىق تولار. | 4 |
Where no oxen are, the crib is clean; but much increase is by the strength of the ox.
ئىشەنچلىك گۇۋاھچى يالغان ئېيتماس؛ ساختا گۇۋاھچى يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. | 5 |
A faithful witness will not lie; but a false witness uttereth lies.
ھاكاۋۇرلار دانالىق ئىزدەپ تاپالماس؛ بىراق يورۇتۇلغان ئادەمگە بىلىم ئېلىش ئاسانغا چۈشەر. | 6 |
A scorner seeketh wisdom, and there is none [for him]; but knowledge is easy unto the intelligent.
بىراۋنىڭ ئاغزىدا بىلىم يوقلۇقىنى بىلىپ يەتكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت. | 7 |
Go from the presence of a foolish man, in whom thou perceivest not the lips of knowledge.
ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى ئويلىنىشتىدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىكى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىشىدۇر. | 8 |
The wisdom of the prudent is to discern his way; but the folly of the foolish is deceit.
ئەخمەقلەر بولسا «ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى»نى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەققانىيلار ئارىسىدا بولسا ئىلتىپات تېپىلار. | 9 |
Fools make a mock at trespass; but for the upright there is favour.
كۆڭۈلدىكى دەردنى پەقەت ئۆزىلا كۆتۈرەلەر؛ كۆڭۈلدىكى خۇشلۇققىمۇ باشقىلار شېرىك بولالماس. | 10 |
The heart knoweth its own bitterness, and a stranger doth not intermeddle with its joy.
ياماننىڭ ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشەر؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ چېدىرى گۈللىنىپ كېتەر. | 11 |
The house of the wicked shall be overthrown; but the tent of the upright shall flourish.
ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار، لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر. | 12 |
There is a way that seemeth right unto a man, but the end thereof is the ways of death.
ئويۇن-كۈلكە بولسا قەلبتىكى غەم-قايغۇنى ياپار، خۇشاللىق ئۆتۈپ كەتكەندە، غەم-قايغۇ يەنىلا قالار. | 13 |
Even in laughter the heart is sorrowful, and the end of mirth is sadness.
توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ يانغان ئادەم ھامان ئۆز يولىدىن تويار؛ ياخشى ئادەم ئۆز ئىشىدىن قانائەتلىنەر. | 14 |
The backslider in heart shall be filled with his own ways, and the good man from what is in himself.
ساددىلار ھەممە گەپكە ئىشىنىپ كېتەر؛ لېكىن پەم-پاراسەتلىك كىشى ھەربىر قەدەمنى ئاۋايلاپ باسار. | 15 |
The simple believeth every word; but the prudent [man] heedeth his going.
دانا ئادەم ئېھتىياتچان بولۇپ ئاۋارىچىلىكتىن نېرى كېتەر؛ ئەخمەق ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئالدىغا ماڭار. | 16 |
A wise [man] feareth and departeth from evil; but the foolish is overbearing and confident.
تېرىككەك ئەخمەقلىق قىلار؛ نەيرەڭۋاز ئادەم نەپرەتكە ئۇچرار. | 17 |
He that is soon angry dealeth foolishly, and a man of mischievous devices is hated.
ساددىلار ئەخمەقلىققا ۋارىسلىق قىلار؛ پەم-پاراسەتلىكلەر بىلىمنى ئۆز تاجى قىلار. | 18 |
The simple inherit folly; but the prudent are crowned with knowledge.
يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلەر؛ قەبىھلەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا [باش ئۇرار]. | 19 |
The evil bow before the good, and the wicked at the gates of the righteous [man].
نامرات كىشى ھەتتا ئۆز يېقىنىغىمۇ يامان كۆرۈنەر. باينىڭ دوستى بولسا كۆپتۇر. | 20 |
He that is poor is hated even of his own neighbour; but the rich hath many friends.
يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر؛ لېكىن مىسكىنلەرگە رەھىم قىلغان بەرىكەت تاپار. | 21 |
He that despiseth his neighbour sinneth; but he that is gracious to the afflicted, happy is he.
يامانلىق ئويلىغانلار يولدىن ئاداشقانلاردىن ئەمەسمۇ؟ بىراق ياخشىلىق ئويلىغانلار رەھىم-شەپقەت، ھەقىقەت-سادىقلىققا مۇيەسسەر بولار. | 22 |
Do they not err that devise evil? but loving-kindness and truth are for those that devise good.
ھەممە مېھنەتتىن پايدا چىقار؛ بىراق قۇرۇق پاراڭلار ئادەمنى موھتاجلىقتا قالدۇرار. | 23 |
In all labour there is profit; but the talk of the lips [tendeth] only to want.
ئاقىلانىلەر ئۈچۈن بايلىقلار بىر تاجدۇر؛ ئەخمەقلەرنىڭ نادانلىقىدىن پەقەت يەنە شۇ نادانلىقلا چىقار. | 24 |
The crown of the wise is their riches; the folly of the foolish is folly.
ھەققانىي گۇۋاھلىق بەرگۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزار؛ يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان [گۇۋاھچى] يالغان گەپنى نەپەستەك تىنار. | 25 |
A true witness delivereth souls; but deceit uttereth lies.
پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغاننىڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار. | 26 |
In the fear of Jehovah is strong confidence, and his children shall have a place of refuge.
پەرۋەردىگاردىن قورقۇش ھاياتنىڭ بۇلىقىدۇر؛ ئۇ كىشىنى ئەجەللىك تۇزاقلاردىن قۇتقۇزار. | 27 |
The fear of Jehovah is a fountain of life, to turn away from the snares of death.
پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپلىكىدىندۇر؛ پۇقراسىنىڭ كەملىكى ئەمىرنىڭ ھالاكىتىدۇر. | 28 |
In the multitude of people is the king's glory; but in the lack of people is the ruin of a prince.
ئېغىر-بېسىق كىشى ئىنتايىن ئاقىل كىشىدۇر؛ چېچىلغاق ئەخمەقلىقنى ئۇلۇغلار. | 29 |
He that is slow to anger is of great understanding; but he that is hasty of spirit exalteth folly.
خاتىرجەم كۆڭۈل تەننىڭ ساقلىقىدۇر؛ ھەسرەت چېكىش بولسا سۆڭەكلەرنى چىرىتار. | 30 |
A sound heart is the life of the flesh; but envy the rottenness of the bones.
مىسكىننى بوزەك قىلغۇچى ــ پەرۋەردىگارغا ھاقارەت قىلغۇچىدۇر؛ ھاجەتمەنلەرگە شاپائەت قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر. | 31 |
He that oppresseth the poor reproacheth his Maker; but he that honoureth Him is gracious to the needy.
يامان ئۆز يامانلىقى ئىچىدە يىقىتىلار؛ ھەققانىي ئادەم ھەتتا سەكراتتا ياتقاندىمۇ خاتىرجەم بولار. | 32 |
The wicked is driven away by his evil-doing; but the righteous trusteth, [even] in his death.
يورۇتۇلغان كىشىنىڭ كۆڭلىدە دانالىق ياتار؛ بىراق ئەخمەقنىڭ كۆڭلىدىكىسى ئاشكارا بولماي قالماس. | 33 |
Wisdom resteth in the heart of the intelligent [man]; but that which is in the foolish maketh itself known.
ھەققانىيەت ھەرقايسى ئەلنى يۇقىرى كۆتۈرەر؛ گۇناھ ھەرقانداق مىللەتنى نومۇسقا قالدۇرار. | 34 |
Righteousness exalteth a nation; but sin is a reproach to peoples.
پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ئەقىللىق خىزمەتكارنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ بىراق ئۇنىڭ غەزىپى نومۇستا قالدۇرغۇچى ئۇياتسىز خىزمەتكارىنىڭ بېشىغا چۈشەر. | 35 |
The king's favour is toward a wise servant; but his wrath is [against] him that causeth shame.