< فىلىپپىلىقلارغا 2 >

ئەگەر ئەمدى مەسىھتە رىغبەت بار دېيىلسە، مۇھەببەتنىڭ تەسەللىسى بار دېيىلسە، روھنىڭ سىرداشلىقى بار دېيىلسە، قەلبدە ئىچ ئاغرىتىشلار ھەم رەھىمدىللىق بار دېيىلسە، 1
Εἴ τις οὖν παράκλησις ἐν Χριστῷ, εἴ τι παραμύθιον ἀγάπης, εἴ τις κοινωνία πνεύματος, εἴ (τις *N(k)O*) σπλάγχνα καὶ οἰκτιρμοί,
ــ ئەمدى ئوخشاش بىر ئوي-پىكىردە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا ئوخشاش مۇھەببەتتە باغلىنىپ، بىر جان بىر نىيەتتە بولۇپ، ئاراڭلاردا ھېچ ئىش رىقابەتتىن ياكى قۇرۇق شۆھرەتپەرەسلىكتىن بولمىسۇن؛ ئەكسىچە، ئوي-خىيالىڭلاردا كىچىك پېئىللىق بولۇپ ھەربىرىڭلار باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى دەپ بىلىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا شاد-خۇراملىقىمنى كامىل قىلىسىلەر. 2
πληρώσατέ μου τὴν χαρὰν ἵνα τὸ αὐτὸ φρονῆτε, τὴν αὐτὴν ἀγάπην ἔχοντες, σύμψυχοι, τὸ ἓν φρονοῦντες,
3
μηδὲν κατ᾽ ἐριθείαν (μηδὲ *N(k)O*) (κατὰ *no*) κενοδοξίαν ἀλλὰ τῇ ταπεινοφροσύνῃ ἀλλήλους ἡγούμενοι ὑπερέχοντας ἑαυτῶν·
ھەربىرىڭلار پەقەت ئۆز ئىشلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ قالماي، بەلكى باشقىلارنىڭكىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭلار. 4
μὴ τὰ ἑαυτῶν (ἕκαστος *NK(o)*) (σκοποῦντες *N(k)O*) ἀλλὰ καὶ τὰ ἑτέρων (ἕκαστοι. *N(k)O*)
مەسىھ ئەيسادا بولغان ئوي-پوزىتسىيە سىلەردىمۇ بولسۇن: ــ 5
τοῦτο (γὰρ *k*) (φρονεῖτε *N(k)O*) ἐν ὑμῖν ὃ καὶ ἐν Χριστῷ Ἰησοῦ,
ئۇ خۇدانىڭ تىپ-شەكلىدە بولسىمۇ، ئۆزىنى خۇدا بىلەن تەڭ قىلىشنى ئولجا قىلىپ تۇتۇۋالمىدى؛ 6
ὃς ἐν μορφῇ θεοῦ ὑπάρχων οὐχ ἁρπαγμὸν ἡγήσατο τὸ εἶναι ἴσα θεῷ,
ئەكسىچە، ئۇ ئۆزىدىن ھەممىنى قۇرۇقدىدى، ئۆزىگە قۇلنىڭ شەكلىنى ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ سىياقىغا كىرىپ، ئىنسانىي تەبىئەتتىن ئورتاقداش بولۇپ، 7
ἀλλ᾽ ἑαυτὸν ἐκένωσεν μορφὴν δούλου λαβών, ἐν ὁμοιώματι ἀνθρώπων γενόμενος,
ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛ 8
καὶ σχήματι εὑρεθεὶς ὡς ἄνθρωπος ἐταπείνωσεν ἑαυτὸν γενόμενος ὑπήκοος μέχρι θανάτου, θανάτου δὲ σταυροῦ·
شۇڭا خۇدا ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ مەرتىۋىلىك قىلدى، ئۇنىڭغا ھەرقانداق نامدىن ئۈستۈن بولغان نامنى بېغىشلىدىكى، 9
διὸ καὶ ὁ θεὸς αὐτὸν ὑπερύψωσεν καὶ ἐχαρίσατο αὐτῷ (τὸ *no*) ὄνομα τὸ ὑπὲρ πᾶν ὄνομα,
ئەيسانىڭ نامىغا ئاسمانلاردا، يەر يۈزىدە ھەم يەر ئاستىدا بارلىق تىزلار پۈكۈلۈپ، 10
ἵνα ἐν τῷ ὀνόματι Ἰησοῦ πᾶν γόνυ κάμψῃ ἐπουρανίων καὶ ἐπιγείων καὶ καταχθονίων,
خۇدائاتىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ ھەربىر تىل ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. 11
καὶ πᾶσα γλῶσσα ἐξομολογήσηται ὅτι κύριος Ἰησοῦς Χριστὸς εἰς δόξαν θεοῦ πατρός.
شۇنىڭ بىلەن، ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەر ھەمىشە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، پەقەت مەن يېنىڭلاردا بولغىنىمدىلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقىدەك مەن سىلەردىن نېرى بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق ئىتائەت بىلەن ئەيمىنىشتە، تىترىگەن ھالدا ئۆز نىجاتىڭلارنى ھەرتەرەپكە تەتبىقلاشقا ئىنتىلىڭلار. 12
Ὥστε, ἀγαπητοί μου, καθὼς πάντοτε ὑπηκούσατε, μὴ ὡς ἐν τῇ παρουσίᾳ μου μόνον ἀλλὰ νῦν πολλῷ μᾶλλον ἐν τῇ ἀπουσίᾳ μου, μετὰ φόβου καὶ τρόμου τὴν ἑαυτῶν σωτηρίαν κατεργάζεσθε·
چۈنكى خۇدانىڭ گۈزەل خاھىشى بويىچە سىلەرنىڭ ئىرادە تىكلىشىڭلارغا ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلاردا ئىچىڭلاردا ئىشلىگۇچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. 13
(ὁ *k*) θεὸς γάρ ἐστιν ὁ ἐνεργῶν ἐν ὑμῖν καὶ τὸ θέλειν καὶ τὸ ἐνεργεῖν ὑπὲρ τῆς εὐδοκίας.
ھەممە ئىشلارنى غۇدۇڭشىماي ياكى تالاش-تارتىش قىلماي قىلىڭلار؛ 14
πάντα ποιεῖτε χωρὶς γογγυσμῶν καὶ διαλογισμῶν,
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەيىبسىز، ساپ دىللىق بولۇپ، بۇ دەۋردىكى تەتۈر، ئەسەببىي ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ياشاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دۇنياغا يورۇقلۇق بەرگۈچىلەردەك پارلاپ، خۇدانىڭ داغسىز پەرزەنتلىرى بولىسىلەر؛ 15
ἵνα γένησθε ἄμεμπτοι καὶ ἀκέραιοι, τέκνα θεοῦ (ἄμωμα *N(k)O*) (ἐν *k*) (μέσον *N(k)O*) γενεᾶς σκολιᾶς καὶ διεστραμμένης ἐν οἷς φαίνεσθε ὡς φωστῆρες ἐν κόσμῳ,
شۇنىڭدەك ھاياتنىڭ سۆز-كالامىنى سۇنۇپ بەرگۈچى بولغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، مەن سىلەردىن مەسىھنىڭ كۈنىدە بىكار يۈگۈرمەپتىمەن، بىكار جاپا تارتماپتىمەن دەپ پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلايلايدىغان بولىمەن. 16
λόγον ζωῆς ἐπέχοντες, εἰς καύχημα ἐμοὶ εἰς ἡμέραν Χριστοῦ, ὅτι οὐκ εἰς κενὸν ἔδραμον, οὐδὲ εἰς κενὸν ἐκοπίασα.
ھەتتا مەن «شاراب ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېتىقادىڭلاردىكى قۇربانلىق ھەم خىزمەت-ئىبادەتنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلساممۇ، مەن شادلىنىمەن، شۇنداقلا سىلەر بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىمەن. 17
ἀλλ᾽ εἰ καὶ σπένδομαι ἐπὶ τῇ θυσίᾳ καὶ λειτουργίᾳ τῆς πίστεως ὑμῶν, χαίρω καὶ συγχαίρω πᾶσιν ὑμῖν·
سىلەرمۇ ئوخشاش يولدا شادلىنىسىلەر ۋە مەن بىلەن بىللە ئورتاق شادلىنىشىڭلار كېرەك. 18
τὸ δὲ αὐτὸ καὶ ὑμεῖς χαίρετε καὶ συγχαίρετέ μοι.
لېكىن مەن رەبدە پات ئارىدا تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ خۇش بولسام؛ 19
Ἐλπίζω δὲ ἐν κυρίῳ Ἰησοῦ Τιμόθεον ταχέως πέμψαι ὑμῖν, ἵνα κἀγὼ κἀγὼ εὐψυχῶ γνοὺς τὰ περὶ ὑμῶν·
چۈنكى يېنىمدا ئۇنىڭغا ئوخشاش، دىلىمىز بىر بولغان، ئىشلىرىڭلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلگۈچى باشقا ئادەم يوقتۇر. 20
οὐδένα γὰρ ἔχω ἰσόψυχον, ὅστις γνησίως τὰ περὶ ὑμῶν μεριμνήσει·
چۈنكى ھەممە ئادەم ئەيسا مەسىھنىڭ ئىشلىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتىلىدۇ؛ 21
οἱ πάντες γὰρ τὰ ἑαυτῶν ζητοῦσιν, οὐ τὰ (τοῦ *k*) Ἰησοῦ Χριστοῦ·
ئەمما سىلەر ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى، ئۇنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ خىزمىتىدە خۇددى ئاتىسىغا ھەمراھ بولۇپ ئىشلەيدىغان بالىدەك مەن بىلەن بىرگە مېھنەت سىڭدۈرگەنلىكىنى بىلىسىلەر. 22
τὴν δὲ δοκιμὴν αὐτοῦ γινώσκετε, ὅτι ὡς πατρὶ τέκνον σὺν ἐμοὶ ἐδούλευσεν εἰς τὸ εὐαγγέλιον.
ئەمدى ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال ماڭدۇرۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلىمەن؛ 23
τοῦτον μὲν οὖν ἐλπίζω πέμψαι ὡς ἂν (ἀφίδω *N(k)O*) τὰ περὶ ἐμὲ ἐξαυτῆς·
ئەمما ئۆزۈمنىڭ يېنىڭلارغا پات ئارىدا بارىدىغانلىقىمغا رەب ئارقىلىق ئىشەنچىم بار. 24
πέποιθα δὲ ἐν κυρίῳ ὅτι καὶ αὐτὸς ταχέως ἐλεύσομαι.
ئەمما بۇنىڭدىن ئاۋۋال مېنىڭ قېرىندىشىم، خىزمەتدىشىم ھەم سەپدىشىم بولغان، سىلەرنىڭ ئەلچىڭلار ھەم ھاجىتىمدىن چىققان قۇربانلىق ياردىمىڭلارنى يەتكۈزگۈچى ئېپافرودىتنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى زۆرۈر تاپتىم، 25
Ἀναγκαῖον δὲ ἡγησάμην Ἐπαφρόδιτον τὸν ἀδελφὸν καὶ συνεργὸν καὶ συστρατιώτην μου, ὑμῶν δὲ ἀπόστολον καὶ λειτουργὸν τῆς χρείας μου, πέμψαι πρὸς ὑμᾶς·
چۈنكى ئۇ ھەممىڭلارغا سېغىنىپ تەلپۈنگەنىدى ھەم سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسەل ھالىدىن خەۋەر تاپقىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابلاندى. 26
ἐπειδὴ ἐπιποθῶν ἦν πάντας ὑμᾶς (ἰδεῖν *O*) καὶ ἀδημονῶν διότι ἠκούσατε ὅτι ἠσθένησεν.
ئۇ دەرۋەقە كېسەل بولۇپ ئەجەلگە يېقىنلىشىپ قالدى؛ لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى؛ ھەم مېنىڭ دەردىمنىڭ ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، بەلكى ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. 27
καὶ γὰρ ἠσθένησεν παραπλήσιον (θανάτῳ· *NK(o)*) ἀλλ᾽ ὁ θεὸς ἠλέησεν αὐτόν, οὐκ αὐτὸν δὲ μόνον ἀλλὰ καὶ ἐμέ, ἵνα μὴ λύπην ἐπὶ λύπην σχῶ.
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈپ شادلىنىشىڭلار ۋە شۇنداقلا ئۆزۈمگە نىسبەتەن دەردلىرىمنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ جىددىي يولغا سالماقچىمەن. 28
σπουδαιοτέρως οὖν ἔπεμψα αὐτόν, ἵνα ἰδόντες αὐτὸν πάλιν χαρῆτε, κἀγὼ κἀγὼ ἀλυπότερος ὦ.
ئەمدى ئۇنى شاد-خۇراملىق بىلەن رەبدە قوبۇل قىلىڭلار ھەم ئۇنىڭدەك ئادەملەرگە ھۆرمەت قىلىڭلار؛ 29
προσδέχεσθε οὖν αὐτὸν ἐν κυρίῳ μετὰ πάσης χαρᾶς καὶ τοὺς τοιούτους ἐντίμους ἔχετε·
چۈنكى ئۇ مەسىھنىڭ خىزمىتىنى دەپ، سىلەرنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان ياردىمىڭلارنى بېجىرىشتە يولۇققان بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئەجەلگە يۈزلىنىپ، ئۆز جېنىنى تەۋەككۈل قىلدى. 30
ὅτι διὰ τὸ ἔργον (τοῦ *k*) (Χριστοῦ *NK(O)*) μέχρι θανάτου ἤγγισεν παραβολευσάμενος τῇ ψυχῇ, ἵνα ἀναπληρώσῃ τὸ ὑμῶν ὑστέρημα τῆς πρός με λειτουργίας.

< فىلىپپىلىقلارغا 2 >