< پەند-نەسىھەتلەر 10 >

پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. 1
Padishah Sulaymanning pend-nesihetliri: — Dana oghul atisini shad qilar; Eqilsiz oghul anisini qayghu-hesretke salar.
ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. 2
Haram bayliqlarning héch paydisi bolmas; Heqqaniyet insanni ölümdin qutuldurar.
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار. 3
Perwerdigar heqqaniy ademning jénini ach qoymas; Lékin u qebihlerning nepsini boghup qoyar.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. 4
Hurunluq kishini gaday qilar; Ishchanliq bolsa bayashat qilar.
يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر. 5
Yazda hosulni yighiwalghuchi — dana oghuldur; Lékin orma waqtida uxlap yatquchi — xijaletke qalduridighan oghuldur.
بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. 6
Beriket heqqaniy ademning béshigha chüsher; Emma zorawanliq yamanlarning aghzigha urar.
ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار. 7
Heqqaniy ademning yadikari mubarektur; Yamanlarning nami bolsa, sésiq qalar.
دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. 8
Dana adem yolyoruq-nesihetlerni qobul qilar; Kot-kot, nadan kishi öz ayighi bilen putlishar.
غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ. 9
Ghubarsiz yürgen kishining yürüsh-turushi turaqliqtur, Yollirini egri qilghanning kiri axiri ashkarilinidu.
كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. 10
Köz isharitini qilip yüridighanlar ademni daghda qaldurar; Kot-kot, nadan kishi öz ayighi bilen putlishar.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. 11
Heqqaniy ademning aghzi hayatliq buliqidur, Emma zorawanliq yamanning aghzigha urar.
ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. 12
Öchmenlik jédel qozghar; Méhir-muhebbet hemme gunahlarni yapar.
ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. 13
Eqil-idraqlik ademning aghzidin danaliq tépilar; Eqilsizning dümbisige palaq téger.
دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار. 14
Dana ademler bilimlerni ziyade toplar; Lékin exmeqning aghzi uni halaketke yéqinlashturar.
مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. 15
Mal-dunyaliri goya mezmut sheherdek bayning kapalitidur; Miskinni halak qilidighan ish del uning namratliqidur.
ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. 16
Heqqaniylarning ejirliri jan’gha jan qoshar, Qebihlerning hosuli gunahnila köpeytishtur.
نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر. 17
Nesihetni anglap uni saqlighuchi hayatliq yoligha mangar; Tenbihlerni ret qilghan kishi yoldin azghanlardur.
ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. 18
Adawet saqlighan kishi yalghan sözlimey qalmas; Töhmet chaplighanlar exmeqtur.
گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر. 19
Gep köp bolup ketse, gunahtin xaliy bolmas, Lékin aghzigha ige bolghan eqilliqtur.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. 20
Heqqaniy ademning sözi xuddi sap kümüsh; Yamanning oyliri tolimu erzimestur.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر. 21
Heqqaniy ademning sözliri nurghun kishini quwwetler; Exmeqler eqli kemlikidin öler.
پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. 22
Perwerdigarning ata qilghan berikiti ademni döletmen qilar; U berikitige héchbir japa-musheqqet qoshmas.
ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ [خۇرسەنلىكىدۇر]. 23
Exmeq qebihlikni tamasha dep biler; Emma danaliq yorutulghan kishining [xursenlikidur].
يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. 24
Yaman kishi némidin qorqsa shuninggha uchrar; Heqqaniy ademning arzusi emelge ashurular.
يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر. 25
Yaman adem quyundek ötüp yoqar; Lékin heqqaniy adem menggülük uldektur.
ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. 26
Adem achchiq su yutuwalghandek, Közige is-tütek kirip ketkendek, Hurun ademni ishqa ewetkenmu shundaq bolar.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. 27
Perwerdigardin eyminish ömürni uzun qilar, Yamanning ömri qisqartilar.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. 28
Heqqaniy ademning ümidi xursenlik élip kéler; Lékin rezilning kütkini yoqqa chiqar.
پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. 29
Perwerdigarning yoli durus yashawatqanlargha bashpanahdur; Qebihlik qilghuchilargha bolsa halakettur.
ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس. 30
Heqqaniylarning orni mustehkemdur; Yamanlar zéminda uzun turmas.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار. 31
Heqqaniy ademning aghzidin danaliq chiqar; Lékin shumluq til késip tashlinar.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار. 32
Heqqaniy ademning sözi kishige mok xushyaqar; Yaman ademning aghzidin shumluq chiqar.

< پەند-نەسىھەتلەر 10 >