< فىلىپپىلىقلارغا 2 >
ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، | 1 |
A ko je torej kako opominjanje v Kristusu, ako kaka tolažba ljubezni, ako kaka sodeležnost Duha, ako kako usmiljenje in milovanje;
ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. | 2 |
Napolnite mi veselje, da ste zložni, imajoč isto ljubezen, ene duše, enih misli;
Nič iz prepirljivosti ali ničemurnosti, nego po ponižnosti drug druzega više stavite od sebe.
ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار. | 4 |
Ne glejte vsak na svoje, nego vsak tudi na to, kar je druzega.
مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ | 5 |
To mišljenje namreč bodi v vas, katero tudi v Kristusu Jezusu,
ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛ | 6 |
Kateri, dasì v podobi Božji, vendar ni smatral za rop biti Bogu enak;
ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ، | 7 |
Nego samega sebe je izpraznil, vzel je nase podobo hlapčevo, postal človeku enak; in po obličji je bil najden za človeka;
ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛ | 8 |
Ponižal se je postavši pokoren do smrti, smrti pa na križi.
شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، | 9 |
Za to je tudi Bog povišal ga in podelil mu ime nad vsa imena;
ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، | 10 |
Da se naj v imenu Jezusovem pripogiblje vsako koleno nebeščanov in Zemljanov in podzemljanov,
خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. | 11 |
In vsak jezik spoznava, da je Jezus Kristus Gospod v slavo Boga očeta.
شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار. | 12 |
Za to, ljubljeni moji, kakor ste bili vsegdar poslušni, ne samo v pričujočnosti moji, nego sedaj mnogo bolj v nepričujočnosti moji, v strahu in trepetu vršite zveličanje svoje.
چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. | 13 |
Kajti Bog je, ki deluje v vas voljo in delovanje, kakor ga volja.
ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ | 14 |
Vse delajte brez godrnjanja in pomišljanja,
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ | 15 |
Da bodete brez pogreška in čisti, otroci Božji brez madeža, sredi rodú sključenega in spačenega, med katerimi se svetite kakor nebeške luči na svetu,
شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن. | 16 |
Držeč se besede življenja, na slavo meni za dan Kristusov, da nisem zastonj tekal in trudil se zastonj.
ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن. | 17 |
Ali če se tudi darujem nad daritvijo in službo vere vaše, veselim se in vkup veselim z vami vsemi;
سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك. | 18 |
Enako pa veselite se tudi vi in vkup veselite z menoj.
لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ | 19 |
Upam pa v Gospodu Jezusu, da vam skoraj pošljem Timoteja, da bodem tudi jaz mirnega srca, ko zvem, kako je pri vas.
چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر. | 20 |
Nikogar namreč nimam enakodušnega, kateri bode pošteno skrbel, kako je pri vas;
چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ | 21 |
Kajti vsi iščejo svojega, ne kar je Kristusa Jezusa;
ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. | 22 |
Preskušenost pa poznate njegovo, da je, kakor otrok z očetom, z menoj služil za evangelj.
ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ | 23 |
Tega torej upam poslati, ko izprevidim, kako je z menoj, precej.
ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار. | 24 |
Upam pa v Gospodu, da tudi sam skoraj pridem.
ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم، | 25 |
Potrebno se mi je pa zdelo poslati k vam Epafrodita, brata in sodelalca in sovojaka mojega, ter poslanca vašega in služabnika potrebe moje;
چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى. | 26 |
Kajti hrepenel je po vas vseh in trepetal, ker ste slišali, da je zbolel.
ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. | 27 |
Kajti zbolel je bil blizu smrti; ali Bog se ga je usmilil, a ne njega samo, nego tudi mene, da bi ne imel težave čez težavo.
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن. | 28 |
Hitreje torej sem ga poslal, da ga vidite zopet ter se veselite, in jaz bodem menj žalosten.
ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ | 29 |
Sprejmite ga torej v Gospodu z vsem veseljem, in take imejte v čisli;
چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى. | 30 |
Kajti zaradi dela Kristusovega se je bil približal smrti, v nemar pustivši življenje, da bi dopolnil pogrešek službovanja vašega proti meni.