< فىلىپپىلىقلارغا 1 >
ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام! | 1 |
Pavel in Timotej, hlapca Jezusa Kristusa, vsem svetim v Kristusu Jezusu bivajočim v Filipih, z vladikami in pomočniki.
سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! | 2 |
Milost vam in mir od Boga očeta našega in Gospoda Jezusa Kristusa!
ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ | 3 |
Zahvaljujem se Bogu svojemu, kader se vas spominjam.
ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛ | 4 |
(Ko vedno v sleherni molitvi svoji molim za vas vse z veseljem),
Da ste se udeleževali evangelja od prvega do današnjega dne;
چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛ | 6 |
Prepričan prav tega, da bode on, ki je začel v vas dobro delo, dokončal ga do dné Jezusa Kristusa;
مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ [خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن] مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر. | 7 |
Kakor je meni spodobno misliti za vas vse, ker vas imam v srci, v sponah svojih in zagovarjanji in utrjevanji evangelja, ki ste vsi sodeležniki mi milosti.
مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر. | 8 |
Kajti priča mi je Bog, kako hrepenim po vas vseh z osrčjem Jezusa Kristusa.
مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، | 9 |
In tudi to molim, da naj ljubezen vaša še bolj in bolj raste v spoznanji in slehernem razumu;
سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر | 10 |
Da presojate, kar je imenitno, da bodete čisti in neizpotakljivi za dan Kristusov,
ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر. | 11 |
Napolnjeni sè sadom pravice po Jezusu Kristusu v slavo in hvalo Božjo.
بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛ | 12 |
Želim pa, da spoznate, bratje, da je stanje moje postalo bolj v uspeh evangelju,
چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى. | 13 |
Tako da so spone moje očitne postale, da so v Kristusu v vsem šatorišči telesne straže in vsem drugim,
شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛ | 14 |
In da večina bratov v Gospodu zaupajoč mojim sponam upa se bolj brez strahu govoriti besedo.
دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛ | 15 |
Nekateri tudi iz nevoščljivosti in prepirljivosti, nekateri pa tudi iz dobre volje oznanjajo Kristusa.
كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛ | 16 |
Oni, ki iz prepirljivosti, ne oznanjajo Kristusa iz čistega namena, češ da prinesó stisko sponam mojim;
ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا. | 17 |
Kateri pa iz ljubezni, vedóč, da sem pripravljen v zagovarjanje evangelja.
ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن. | 18 |
Kaj pač? Vendar tako ali tako, bodi si s pretvezo, bodi si v resnici, oznanja se Kristus; in tega se veselim, dà, bodem se tudi veselil.
چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن، | 19 |
Vem namreč, da mi bode to v blaginjo po prošnji vaši in pomoči duha Jezusa Kristusa,
ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن! | 20 |
Po pričakovanji in upanji mojem, da se v ničemur ne osramotim, temuč v vsej prostodušnosti, kakor vedno, bode se tudi sedaj Kristus poveličeval v mojem telesu, bodi si z življenjem, bodi si sè smrtjo.
چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. | 21 |
Kajti meni je življenje Kristus, in smrt dobiček.
جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛ | 22 |
Ako pa življenje v mesu, to mi je dela sad, in kaj bodem izvolil, ne vem;
مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛ | 23 |
Kajti pritiska me oboje, želja me je ločiti se in biti s Kristusom, mnogo je namreč bolje;
ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن. | 24 |
Ostati pa v mesu potrebnejše za voljo vas.
ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛ | 25 |
In v tem zaupanji vem, da bodem ostal in z vami vsemi skupaj ostal v pospeh vaš in veselje v veri,
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ! | 26 |
Da bode slava vaša preobila v Kristusu Jezusu v meni, zaradi povrnitve moje k vam.
پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار، | 27 |
Samo védite se spodobno evangelju Kristusovemu, da bodem, bodi si, da pridem in vidim, bodi si v daljavi, slišal, kako je pri vas, da stojite trdno v enem duhu, eni duši, vkup boreč se za vero evangelja,
شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛ | 28 |
In da vas nikakor ne strašijo nasprotniki; kar je njim znamenje pogube, vam pa blaginje, in to od Boga;
چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر. | 29 |
Ker vam je bilo podeljeno za Kristusa, ne samo verovati vanj, nego tudi zanj trpeti;
چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر. | 30 |
Ko imate isti boj, katerega ste videli v meni, in zdaj slišite v meni.