< پەند-نەسىھەتلەر 11 >
يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار. | 1 |
Обма́нливі ша́льки — оги́да для Господа, а повна вага́ — це Його уподо́ба.
تەكەببۇرلۇق بىلەن بىرگە شەرمەندىچىلىك ئەگىشىپ كېلەر؛ لېكىن دانالىق كىچىك پېئىللارغا ھەمراھ بولار. | 2 |
Прийде пишність, та при́йде і га́ньба, а з суми́рними — мудрість.
توغرىلارنىڭ سەمىمىيلىكى ئۆزىنى يېتەكلەر؛ لېكىن كاززاپلارنىڭ ئەگرىلىكى ئۆزىنى ۋەيران قىلار. | 3 |
Невинність простосердих веде їх, а лука́вство зрадли́вих — їх вигубить.
خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدە مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس؛ لېكىن ھەققانىيەت ئادەمنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار. | 4 |
Не поможе багатство в день гніву, а справедливість від смерти визво́лює.
كامىل ئادەمنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزىنى تۈز يولغا باشلار؛ يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار. | 5 |
Справедливість невинного дорогу йому випросто́вує, безбожний же падає через безбожність свою́.
دۇرۇس ئادەملەرنىڭ ھەققانىيلىقى ئۆزلىرىنى قۇتقۇزار؛ لېكىن كاززاپلار ئۆز ھىيلە-نەيرىڭىدىن تۇتۇلار. | 6 |
Справедливість прямих їх рятує, а зрадливі захо́плені будуть своєю захла́нністю.
رەزىل ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ئۈمىدى يوققا چىقار؛ گۇناھكارنىڭ ئۈمىدى ئاخىرى قۇرۇق قالار. | 7 |
При смерті люди́ни безбожної гине надія, зникає чека́ння люди́ни нікче́мної.
ھەققانىي ئادەم قىيىنچىلىقتىن خالىي قىلىنار؛ رەزىل ئادەم ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇلار. | 8 |
Виривається праведний з у́тиску, і замість нього безбожний іде.
مۇناپىقلار ئۆز ئاغزى بىلەن يېقىنىنى بۇزار؛ لېكىن ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار. | 9 |
Свого ближнього нищить лукавий уста́ми, а знання́м визволя́ються праведні.
ھەققانىي ئادەم روناق تاپسا، شەھەر خۇش بولار؛ رەزىل ئادەم ھالاك بولسا، خەلق تەنتەنە قىلار. | 10 |
Добром праведних місто радіє, а як гинуть безбожні — співає.
توغرىلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرى بىلەن شەھەر گۈللىنەر؛ لېكىن رەزىللەرنىڭ تىلى بىلەن ۋەيران بولار. | 11 |
Благословенням че́сних підно́ситься місто, а уста́ми безбожних руйну́ється.
ئۆز يېقىنىنى سۆكىدىغان كىشى ــ ئەقىلسىزدۇر؛ ئەمما يورۇتۇلغان ئادەم ئاغزىنى يىغار. | 12 |
Хто пого́рджує ближнім своїм, той позба́влений розуму, а розумна люди́на мовчить.
گەپ توشۇغۇچى مەخپىيەتلەرنى ئاشكارىلار؛ سادىق ئادەم ئامانەتكە خىيانەت قىلماس. | 13 |
Виявляє обмо́вник таємне, вірнодухий же справу ховає.
يوليورۇق كەم بولسا، ئەل-يۇرت يىقىلار؛ ئۇلۇغ بىر مەسلىھەتچى بولسا، ئەل نىجات تاپار. | 14 |
Народ падає з бра́ку розумного про́воду, при числе́нності ж ра́дників спасі́ння буває.
ياتقا بورۇن بولغان كىشى زىيان تارتماي قالماس؛ قول بېرىشىپ كېپىل بولۇشنى يامان كۆرگەن كىشىنىڭ قۇلىقى تىنچ بولار. | 15 |
Зле робить, як хто за чужого пору́чується, хто ж пору́ку ненавидить, той безпечний.
شاپائەتلىك ئايال ئىززەت-ھۆرمەتنى قولدىن بەرمەس؛ زوراۋانلار بايلىقنى قولدىن بەرمەس. | 16 |
Жінка чесно́тна ося́гує слави, і пильні багатства здобу́дуть.
رەھىمدىل ئۆز-ئۆزىگە بەخت يارىتار؛ رەھىمسىز ئۆز تېنىنى ئاغرىتار. | 17 |
Люди́на ласка́ва душі своїй чинить добро́, а жорстока замучує тіло своє.
يامان ئادەملەرنىڭ ئالغان ئىش ھەققى ئۇلارنى ئالدار، بەرىكەتسىز بولار؛ ئەمما ھەققانىيەت تېرىغۇچى ئادەم ئەمەلىي ئىنئام ئالار. | 18 |
Чинить діло безва́ртне безбожний, хто ж праведність сіє — заплату правдиву оде́ржує.
ھەققانىيەت ئادەمگە ھاياتلىق تاپقۇزار؛ يامانلىقنى كۆزلەپ يۈرىدىغان كىشى ئۆلۈمگە يۈز تۇتار. | 19 |
Отак праведність є на життя, хто ж жене́ться за злом, той до смерти зближа́ється.
نىيىتى بۇزۇق كىشى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئەمما يولى دىيانەتلىك كىشىلەر ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر. | 20 |
Серцем лукаві — оги́да для Господа, а хто в неповинності ходить — Його уподо́ба.
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، يامانلار جازاغا تارتىلماي قالماس؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ نەسلى نىجات تاپار. | 21 |
Ручаюсь: не бу́де невинним лихий, а наща́док правдивих захований буде.
چىرايلىق ئەمما تېتىقسىز خوتۇن، چوشقىنىڭ تۇمشۇقىغا ئالتۇن ھالقا سالغاندەكتۇر. | 22 |
Золотая сере́жка в свині на ніздрі́ — це жінка гарна, позба́влена розуму.
ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى پەقەت ياخشى مېۋە ئېلىپ كېلەر؛ يامانلارنىڭ كۈتكىنى غەزەپ-نەپرەتتۇر. | 23 |
Жада́ння у праведних — тільки добро, надія безбожних — то гнів.
بىراۋ مەردلەرچە تارقاتسىمۇ، گۈللىنەر؛ يەنە بىراۋ بېرىشكە تېگىشلىكىنى ئايىسىمۇ، پەقەت نامراتلىشار. | 24 |
Дехто щедро дає, та ще додається йому, а дехто ховає над міру, та тільки бідні́є.
مەرد ئادەم ئەتلىنەر؛ باشقىلارنى سۇغارغۇچى ئۆزىمۇ سۇغىرىلار. | 25 |
Душа, яка благословля́є, наси́чена буде, а хто по́їть інших, — напо́єний буде і він.
ئاشلىقنى ساتماي بېسىۋالغان كىشى ئەلنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ؛ لېكىن ئاشلىقنى سېتىپ بەرگۈچىگە بەرىكەت تىلىنەر. | 26 |
Хто задержує збіжжя, того проклинає наро́д, хто ж поживу випро́дує, тому благослове́ння на голову.
ياخشىلىقنى ئىزدەپ ئىنتىلگەن ئادەم شاپائەت تاپار؛ يامانلىقنى ئىزدىگەن ئادەم ئۆزى يامانلىق كۆرەر. | 27 |
Хто прагне добра, той шукає вподо́бання, хто ж лихого жадає, то й при́йде на нього воно.
ئۆز مال-دۇنىياسىغا تايانغۇچى يىقىلار؛ ھەققانىي كىشى يوپۇرماقتەك كۆكىرەر. | 28 |
Хто надію кладе на багатство своє, той впаде́, а праведники зелені́ють, як листя.
ئۆز ئۆيىگە ئازارچىلىق سالغان كىشى شامالغا مىراس بولار؛ ئەقىلسىز ئادەم ئاقىلانىنىڭ قۇلى بولۇپ قالار. | 29 |
Хто не́ряд уносить до дому свого, той вітер пося́де, а дурноголо́вий розумному стане рабом.
ھەققانىينىڭ بېرىدىغان مېۋىسى «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر؛ دانا كىشى كۆڭۈللەرنى [ھاياتلىققا] مايىل قىلار. | 30 |
Плід праведного — дерево життя, і мудрий життя набуває.
قاراڭلار، ھەققانىي ئادەم بۇ دۇنيادا [سەۋەنلىكى ئۈچۈن] بەدەل تۆلىگەن يەردە، رەزىللەر بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ | 31 |
Коли праведний ось надолу́жується на землі, то тим більше безбожний та грішний!