< فىلىپپىلىقلارغا 4 >
ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم! | 1 |
Portanto, meus amados e mui queridos irmãos, minha alegria e coroa, estai assim firmes no Senhor, amados.
ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار! | 2 |
Rogo a Evodia, e rogo a Syntyche, que sintam o mesmo no Senhor.
دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان. | 3 |
E peço-te também a ti, meu verdadeiro companheiro, que ajudes essas mulheres que trabalharam comigo no evangelho, e com Clemente, e com os outros cooperadores, cujos nomes estão no livro da vida.
رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار! | 4 |
Regozijai-vos sempre no Senhor; outra vez digo, regozijai-vos.
سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر! | 5 |
Seja a vossa equidade notória a todos os homens. Perto está o Senhor.
ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ | 6 |
De nada estejais solicitos: antes as vossas petições sejam em tudo conhecidas diante de Deus pela oração e suplicas com ação de graças.
شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ. | 7 |
E a paz de Deus, que excede todo o entendimento, guardará os vossos corações e os vossos sentimentos em Cristo Jesus.
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، نېمە ئىشلار ھەقىقەت، نېمە ئىشلار ئالىيجاناب، نېمە ئىشلار ھەققانىي، نېمە ئىشلار پاك، نېمە ئىشلار خۇش-يېقىملىق، نېمە ئىشلار شان-شۆھرەتلىك بولسا، قىسقىسى ھەرقانداق ئىشلاردا ئەخلاق-پەزىلەت ياكى ماختاشقا لايىق تەرەپلەر بار بولسا، شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار. | 8 |
Quanto ao mais, irmãos, tudo o que é verdadeiro, tudo o que é honesto, tudo o que é justo, tudo o que é puro, tudo o que é amável, tudo o que é de boa fama, se há alguma virtude, e se há algum louvor, nisso pensai
مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە مەندە كۆرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بولسا، سىلەر شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. | 9 |
O que também aprendestes, e recebestes, e ouvistes, e vistes em mim, isso fazei; e o Deus de paz será convosco.
ئەمدى مەن رەبدە زىيادە شادلاندىمكى، سىلەر ھازىر ئاخىردا ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭلارنى قايتىدىن كۆرسەتتىڭلار (بىلىمەنكى، ماڭا دائىم كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار، ئەمما پەقەتلا كۆرسىتىش پۇرسىتى چىقمىدى). | 10 |
Ora muito me regozijei no Senhor por finalmente reviver a vossa lembrança de mim; visto que vos tendes lembrado, mas não tinheis tido oportunidade.
مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. | 11 |
Não o digo como por necessidade, porque já aprendi a contentar-me com o que tenho.
مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. | 12 |
Sei estar abatido, e sei também ter abundância: em toda a maneira, e em todas as coisas estou instruído, assim a ter fartura como a ter fome, assim a ter abundância, como a padecer necessidade.
ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. | 13 |
Posso todas as coisas naquele que me fortalece.
ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار. | 14 |
Todavia fizestes bem em tomar parte na minha aflição.
سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان. | 15 |
E bem sabeis também vós, ó filipenses, que, no princípio do evangelho, quando parti da Macedônia, nenhuma igreja comunicou comigo em razão de dar e receber, senão vós somente;
چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار. | 16 |
Porque também uma e outra vez me mandastes o necessário a Tessalônica.
مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا [روھىي] مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. | 17 |
Não que procure dádivas, mas procuro o fruto que abunde para a vossa conta.
لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى. | 18 |
Mas tudo tenho recebido, e tenho abundância: estou cheio, depois que recebi de Epaphrodito o que da vossa parte me foi enviado, como cheiro de suavidade e sacrifício agradável e aprazível a Deus.
ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ. | 19 |
Porém o meu Deus, segundo as suas riquezas, suprirá todas as vossas necessidades em glória, por Cristo Jesus.
ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن. (aiōn ) | 20 |
Ora ao nosso Deus e Pai seja glória para todo o sempre. amém. (aiōn )
مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام يەتكۈزۈڭلار. يېنىمدىكى قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام! | 21 |
Saudai a todos os santos em Cristo Jesus. Os irmãos que estão comigo vos saudam.
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن، بولۇپمۇ قەيسەر [ئىمپېراتورنىڭ] ئوردىسىدا بولغانلاردىن سىلەرگە سالام! | 22 |
Todos os santos vos saudam, mas principalmente os que são da casa de Cesar.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! | 23 |
A graça de nosso Senhor Jesus Cristo seja com vós todos. amém.