< پەند-نەسىھەتلەر 12 >
كىمكى تەربىيىنى قەدىرلىسە، بىلىمنىمۇ سۆيگۈچىدۇر؛ لېكىن تەنبىھكە نەپرەتلەنگەن نادان-ھاماقەتتۇر. | 1 |
Kimki terbiyini qedirlise, bilimnimu söygüchidur; Lékin tenbihke nepretlen’gen nadan-hamaqettur.
ياخشى نىيەتلىك ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەر؛ ئەمما پەرۋەردىگار ھىيلە-مىكىرلىك ئادەمنىڭ گۇناھىنى بېكىتەر. | 2 |
Yaxshi niyetlik adem Perwerdigarning iltipatigha érisher; Emma Perwerdigar hiyle-mikirlik ademning gunahini békiter.
ئادەملەر يامانلىق قىلىپ ئامانلىق تاپالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى تەۋرەنمەس. | 3 |
Ademler yamanliq qilip amanliq tapalmas; Lékin heqqaniylarning yiltizi tewrenmes.
پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر؛ ئەمما ئۇنى ئۇياتقا سالغۇچى خوتۇن ئۇنىڭ ئۇستىخىنىنى چىرىتەر. | 4 |
Peziletlik ayal érining tajidur; Emma uni uyatqa salghuchi xotun uning ustixinini chiriter.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئوي-پىكرى دۇرۇس ھۆكۈم چىقىرار؛ يامانلارنىڭ نەسىھەتلىرى مەككارلىقتۇر. | 5 |
Heqqaniy ademning oy-pikri durus höküm chiqirar; Yamanlarning nesihetliri mekkarliqtur.
يامانلارنىڭ سۆزلىرى قان تۆكىدىغان قىلتاقتۇر؛ لېكىن دۇرۇسنىڭ سۆزى ئادەمنى قىلتاقتىن قۇتۇلدۇرار. | 6 |
Yamanlarning sözliri qan tökidighan qiltaqtur; Lékin durusning sözi ademni qiltaqtin qutuldurar.
يامانلار ئاغدۇرۇلۇپ، يوقىلار؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار. | 7 |
Yamanlar aghdurulup, yoqilar; Lékin heqqaniylarning öyi mezmut turar.
ئادەم ئۆز زېرىكلىكى بىلەن ماختاشقا سازاۋەر بولار؛ ئەگرى نىيەتلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماس. | 8 |
Adem öz zérikliki bilen maxtashqa sazawer bolar; Egri niyetlik kishi közge ilinmas.
پېقىر تۇرۇپ خىزمەتكارى بار كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاچ يۈرگەن كىشىدىن ياخشىدۇر. | 9 |
Péqir turup xizmetkari bar kishi, Özini chong tutup ach yürgen kishidin yaxshidur.
ھەققانىي ئادەم ئۆز ئۇلىغىنىمۇ ئاسرار؛ ئەمما رەزىل ئادەمنىڭ بولسا ھەتتا رەھىمدىللىقىمۇ زالىملىقتۇر. | 10 |
Heqqaniy adem öz ulighinimu asrar; Emma rezil ademning bolsa hetta rehimdilliqimu zalimliqtur.
تىرىشىپ تېرىقچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ قورسىقى توق بولار؛ ئەمما خام خىياللارغا بېرىلگەن كىشىنىڭ ئەقلى يوقتۇر. | 11 |
Tiriship tériqchiliq qilghan déhqanning qorsiqi toq bolar; Emma xam xiyallargha bérilgen kishining eqli yoqtur.
يامان ئادەم يامانلىق قىلتىقىنى كۆزلەپ ئولتۇرار؛ ئەمما ھەققانىي ئادەمنىڭ يىلتىزى مېۋە بېرىپ تۇرار. | 12 |
Yaman adem yamanliq qiltiqini közlep olturar; Emma heqqaniy ademning yiltizi méwe bérip turar.
يامان ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار؛ ھەققانىي ئادەم مۇشەققەت-قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلار. | 13 |
Yaman adem öz aghzining gunahidin tutular; Heqqaniy adem musheqqet-qiyinchiliqtin qutular.
ئادەم ئۆز ئاغزىنىڭ مېۋىسىدىن قانائەت تاپار؛ ئۆز قولى بىلەن قىلغانلىرىدىن ئۇنىڭغا ياندۇرۇلار. | 14 |
Adem öz aghzining méwisidin qanaet tapar; Öz qoli bilen qilghanliridin uninggha yandurular.
ئەخمەق ئۆز يولىنى توغرا دەپ بىلەر؛ ئەمما دەۋەتكە قۇلاق سالغان كىشى ئاقىلانىدۇر. | 15 |
Exmeq öz yolini toghra dep biler; Emma dewetke qulaq salghan kishi aqilanidur.
ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى كەلسە، تېزلا بىلىنەر؛ زېرەك كىشى ھاقارەتكە سەۋر قىلار، سەتچىلىكنى ئاشكارىلىماس. | 16 |
Exmeqning achchiqi kelse, tézla biliner; Zérek kishi haqaretke sewr qilar, setchilikni ashkarilimas.
ھەقىقەتنى ئېيتقان كىشىدىن ئادالەت بىلىنەر؛ يالغان گۇۋاھلىق قىلغۇچىدىن ئالدامچىلىق بىلىنەر. | 17 |
Heqiqetni éytqan kishidin adalet biliner; Yalghan guwahliq qilghuchidin aldamchiliq biliner.
بەزلىلەرنىڭ يېنىكلىك بىلەن ئېيتقان گېپى ئادەمگە سانجىلغان قىلىچقا ئوخشار؛ بىراق ئاقىلانىنىڭ تىلى دەردكە دەرماندۇر. | 18 |
Bezlilerning yéniklik bilen éytqan gépi ademge sanjilghan qilichqa oxshar; Biraq aqilanining tili derdke dermandur.
راستچىل مەڭگۈ تۇرغۇزۇلىدۇ؛ لەۋزى يالغان بولسا بىردەملىكتۇر. | 19 |
Rastchil menggü turghuzulidu; Lewzi yalghan bolsa birdemliktur.
يامانلىقنىڭ كويىدا يۈرگۈچىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلە ساقلانغاندۇر؛ ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىققا چۆمەر. | 20 |
Yamanliqning koyida yürgüchining könglide hiyle saqlan’ghandur; Amanliqni dewet qilghuchilar xushalliqqa chömer.
ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس؛ قەبىھلەر بالايىقازاغا چۆمۈلەر. | 21 |
Heqqaniy ademning béshigha héch külpet chüshmes; Qebihler balayi’qazagha chömüler.
يالغان سۆزلەيدىغاننىڭ لەۋلىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ لېكىن لەۋزىدە تۇرغانلارغا ئۇ ئاپىرىن ئېيتار. | 22 |
Yalghan sözleydighanning lewliri Perwerdigargha yirginchliktur; Lékin lewzide turghanlargha U apirin éytar.
پەملىك ئادەم بىلىمىنى يوشۇرار؛ بىراق ئەخمەق نادانلىقىنى جاكارلار. | 23 |
Pemlik adem bilimini yoshurar; Biraq exmeq nadanliqini jakarlar.
تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار؛ ھۇرۇن قول ئالۋانغا تۇتۇلار. | 24 |
Tirishchan qol hoquq tutar; Hurun qol alwan’gha tutular.
كۆڭۈلنىڭ غەم-ئەندىشىسى كىشىنى مۈكچەيتەر؛ لېكىن مېھرىبانە بىر سۆز كىشىنى روھلاندۇرار. | 25 |
Köngülning ghem-endishisi kishini mükcheyter; Lékin méhribane bir söz kishini rohlandurar.
ھەققانىي كىشى ئۆز دوستى بىلەن بىرگە يول ئىزدەر؛ بىراق يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئاداشتۇرار. | 26 |
Heqqaniy kishi öz dosti bilen birge yol izder; Biraq yamanlarning yoli özlirini adashturar.
ھۇرۇن ئۆزى تۇتقان ئوۋنى پىشۇرۇپ يېيەلمەس؛ بىراق ئەتىۋارلىق بايلىقلار تىرىشچانغا مەنسۇپتۇر. | 27 |
Hurun özi tutqan owni pishurup yéyelmes; Biraq etiwarliq bayliqlar tirishchan’gha mensuptur.
ھەققانىيلىقنىڭ يولىدا ھايات تېپىلار؛ شۇ يولدا ئۆلۈم كۆرۈنمەستۇر. | 28 |
Heqqaniyliqning yolida hayat tépilar; Shu yolda ölüm körünmestur.