< فىلىپپىلىقلارغا 4 >

ئەمدى، ئەي قېرىنداشلىرىم، سۆيگەنلىرىم ۋە تەلپۈنگەنلىرىم، مېنىڭ شاد-خۇراملىقىم، مېنىڭ بېشىمنىڭ تاجى بولغۇچىلار، رەبدە چىڭ تۇرۇڭلار، ئى سۆيگەنلىرىم! 1
ARI ri ai kompok kan, ai peren o ai lingan komail, katengetengdi ren Kaun o kompoke pa i kan!
ئېۋودىيادىن ئۆتۈنىمەن، ۋە سۇنتىخەدىن ئۆتۈنىمەنكى، رەبدە بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار! 2
I panaui Ewodia o i panaui Sintike, pwe ira en minimin pena ren Kaun o.
دۇرۇس، مەن سەندىنمۇ تەلەپ قىلىمەنكى، ئى ھەقىقىي ھەمبويۇنتۇرۇقلۇق خىزمەتدىشىم، بۇ ئاياللارنىڭ ياردىمىدە بولغىن؛ مانا ئۇلار مەن ۋە كلىمەنت بىلەن بىللە، شۇنداقلا ناملىرى «ھاياتلىك دەپتىرى»گە خاتىرىلەنگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەر خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىرگە كۈرەش قىلغان. 3
O i pil poeki re omui ai warok melel, sauasa ira, me iang ia er dodok ni rongamau, iangaki Klemens o ai warok tei kan, me arail mar akan mi nan puk en maur.
رەبدە شادلىنىڭلار؛ مەن يەنە ئېيتىمەنكى، شادلىنىڭلار! 4
Komail peren ki Kaun o ansau karos! I pil pan indada: Komail pereperen!
سىلەرنىڭ مۇلايىملىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن؛ رەب يېقىندۇر! 5
Komail kadek ong aramas akan karos, Kaun o me kotin korendor.
ھېچ ئىش توغرۇلۇق ئەندىشە قىلماڭلار؛ بەلكى ھەربىر ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىپ تىلىكىڭلارنى خۇداغا دۇئا ھەم ئىلتىجا ئارقىلىق مەلۇم قىلىڭلار؛ 6
Komail der patauki meakot, a komail kasale ong Kot meakaros me komail inong iong ni omail kapakap o ngidingid ki danke.
شۇ چاغدا ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان، خۇدا ئىگە بولغان خاتىرجەملىك قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى مەسىھ ئەيسادا قوغدايدۇ. 7
O popol en Kot, me lapa sang lolekong, pan apapwali mongiong omail o omail lamelam ren Kristus Iesus.
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، نېمە ئىشلار ھەقىقەت، نېمە ئىشلار ئالىيجاناب، نېمە ئىشلار ھەققانىي، نېمە ئىشلار پاك، نېمە ئىشلار خۇش-يېقىملىق، نېمە ئىشلار شان-شۆھرەتلىك بولسا، قىسقىسى ھەرقانداق ئىشلاردا ئەخلاق-پەزىلەت ياكى ماختاشقا لايىق تەرەپلەر بار بولسا، شۇ ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىڭلار. 8
Pil eu ri ai kan, karos me melel, karos me kon ong, karos me pung, karos me min, karos me kaselel, karos me kalok mau, o ma pil eu tiak mau de men kaping, komail ap madamadaua due!
مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە مەندە كۆرگەنلەرنىڭ ھەرقاندىقى بولسا، سىلەر شۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ شۇنداق قىلغاندا خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. 9
Meakan, me komail padakkier o aleer, o rongadar, o kilanger re i, i me komail wia, a Kot en popol ap pan kotikot re omail.
ئەمدى مەن رەبدە زىيادە شادلاندىمكى، سىلەر ھازىر ئاخىردا ماڭا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭلارنى قايتىدىن كۆرسەتتىڭلار (بىلىمەنكى، ماڭا دائىم كۆيۈنۈپ كەلدىڭلار، ئەمما پەقەتلا كۆرسىتىش پۇرسىتى چىقمىدى). 10
A ngai me perenki Kaun o kaualap, pweki ni ansau wet omail apwali ia me tapwendar; ari so, komail apwali ia ansau karos, a ansau kis komail sota kak ong.
مەن بۇ گېپىمنى، بىرەر موھتاجلىقتىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق؛ چۈنكى ئەھۋالىم قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. 11
I sota inda mepukat pweki ai samamalar, pwe i kin insenemau ni ai samama o ni ai kapwapwa.
مەن ئوسال ئەھۋالدا ياشاشنى بىلىمەن، ھەم كەڭرىچىلىكتە ياشاشنىمۇ بىلىمەن. ھەر ئىشتا، ھەر ئەھۋالدا، ھەم توقلۇقتا ھەم ئاچلىقتا، ھەم باياشاتچىلىقتا ھەم موھتاجلىقتا ياشاشنىڭ سىرىنى ئۆگىنىۋالدىم. 12
I asada duen tiak en samama o duen tiak en kapwapwa. Ngai koiokki meakaros o song karos, i kak metier o men mangadar, o muei met o tutupok.
ماڭا قۇدرەت بەرگۈچىگە تايىنىپ ھەممە ئىشنى قىلالايدىغان بولدۇم. 13
I kak ong meakaros, pweki i, me katin ia da.
ھالبۇكى، مېنىڭ قىيىنچىلىقىمغا ئورتاق بولۇشۇڭلار بىلەن ياخشى قىلدىڭلار. 14
Ari so, me mau omail apwali ia la ni ai paiolar akan.
سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، ئەي فىلىپپىلىقلار، مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ چىققىنىمدا، خۇش خەۋەرنى باشقا يەرلەرگە يەتكۈزگەن دەسلەپتىكى ۋاقىتلاردا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق جامائەت بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىشلىرىدا مەن بىلەن ھەمكارلاشمىغان. 15
A komail men Pilipi pil asaer, me sota momodisou apapwali ia ni meakaros dueta komail sang ni tapin rongamau, ni ai ko wei sang Masetonien.
چۈنكى تېسالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئېھتىياجىم چۈشكەندە سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم ئەۋەتتىڭلار. 16
Pwe komail kisakis dong ia pan riapak ni ai samamalar nan Tesalonik.
مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغاتنى ئىزدەپ سورىغىنىم ئەمەستۇر، ئىزدىگىنىم بولسا ھېساۋاتىڭلارغا [روھىي] مېۋىنىڭ كۆپ توپلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. 17
Kaidin kisakis, me i kin rapaki, a i kin rapaki wa, pwen kalaudela noumail kisin likau.
لېكىن مەندە ھەممە نەرسە بار، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەك بار؛ سىلەر ئەۋەتكەنلىرىڭلارنى ئېپافرودىتتىن تاپشۇرۇۋېلىپ تېرەمگە سىغماي قالدىم ۋە مولچىلىققا چۆمدۇم. بۇ ئەۋەتكىنىڭلار ئىنتايىن خۇشبۇي، خۇداغا قوبۇل بولغۇدەك، شۇنداقلا ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان بىر قۇربانلىقتەك ئىدى. 18
Pwe me mi re i itar ong ia, op il laud sang. Muei met mi re i, ni ai aleer omail kisakis ren Epaprotitus. Meakan ras ong pomau eu o mairong mau eu, me kon ong Kot.
ۋە مېنىڭ خۇدايىم سىلەر موھتاج بولغان ھەممە نەرسىنى مەسىھ ئەيسادا بولغان شان-شەرىپىدىكى بايلىقلارغا ئاساسەن مول تەمىنلەيدۇ. 19
A ai Kot pan kotin kaitar omail samama duen a kapwapwa ni lingan ren Kristus Iesus.
ئەمدى خۇدايىمىز ھەم ئاتىمىزغا ئەبەدىلئەبەدگىچە شان-شەرەپ بولغاي! ئامىن. (aiōn g165) 20
A lingan en ko ong Kot o Sam atail kokolata! Amen. (aiōn g165)
مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام يەتكۈزۈڭلار. يېنىمدىكى قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام! 21
Ai ranamau ong saraui kan karos ren Kristus Iesus. Ri atail akan, me mi re i, kin ranamau wong komail.
بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن، بولۇپمۇ قەيسەر [ئىمپېراتورنىڭ] ئوردىسىدا بولغانلاردىن سىلەرگە سالام! 22
Saraui kan karos kin ranamau wong komail, pil toun im en Sisa mon karos.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! 23
Mak en atail Kaun Iesus Kristus en mi ren ngen omail! Amen.

< فىلىپپىلىقلارغا 4 >