< فىلىپپىلىقلارغا 3 >
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، رەبدە شادلىنىڭلار! بۇلارنى سىلەرگە قايتا يېزىش مەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. | 1 |
Dále pak, bratří moji, radujte se v Pánu. Jednostejných vám věcí psáti mně se jistě nestýště, vám pak to bezpečné jest.
ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار! | 2 |
Vizte psy, vizte zlé dělníky, vizte roztržku.
چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز. | 3 |
Neboť myť jsme obřízka, kteříž duchem sloužíme Bohu, a chlubíme se v Kristu Ježíši, a nedoufáme v těle,
مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ | 4 |
Ačkoli i já mohl bych doufati v těle. Zdá-liť se komu jinému, že by mohl doufati v těle, já více,
سۈننەتكە كەلسەك، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلىندىم؛ ئىسرائىل مىللىتىدىن، بىنيامىننىڭ قەبىلىسىدىنمەن، «ئىبرانىيلارنىڭ ئىبرانىيىسى»مەن؛ تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن؛ | 5 |
Obřezán jsa osmého dne, jsa z rodu Izraelského, pokolení Beniaminova, Žid z Židů, podlé zákona farizeus,
خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛ | 6 |
A z strany horlivosti protivník církve, z strany pak spravedlnosti zákonní jsa bez úhony.
ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛ | 7 |
Ale to, což mi bylo ziskem, položil jsem sobě pro Krista za škodu.
مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى، | 8 |
Nýbrž i všecky věci pokládám škodou býti pro vyvýšenost známosti Krista Ježíše Pána svého, pro nějž jsem to všecko ztratil, a mám to jako za lejna, abych Krista získal,
مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ | 9 |
A v něm nalezen byl nemající své spravedlnosti, kteráž jest z zákona, ale tu, kteráž jest z víry Kristovy, tu spravedlnost, kteráž jest z Boha, a u víře záleží,
مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، ــ يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، | 10 |
Abych poznal jej, a moc vzkříšení jeho, i společnost utrpení jeho, připodobňuje se k smrti jeho,
شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن. | 11 |
Zda bych tak přišel k vzkříšení z mrtvých.
ئۇلارغا ئېرىشتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېمەكچى ئەمەسمەن؛ لېكىن مەسىھ ئەيسانىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىدا بولغان مۇددىئا-نىشانىنى ئۆزۈم تۇتۇۋالسام دەپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. | 12 |
Ne že bych již dosáhl, aneb již dokonalým byl, ale snažně běžím, zda bych i uchvátiti mohl, načež uchvácen jsem od Krista Ježíše.
قېرىنداشلار، مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تۇتۇۋالدىم دەپ قارىمايمەن. پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلىمەنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ، | 13 |
Bratří, jáť nemám za to, že bych již dosáhl.
نىشاننى قوغلاپ، خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان بۈيۈك چاقىرىقىدىكى ئىنئامىغا قاراپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. | 14 |
Ale to jedno činím, na ty věci, kteréž jsou za mnou, zapomínaje, k těm pak, kteréž jsou přede mnou, úsilně chvátaje, k cíli běžím, k odplatě svrchovaného povolání Božího v Kristu Ježíši.
ئەمدى ئارىمىزدىن كىمكى پىشىپ يېتىلگەن بولسا شۇ ئوي-مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. | 15 |
Protož kteřížkoli jsme dokonalí, to smýšlejme. A pakli v čem jinak smyslíte, i toť vám Bůh zjeví.
قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى. | 16 |
Ale k čemuž jsme již přišli, v tom při jednostejném zůstávejme pravidle, a jednostejně smyslme.
مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار. | 17 |
Spolunásledovníci moji buďte, bratří, a šetřte těch, kteříž tak chodí, jakož máte příklad na nás.
چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. | 18 |
Neboť mnozí chodí, o nichž jsem častokrát pravil vám, a nyní s pláčem pravím, že jsou nepřátelé kříže Kristova,
ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. | 19 |
Jichžto konec jest zahynutí, jejichž Bůh jest břicho, a sláva v mrzkostech jejich, kteříž o zemské věci stojí.
ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ــ ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. | 20 |
Ale naše obcování jest v nebesích, odkudž i spasitele očekáváme Pána Jezukrista,
ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ. | 21 |
Kterýž promění tělo naše ponížené, aby bylo podobné k tělu slávy jeho, podlé mocnosti té, kterouž mocen jest i všecky věci podmaniti sobě.