< پەند-نەسىھەتلەر 13 >
دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار؛ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھكە قۇلاق سالماس. | 1 |
Moder sin posluša poučevanje svojega očeta, toda posmehljivec ne posluša oštevanja.
ئادەم دۇرۇس ئېغىزىنىڭ مېۋىسىدىن ھۇزۇرلىنار؛ تۇزكورلار زوراۋانلىققا ھەۋەس قىلىپ زوراۋانلىققا ئۇچرار. | 2 |
Človek bo jedel dobro po sadu svojih ust, toda duša prestopnikov bo jedla nasilje.
سۆزدە ئېھتىياتچان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار؛ ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە ئۇچرار. | 3 |
Kdor varuje svoja usta, varuje svoje življenje, toda kdor široko odpira svoje ustnice, bo imel uničenje.
ھۇرۇننىڭ ئارزۇ-تىلىكى بار، لېكىن ئېرىشەلمەس؛ لېكىن تىرىشچان ئەتلىنەر. | 4 |
Lenuhova duša želi, pa nima ničesar, toda duša marljivega bo postala obilna.
ھەققانىي ئادەم يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر؛ قەبىھ بولسا سېسىپ، شەرمەندە بولار. | 5 |
Pravičen človek sovraži laganje, toda zloben človek je gnusen in prihaja v sramoto.
يولى دۇرۇسنى ھەققانىيەت قوغدار؛ لېكىن گۇناھكارنى رەزىللىك يىقىتار. | 6 |
Pravičnost varuje tistega, ki je na poti iskren, toda zlobnost ruši grešnika.
بەزىلەر ئۆزىنى باي كۆرسەتكىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە قۇرۇق سۆلەتتۇر؛ بەزىلەر ئۆزىنى يوقسۇل كۆرسەتكىنى بىلەن زور بايلىقلىرى باردۇر. | 7 |
Tam je, ki se dela bogatega, vendar nima ničesar, tam je, ki se dela ubogega, vendar ima velika bogastva.
ئۆز بايلىقى گۆرۈگە تۇتۇلغان باينىڭ جېنىغا ئارا تۇرار؛ بىراق يوقسۇللار ھېچ ۋەھىمىنى ئاڭلىماس. | 8 |
Odkupnina človekovega življenja so njegova bogastva, toda ubogi ne slišijo oštevanja.
ھەققانىي ئادەمنىڭ نۇرى شادلىنىپ پارلار؛ بىراق يامان ئادەمنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلەر. | 9 |
Svetloba pravičnega razveseljuje, toda svetilka zlobnega bo ugasnjena.
كىبىرلىكتىن پەقەت جېدەل-ماجىرالا چىقار؛ دانالىق بولسا نەسىھەتنى ئاڭلىغانلار بىلەن بىللىدۇر. | 10 |
Samo s ponosom pride spor, toda z dobrim svetovanjem je modrost.
ئىشلىمەي تاپقان ھارام بايلىق بەرىكەتسىزدۇر؛ تەر تۆكۈپ ھالال تاپقان گۈللىنەر. | 11 |
Premoženje, pridobljeno z ničevostjo, bo zmanjšano, toda kdor zbira s trudom, ga bo povečal.
تەلمۈرگىنىگە كۈتۈپ ئېرىشەلمەسلىك كۆڭۈلنى سۇنۇق قىلار، لېكىن تەشنالىقتا ئېرىشكىنى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر. | 12 |
Upanje, ki se prelaga, dela srce bolno, toda ko prihaja želja, je to drevo življenja.
[خۇدانىڭ] كالام-سۆزىگە پىسەنت قىلمىغان ئادەم گۇناھنىڭ تۆلىمىگە قەرزدار بولار؛ لېكىن پەرماننى قەدىرلىگەن ئادەم ياخشىلىق كۆرەر. | 13 |
Kdorkoli prezira besedo, bo uničen, toda kdor se boji zapovedi, bo nagrajen.
ئاقىلانىنىڭ تەلىمى ھاياتلىق بەرگۈچى بۇلاقتۇر، ئۇ سېنى ئۆلۈم تۇزاقلىرىدىن قۇتۇلدۇرار. | 14 |
Postava modrega je studenec življenja, da odide od zank smrti.
ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار. | 15 |
Dobro razumevanje daje naklonjenost, toda pot prestopnikov je težka.
پەم-پاراسەتلىك ئادەم بىلىمى بىلەن ئىش كۆرەر؛ ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار. | 16 |
Vsak razsodni človek se ukvarja s spoznanjem, toda bedak izpostavlja svojo neumnost.
رەزىل ئالاقىچى بالا-قازاغا ئۇچرار؛ سادىق ئەلچى بولسا دەردكە دەرماندۇر. | 17 |
Zloben poslanec pada v vragolijo, toda zvest predstavnik je zdravje.
تەربىيەنى رەت قىلغان ئادەم نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار؛ ئەمما تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ھۆرمەتكە ئېرىشەر. | 18 |
Revščina in sramota bosta tistemu, ki odklanja poučevanje, toda kdor upošteva opomin, bo spoštovan.
ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ كىشىگە شېرىن تۇيۇلار؛ لېكىن ئەخمەقلەر يامانلىقنى تاشلاشنى يامان كۆرەر. | 19 |
Izpolnjena želja je duši sladka, toda bedakom je to ogabnost, da odidejo od zla.
ئاقىلانىلەر بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار؛ بىراق ئەخمەقلەرگە ھەمراھ بولغان نالە-پەريادتا قالار. | 20 |
Kdor hodi z modrimi ljudmi, bo moder, toda skupina bedakov bo uničena.
بالايىقازا گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بېسىپ ماڭار؛ لېكىن ھەققانىيلار ياخشىلىقنىڭ ئەجرىنى تاپار. | 21 |
Zlo preganja grešnike, toda dobro bo pravičnim poplačano.
ياخشى ئادەم پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرار؛ گۇناھكارلارنىڭ يىغقان مال-دۇنيالىرى ھەققانىيلار ئۈچۈن توپلىنار. | 22 |
Dober človek zapušča dediščino otrokom svojih otrok, premoženje grešnika pa je prihranjeno za pravičnega.
يوقسۇلنىڭ تاشلاندۇق يېرى مول ھوسۇل بېرەر، لېكىن ئادالەتسىزلىكتىن ئۇ ۋەيران بولار. | 23 |
Mnogo hrane je v oranju zemlje ubogih, toda tam je, kar je uničeno zaradi pomanjkanja sodbe.
تاياقنى ئايىغان كىشى ئوغلىنى ياخشى كۆرمەس؛ بالىنى سۆيگەن كىشى ئۇنى ئەستايىدىل تەربىيىلەپ جازالار. | 24 |
Kdor prizanaša svoji šibi, sovraži svojega sina, toda kdor ga ljubi, ga zgodaj kara.
ھەققانىي ئادەم كۆڭلى قانائەت تاپقۇچە ئوزۇق يەر؛ ياماننىڭ قورسىقى ئاچ قالار. | 25 |
Pravični jé do zadovoljitve svoje duše, toda trebuh zlobnega bo čutil pomanjkanje.