< فىلېمونغا 1 >
مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن سۆيۈملۈكىمىز ۋە خىزمەتدىشىمىز فىلېمونغا | 1 |
Պօղոս՝ Յիսուս Քրիստոսի բանտարկեալը, եւ Տիմոթէոս եղբայրը, Փիլիմոնի՝ մեր սիրելիին ու գործակիցին,
ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، سەپدىشىمىز ئاركىپپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە يىغىلىدىغان جامائەتكە سالام! | 2 |
Ապփիա սիրելիին, Արքիպպոսի՝ մեր զինակիցին, ու քու տանդ մէջ հաւաքուող եկեղեցիին.
خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! | 3 |
շնորհք եւ խաղաղութիւն ձեզի Աստուծմէ՝ մեր Հօրմէն, ու Տէր Յիսուս Քրիստոսէ:
رەببىمىز ئەيساغا ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ۋە ئىشەنچ-ئېتىقادىڭنى ئاڭلاپ، مەن دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ | 4 |
Շնորհակալ կ՚ըլլամ իմ Աստուծմէս՝ ամէն ատեն յիշելով քեզ իմ աղօթքներուս մէջ,
երբ կը լսեմ քու սիրոյդ եւ հաւատքիդ մասին՝ որ ունիս Տէր Յիսուսի ու բոլոր սուրբերուն հանդէպ,
بىزگە نېسىپ بولغان، مەسىھنى ئۇلۇغلايدىغان بارلىق ياخشى ئىلتىپاتنى تولۇق تونۇپ يېتىشىڭ بىلەن، سېنىڭ ئېتىقادنىڭ ئەمەللىرىدە مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ كۈچەيتىلسۇن دەپ دۇئا قىلىمەن. | 6 |
որպէսզի քու հաւատքիդ հաղորդակցութիւնը արդիւնաւոր ըլլայ՝ Քրիստոս Յիսուսով ձեր մէջ եղած ամէն բարիքի գիտակցութեամբ:
چۈنكى سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى؛ چۈنكى ئى قېرىندىشىم، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئىچ-باغىرلىرى سېنىڭ ئارقىلىق كۆپ سۆيۈندۈرۈلدى. | 7 |
Քանի որ մեծ ուրախութիւն եւ մխիթարութիւն ունինք քու սիրոյդ համար, որովհետեւ սուրբերուն սիրտը քեզմով հանգստացած է, եղբա՛յր:
شۇڭا، گەرچە سېنى لايىق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇشقا مەسىھدە جۈرئەتلىك بولالىساممۇ، | 8 |
Ուստի, թէպէտ Քրիստոսով շատ համարձակութիւն ունիմ հրամայելու քեզի ինչ որ պատշաճ է,
لېكىن يەنىلا مۇھەببەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن مەنكى قېرى پاۋلۇس ھەمدە ھازىرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ مەھبۇسى بولۇش سۈپىتىدە ساڭا ئىلتىماس قىلىپ ئۆتۈنۈشنى لايىق كۆردۇم ــ | 9 |
փոխարէնը կ՚աղաչե՛մ՝ սիրոյ համար, ըլլալով այնպիսի մէկը, ինչպէս եմ ես՝ Պօղոս, ծերացած, եւ հիմա՝ նաեւ Յիսուս Քրիստոսի բանտարկեալը:
كىشەنلەردە تۇرۇپ تۇغقان بالام، يەنى ئونېسىمۇس توغرۇلۇق ئىلتىماسىم بار. | 10 |
Կ՚աղաչե՛մ քեզի զաւակիս՝ Ոնեսիմոսի համար, որ ծնայ իմ կապերուս մէջ:
ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر. | 11 |
Ան ժամանակին անպէտ էր քեզի. իսկ հիմա պիտանի է թէ՛ քեզի, թէ՛ ինծի:
مەن ھازىر ئۇنى ــ جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىمەن. | 12 |
Ետ ղրկեցի զայն քեզի. իսկ դուն ընդունէ՛ զինք իբր իմ սիրտս:
خۇش خەۋەرنى دەپ كىشەنلەردە تۇرغىنىمدا ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمدا قالدۇرۇپ قالغۇم بار ئىدى؛ | 13 |
Կ՚ուզէի իմ քովս պահել զայն, որպէսզի քու կողմէդ սպասարկէ ինծի՝ աւետարանի կապերուն մէջ.
بىراق سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالماي ھېچنېمىنى قىلغۇم يوق؛ شۇنداق قىلغاندا سېنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن بولىدۇ. | 14 |
բայց ուզեցի ոչինչ ընել առանց քու կարծիքիդ, որպէսզի քու բարիքդ չըլլայ որպէս թէ հարկադրաբար, հապա՝ ըլլայ կամովին:
چۈنكى سېنىڭ ئونېسىمۇستىن ۋاقىتلىق مەھرۇم بولغىنىڭنىڭ سەۋەبى، بەلكىم دەل سېنىڭ ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە نېسىۋە بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئىدى. (aiōnios ) | 15 |
Թերեւս ան ժամանակ մը զատուեցաւ, որպէսզի յաւիտեան ունենաս զինք. (aiōnios )
مېنىڭ شۇنداق دېگىنىم، ئۇنىڭغا قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن ــ ماڭا نەقەدەر سۆيۈملۈك، شۇنداقلا ساڭا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىغان (ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن ھەم رەبدە بولغان مۇناسىۋەت بىلەن)، سۆيۈملۈك قېرىنداش قاتارىدا ئىگە بولىسەن؛ | 16 |
ա՛լ ո՛չ թէ ստրուկի մը պէս, հապա ստրուկէ մը գերիվեր՝ սիրելի եղբօր մը պէս: Ու եթէ սիրելի է մա՛նաւանդ ինծի, ո՜րչափ աւելի պիտի ըլլայ քեզի՝ թէ՛ մարմինի համեմատ, թէ՛ ալ Տէրոջմով:
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى ھەمداش قاتارىدا كۆرسەڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلغىن. | 17 |
Ուրեմն եթէ զիս հաղորդակից կը նկատես՝՝ քեզի, ընդունէ՛ զայն՝ որպէս թէ զիս:
ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى ساڭا قەرزدار بولغان بولسا، بۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا يازغىن. | 18 |
Ու եթէ անիրաւած է քեզ կամ պարտք մը ունի, անցո՛ւր զայն իմ հաշիւիս:
مانا مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: قەرزى بولسا ئۆزۈم قايتۇرىمەن؛ لېكىن مەن ساڭا ئۆزۈڭنىڭ جېنىڭ بىلەن ماڭا قەرزدار بولغىنىڭنى تىلغا ئالمايمەن. | 19 |
Ես՝ Պօղոս՝ գրեցի ի՛մ ձեռքովս. ես կը վճարեմ, որ չըսեմ քեզի թէ դո՛ւն ալ՝ դուն քեզ կը պարտիս ինծի:
شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، مەن رەبدە سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشمەكچىمەن؛ ئىچ-باغىرلىرىمنى مەسىھدە سۆيۈندۈرگىن. | 20 |
Այո՛, եղբա՛յր, քեզմէ այս օգուտը թող ունենամ Տէրոջմով. հանգստացո՛ւր իմ սիրտս Տէրոջմով:
ئىشەنچىم سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا كامىل بولۇپ ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭنى بىلىپ، ساڭا مۇشۇنداق يازدىم. | 21 |
Վստահելով հնազանդութեանդ՝ գրեցի քեզի, քանի որ գիտեմ թէ ըսածէս ա՛լ աւելի պիտի ընես:
بۇلاردىن باشقا، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن. | 22 |
Միաժամանակ ինծի ալ պատրաստէ հիւրանոց մը, որովհետեւ կը յուսամ թէ պիտի շնորհուիմ ձեզի՝ ձեր աղօթքներուն միջոցով:
ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن زىنداندىشىم بولغان ئەپافراس، | 23 |
Կը բարեւէ քեզ Եպափրաս՝ գերութեան ընկերս Քրիստոս Յիսուսով.
خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام. | 24 |
նաեւ Մարկոս, Արիստարքոս, Դեմաս, Ղուկաս՝ գործակիցներս:
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! | 25 |
Մեր Տէրոջ՝ Յիսուս Քրիստոսի շնորհքը ձեր հոգիին հետ: Ամէն: