< فىلىپپىلىقلارغا 1 >

ئەيسا مەسىھنىڭ قۇللىرى بولغان پاۋلۇس ۋە تىموتىيدىن، فىلىپپىدا تۇرۇۋاتقان، مەسىھ ئەيسادا بولغان بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە، يېتەكچىلەر ۋە خىزمەتچىلەرگە سالام! 1
Paulus, et Timotheus servi Iesu Christi, omnibus sanctis in Christo Iesu, qui sunt Philippis, cum episcopis, et diaconibus.
سىلەرگە خۇدائاتىمىز ۋە رەب ئەيسا مەسىھتىن مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىنغاي! 2
Gratia vobis, et pax a Deo Patre nostro, et Domino Iesu Christo.
ھەرقېتىم سىلەرنى ئەسلىگىنىمدە مەن خۇدايىمغا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 3
Gratias ago Deo meo in omni memoria vestri,
ھەرقېتىم دۇئا قىلغىنىمدا، سىلەرنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر خىزمىتىگە بولغان ھەمكارلىقىڭلار تۈپەيلىدىن توختىماي شاد-خۇراملىق بىلەن سىلەرگە دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىمەن؛ 4
semper in cunctis orationibus meis pro omnibus vobis, cum gaudio deprecationem faciens,
5
super communicatione vestra in Evangelio Christi a prima die usque nunc.
چۈنكى مېنىڭ دەل شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، سىلەردە ياخشى ئىشنى باشلىغۇچى بۇ ئىشنى تاكى ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنىگىچە كامالەتكە يەتكۈزۈپ تاماملايدۇ؛ 6
confidens hoc ipsum, quia qui coepit in vobis opus bonum, perficiet usque in diem Christi Iesu.
مېنىڭ ھەممىڭلار توغرۇلۇق شۇنداق ئويلىشىم توغرىدۇر؛ چۈنكى مەن قەلبىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن زىنداندا زەنجىرلەنگىنىمدىمۇ ۋە خۇش خەۋەرنى ئاقلىغىنىمدىمۇ، دەلىللىگىنىمدىمۇ [خۇدا ماڭا يەتكۈزگەن] مېھىر-شەپقەتتىن سىلەرمۇ ئورتاق بەھرىمەن بولىسىلەر. 7
sicut est mihi iustum hoc sentire pro omnibus vobis: eo quod habeam vos in corde, et in vinculis meis, et in defensione, et confirmatione Evangelii, socios gaudii mei omnes vos esse.
مېنىڭ مەسىھ ئەيسانىڭ ئىچ-باغرىدا بولۇپ سىلەرنى شۇنچىلىك تەلپۈنۈپ سېغىنغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھچىدۇر. 8
Testis enim mihi est Deus, quomodo cupiam omnes vos in visceribus Iesu Christi.
مېنىڭ دۇئا-تىلاۋىتىم بولسا، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە بىلىم ۋە ئەتراپلىق ساۋات بىلەن يورۇتۇلۇپ تېخىمۇ ئېشىپ تاشقايكى، 9
Et hoc oro ut charitas vestra magis ac magis abundet in omni scientia, et in omni sensu:
سىلەر نېمە ئىشلارنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلەيدىغان بولۇپ، مەسىھنىڭ كۈنىدە پاك-دىيانەتلىك، ئەيىبسىز بولىسىلەر 10
ut probetis potiora, ut sitis sinceri, et sine offensa in diem Christi,
ھەمدە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بولغان، خۇدانىڭ شان-شەرىپى ھەم مەدھىيىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىقنىڭ مېۋىسى بىلەن تولدۇرۇلىسىلەر. 11
repleti fructu iustitiae per Iesum Christum, in gloriam et laudem Dei.
بىراق سىلەرگە شۇنى خەۋەرلەندۈرمەكچىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم ئەمەلىيەتتە خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولدى؛ 12
Scire autem vos volo fratres, quia quae circa me sunt, magis ad profectum venerunt Evangelii:
چۈنكى مېنىڭ قامىلىشىم مەسىھ ئۈچۈن ئىكەنلىكى ئىمپېراتور ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىدىكىلەرگە ۋە باشقا ھەممەيلەنگە ئايان بولدى. 13
ita ut vincula mea manifesta fierent in Christo in omni praetorio, et in ceteris omnibus,
شۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ قامىلىشىم تۈپەيلىدىن رەبگە تايىنىپ [خۇدانىڭ] سۆز-كالامىنى قورقماي سۆزلەشكە تېخىمۇ جۈرئەتلىك بولدى؛ 14
ut plures e fratribus in Domino confidentes in vinculis meis, abundantius auderent sine timore verbum Dei loqui.
دەرۋەقە، بەزىلىرى ھەسەت قىلىپ ياكى رىقابەتلىشىپ، بەزىلىرى ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مەسىھنى جاكارلايدۇ؛ 15
Quidam quidem et propter invidiam, et contentionem: quidam autem et propter bonam voluntatem Christum praedicant:
كېيىنكىلىرى بولسا بەرھەق مۇھەببەتتىن، مېنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاقلاپ ئىسپاتلىشىم ئۈچۈن مۇشۇ يەرگە قويۇلغانلىقىمنى بىلگەنلىكىدىن شۇنداق قىلماقتا؛ 16
quidam ex charitate: scientes quoniam in defensionem Evangelii positus sum.
ئالدىنقىلىرى بولسا چىن كۆڭلىدىن ئەمەس، بەلكى شەخسىيەتچىلىكىدىن، مېنىڭ زەنجىرلەنگەن دەردىمگە دەرد قوشماقچى بولۇپ شۇنداق قىلماقتا. 17
Quidam autem ex contentione Christum annunciant non sincere, existimantes pressuram se suscitare vinculis meis.
ئەمدى بۇلارغا نېمە دېگۈلۈك؟ قانداقلا بولمىسۇن، توغرا نىيەتتىن بولسۇن ساختىلىقتىن بولسۇن، ئوخشاشلا مەسىھ جاكارلىنىدۇ؛ مەن شۇنىڭغا شادلىنىمەن؛ بەرھەق، داۋاملىق شادلىنىۋېرىمەن. 18
Quid enim? Dum omni modo sive per occasionem, sive per veritatem Christus annuncietur: et in hoc gaudeo, sed et gaudebo.
چۈنكى دۇئالىرىڭلار ۋە مەسىھ ئەيسانىڭ روھىنىڭ قۇۋۋەتلىشى ئارقىلىق بۇ ئىشلار نىجات-قۇتقۇزۇلۇشۇمغا مەدەت بولىدۇ دەپ بىلىمەن، 19
Scio enim quia hoc mihi proveniet ad salutem, per vestram orationem, et subministrationem Spiritus Iesu Christi,
ــ دېمەك، تەقەززالىقىم ۋە ئۈمىد-ئىستىكىم بويىچە ھېچ ئىشتا خىجالەتچىلىكتە قالماستىن، تىرىك ياكى ئۆلۈك بولاي، ھەردائىم بولغىنىدەك ھازىرمۇ تولۇق جاسارەت بىلەن مەسىھ تېنىمدە ئۇلۇغلانسۇن! 20
secundum expectationem, et spem meam, quia in nullo confundar: sed in omni fiducia sicut semper, et nunc magnificabitur Christus in corpore meo, sive per vitam, sive per mortem.
چۈنكى ماڭا نىسبەتەن ھاياتىمنىڭ ئۆزى مەسىھدۇر، ئۆلۈش بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. 21
Mihi enim vivere Christus est, et mori lucrum.
جېنىم تېنىمدە قالسا، ئەمدى نېسىۋەم يەنە مېۋىلىك خىزمەت بولىدۇ؛ لېكىن قايسىسىنى ئەۋزەل بىلىپ تاللىۋېلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن؛ 22
Quod si vivere in carne, hic mihi fructus operis est, et quid eligam ignoro.
مەن ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالدىم؛ چۈنكى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىزارمەن ــ بۇ ئىش زىيادە ئەۋزەلدۇر؛ 23
Coarctor autem e duobus: desiderium habens dissolvi, et esse cum Christo, multo magis melius:
ئەمما سىلەر ئۈچۈن جېنىمنىڭ تېنىمدە قېلىشى تېخىمۇ زۆرۈرغۇ دەيمەن. 24
permanere autem in carne, necessarium propter vos.
ئەمدى بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل بولۇپ، سىلەرنىڭ ئېتىقادتا ئالغا ئىلگىرىلىشىڭلار ھەم شاد-خۇرام بولۇشۇڭلار ئۈچۈن مەن سىلەر بىلەن بىللە قېلىپ داۋاملىق تۇرىمەن دەپ بىلىمەن؛ 25
Et hoc confidens scio quia manebo, et permanebo omnibus vobis ad profectum vestrum, et gaudium fidei:
شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە يەنە ھەمراھ بولغىنىم ۋەجىدىن مەن ئارقىلىق مەسىھ ئەيسادا پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلىشىڭلار تېخىمۇ زىيادىلىشىدۇ! 26
ut gratulatio vestra abundet in Christo Iesu in me, per meum adventum iterum ad vos.
پەقەت ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىگە لايىق تۇتۇڭلاركى، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ سىلەر بىلەن دىدارلاشقاندىمۇ، سىلەردىن ئايرىلغاندىمۇ، ئىشلىرىڭلاردىن ئاڭلايدىغىنىم سىلەرنىڭ بىر روھ بىر جاندا بولۇپ چىڭ دەسسەپ تۇرۇپ، خۇش خەۋەردىكى ئېتىقادنىڭ يولىدا كۈرەشكە ئىنتىلىۋاتقىنىڭلار، 27
Tantum digne Evangelio Christi conversamini: ut sive cum venero, et videro vos, sive absens audiam de vobis quia statis in uno spiritu unanimes, collaborantes fidei Evangelii:
شۇنداقلا قارشى چىققۇچىلارنىڭ ھېچقانداق ۋەھىمىلىرىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتمىگىنىڭلار بولسۇن؛ سىلەردىكى بۇ غەيرەت، ئۇلارغا ھالاكەتنىڭ بەلگىسى، سىلەرگە بولسا قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارنىڭ ئالامىتى، شۇنىڭدەك ئالايىتەن خۇدادىن كەلگەن بىر ئالامەتتۇر؛ 28
et in nullo terreamini ab adversariis: quae illis est causa perditionis, vobis autem salutis, et hoc a Deo:
چۈنكى مەسىھنىڭ يولىدا سىلەرگە پەقەت ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن خورلۇققا ئۇچراشمۇ نېسىۋە قىلىنغاندۇر. 29
quia vobis donatum est pro Christo, non solum ut in eum credatis, sed ut etiam pro illo patiamini:
چۈنكى سىلەر ئىلگىرى مەندە كۆرگىنىڭلاردەك ۋە شۇنىڭدەك ھازىر ئاڭلىغىنىڭلاردەك مەن يولۇققان كۈرەشكە سىلەرمۇ يولۇقماقتىسىلەر. 30
idem certamen habentes, quale et vidistis in me, et nunc audistis de me.

< فىلىپپىلىقلارغا 1 >