< فىلىپپىلىقلارغا 3 >

ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، رەبدە شادلىنىڭلار! بۇلارنى سىلەرگە قايتا يېزىش مەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 1
V ostalem, bratje moji, veselite se v Gospodu. Isto pisati vam ni sitno meni, vam pa v potrjenje.
ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار! 2
Pazite se psov, pazite se slabih delalcev, pazite se razkolja!
چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز. 3
Kajti mi smo obreza, ki v duhu služimo Bogu in se hvalimo v Kristusu Jezusu, in ne zaupamo v meso;
مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ 4
Dasì bi imel jaz tudi v meso zaupanje. Če méni kdo drug zaupati v meso, jaz bolj;
سۈننەتكە كەلسەك، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلىندىم؛ ئىسرائىل مىللىتىدىن، بىنيامىننىڭ قەبىلىسىدىنمەن، «ئىبرانىيلارنىڭ ئىبرانىيىسى»مەن؛ تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن؛ 5
Obrezan osmi dan, iz rodú Izraelovega, rodovine Benjaminove, Hebrejec iz Hebrejcev, po postavi Farizej,
خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛ 6
Po gorečnosti preganjalec občine, po pravičnosti v postavi bréz pogreška.
ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛ 7
Ali kar mi je bilo dobiček, to sem imel zaradi Kristusa za izgubo;
مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى، 8
Ali zares tudi zdaj imam vse za izgubo zavoljo preobilosti spoznanja Kristusa Jezusa, Gospoda svojega, za katerega voljo sem vse izgubil, in za smeti imam, da pridobim Kristusa,
مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ 9
In se najdem v njem, ne da imam svojo pravico iz postave, nego po veri Kristusovi, iz Boga pravico v veri;
مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، ــ يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 10
Da spoznam njega in vstajenja njegovega moč, in sodeleštvo njegovega trpljenja, storivši se podobnega smrti njegovi,
شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن. 11
Če pač pridem do vstajenja mrtvih;
ئۇلارغا ئېرىشتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېمەكچى ئەمەسمەن؛ لېكىن مەسىھ ئەيسانىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىدا بولغان مۇددىئا-نىشانىنى ئۆزۈم تۇتۇۋالسام دەپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. 12
Ne da sem že dosegel ali sem že popoln; a lovim, če pač dosežem, za kar sem tudi vjet bil od Kristusa Jezusa.
قېرىنداشلار، مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تۇتۇۋالدىم دەپ قارىمايمەن. پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلىمەنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ، 13
Bratje, jaz ne sodim, da sem dosegel;
نىشاننى قوغلاپ، خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان بۈيۈك چاقىرىقىدىكى ئىنئامىغا قاراپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. 14
Eno pa: pozabivši kar je zadaj, a spenjajoč se po tém, kar je spredaj, proti smotru hitim za darilom nebeškega poklica Božjega v Kristusu Jezusu.
ئەمدى ئارىمىزدىن كىمكى پىشىپ يېتىلگەن بولسا شۇ ئوي-مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 15
Kolikor nas je torej popolnih, bodimo teh misli; in če ste v čem drugih misli, bode vam tudi to Bog razodel.
قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى. 16
Todà do česar smo dospeli, isto bodi nam pravilo v dejanji, isto v mišljenji.
مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار. 17
Posnemalci moji bodite vsi, bratje, in glejte one, kateri tako živé, kakor imate nas za zgled.
چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. 18
Kajti mnogo jih živi, katere sem vam mnogokrat imenoval, zdaj pa jih tudi jokajoč imenujem, sovražnike križa Kristusovega,
ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. 19
Katerih konec poguba, katerih Bog trebuh, in slava v njih sramoti, ki jim je zemeljsko v mislih.
ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ــ ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. 20
Kajti naše dejanje je v nebesih, od koder tudi zveličarja pričakujemo Gospoda Jezusa Kristusa,
ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ. 21
Kateri bode telo ponižanja našega preizobrazil, da bode podobno telesu slave njegove, po kreposti, s katero si more tudi vse podvreči.

< فىلىپپىلىقلارغا 3 >