< پەند-نەسىھەتلەر 10 >
پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛ ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار. | 1 |
Salomos Ordsprog. Viis Søn glæder sin Fader, taabelig Søn er sin Moders Sorg.
ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛ ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار. | 2 |
Gudløsheds Skatte gavner intet, men Retfærd redder fra Død.
پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار. | 3 |
HERREN lader ej en retfærdig sulte, men gudløses Attraa støder han fra sig.
ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛ ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار. | 4 |
Doven Haand skaber Fattigdom, flittiges Haand gør rig.
يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛ لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر. | 5 |
En klog Søn samler om Somren, en daarlig sover om Høsten.
بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛ ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار. | 6 |
Velsignelse er for retfærdiges Hoved, paa Uret gemmer gudløses Mund.
ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛ يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار. | 7 |
Den retfærdiges Minde velsignes, gudløses Navn smuldrer hen.
دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. | 8 |
Den vise tager mod Paabud, den brovtende Daare styrtes.
غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر، يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ. | 9 |
Hvo lydefrit vandrer, vandrer trygt; men hvo der gaar Krogveje, ham gaar det ilde.
كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛ كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار. | 10 |
Blinker man med Øjet, volder man ondt, den brovtende Daare styrtes.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر، ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار. | 11 |
Den retfærdiges Mund er en Livsens Kilde, paa Uret gemmer gudløses Mund.
ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار. | 12 |
Had vækker Splid, Kærlighed skjuler alle Synder.
ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛ ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر. | 13 |
Paa den kloges Læber finder man Visdom, Stok er til Ryg paa Mand uden Vid.
دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛ لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار. | 14 |
De vise gemmer den indsigt, de har, Daarens Mund er truende Vaade.
مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛ مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر. | 15 |
Den riges Gods er hans faste Stad, Armod de ringes Vaade.
ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار، قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر. | 16 |
Den retfærdiges Vinding tjener til Liv, den gudløses Indtægt til Synd.
نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛ تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر. | 17 |
At vogte paa Tugt er Vej til Livet, vild farer den, som viser Revselse fra sig.
ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛ تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر. | 18 |
Retfærdige Læber tier om Had, en Taabe er den, der udspreder Rygter.
گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس، لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر. | 19 |
Ved megen Tale undgaas ej Brøde, klog er den, der vogter sin Mund.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر. | 20 |
Den retfærdiges Tunge er udsøgt Sølv, gudløses Hjerte er intet værd.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛ ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر. | 21 |
Den retfærdiges Læber nærer mange, Daarerne dør af Mangel paa Vid.
پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛ ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس. | 22 |
HERRENS Velsignelse, den gør rig, Slid og Slæb lægger intet til.
ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛ ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ [خۇرسەنلىكىدۇر]. | 23 |
For Taaben er Skændselsgerning en Leg, Visdom er Leg for Mand med Indsigt.
يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار. | 24 |
Hvad en gudløs frygter, kommer over hans Hoved, hvad retfærdige ønsker, bliver dem givet.
يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛ لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر. | 25 |
Naar Storm farer frem, er den gudløse borte, den retfærdige staar paa evig Grund.
ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك، كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك، ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار. | 26 |
Som Eddike for Tænder og Røg for Øjne saa er den lade for dem, der sender ham.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار، ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار. | 27 |
HERRENS Frygt lægger Dage til, gudløses Aar kortes af.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛ لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار. | 28 |
Retfærdige har Glæde i Vente, gudløses Haab vil briste.
پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛ قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر. | 29 |
For lydefri Vandel er HERREN et Værn, men en Rædsel for Udaadsmænd.
ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛ يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس. | 30 |
Den retfærdige rokkes aldrig, ikke skal gudløse bo i Landet.
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛ لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار. | 31 |
Den retfærdiges Mund bærer Visdoms Frugt, den falske Tunge udryddes.
ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار. | 32 |
Den retfærdiges Læber søger Yndest, gudløses Mund bærer Falskheds Frugt.