< ئوبادىيا 1 >
ئوبادىيا كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈش: ــ رەب پەرۋەردىگار ئېدوم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ (بىز پەرۋەردىگاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق) ــ «بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلدى؛ ئۇ: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، بىز ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تۇرايلى!» ــ دەپ خەۋەر بېرىدۇ. | 1 |
俄巴底亚得了耶和华的默示。 论以东说: 我从耶和华那里听见信息, 并有使者被差往列国去, 说:起来吧, 一同起来与以东争战!
مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك قىلدىم؛ سەن [ئەللەر ئارىسىدا] قاتتىق كەمسىتىلگەن خەلق بولىسەن! | 2 |
我使你—以东在列国中为最小的, 被人大大藐视。
ھەي تىك قىيانىڭ يېرىقلىرى ئىچىدە تۇرغۇچى، تۇرالغۇسى يۇقىرى بولغۇچى، كۆڭلۈڭدە: «كىم مېنى يەرگە چۈشۈرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، كۆڭلۈڭدىكى تەكەببۇرلۇق ئۆزۈڭنى ئالداپ قويدى! | 3 |
住在山穴中、居所在高处的啊, 你因狂傲自欺, 心里说:谁能将我拉下地去呢?
سەن بۈركۈتتەك ئۆزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرسەڭمۇ، چاڭگاڭنى يۇلتۇزلار ئارىسىغا تىزساڭمۇ، مەن شۇ يەردىن سېنى چۈشۈرۈۋېتىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 4 |
你虽如大鹰高飞, 在星宿之间搭窝, 我必从那里拉下你来。 这是耶和华说的。
بۇلاڭچىلار قېشىڭغا كەلسىمۇ، ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، (ھەي، شۇنچە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن!) ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا ئوغرىلايتتى ئەمەسمۇ؟ ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ | 5 |
盗贼若来在你那里, 或强盗夜间而来— 你何竟被剪除— 岂不偷窃直到够了呢? 摘葡萄的若来到你那里, 岂不剩下些葡萄呢?
بىراق ئەساۋنىڭ تەئەللۇقاتى قانداق ئاختۇرۇلدى! ئۇنىڭ يوشۇرۇن بايلىقلىرى قانداق تېپىپ چىقىلدى! | 6 |
以扫的隐密处何竟被搜寻? 他隐藏的宝物何竟被查出?
بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭ سېنى چېگرايىڭغىچە ھەيدىۋېتىدۇ؛ سەن بىلەن ئىناق ئۆتكەنلەر سېنى ئالداپ، ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىدۇ؛ نېنىڭنى يېگەنلەر ساڭا قىلتاق قۇرىدۇ؛ [سەن] دەرۋەقە يورۇتۇلمىغاندۇرسەن! | 7 |
与你结盟的都送你上路,直到交界; 与你和好的欺骗你,且胜过你; 与你一同吃饭的设下网罗陷害你; 在你心里毫无聪明。
مەن شۇ كۈنى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئېدومدىن دانىشمەنلەرنى، ئەساۋدىن ئەقىل-پاراسەتنى يوقاتمامدىمەن؟ | 8 |
耶和华说:到那日, 我岂不从以东除灭智慧人? 从以扫山除灭聪明人?
شۇنىڭ بىلەن پالۋانلىرىڭ پاراكەندە بولىدۇ، ئى تېمان، شۇنىڭ بىلەن ئەساۋنىڭ تېغىدىكى ھەربىر ئادەم قىرغىنچىلىقتا قەتل قىلىنىدۇ. | 9 |
提幔哪, 你的勇士必惊惶, 甚至以扫山的人都被杀戮剪除。
ئۇكاڭ ياقۇپقا قىلغان زۇلۇم-زوراۋانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، ئىزا-ئاھانەت سېنى قاپلايدۇ؛ سەن مەڭگۈگە ئۈزۈپ تاشلىنىسەن. | 10 |
因你向兄弟雅各行强暴, 羞愧必遮盖你, 你也必永远断绝。
سەن بىر چەتتە [پەرۋاسىز] قاراپ تۇرغان كۈنى، يەنى ياقا يۇرتتىكىلەر [بۇرادىرىڭنىڭ] مۈلكىنى بۇلاپ كەتكەن كۈنى، تائىپىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ يېرۇسالېم ئۈستىگە چەك تاشلىغان كۈنى، سەن ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئوخشاش بولغانسەن. | 11 |
当外人掳掠雅各的财物, 外邦人进入他的城门, 为耶路撒冷拈阄的日子, 你竟站在一旁,像与他们同伙。
بىراق قېرىندىشىڭنىڭ ئاپەتلىك كۈنىگە پەرۋاسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، يەھۇدانىڭ بالىلىرىنىڭ ھالاكەت كۈنىدە خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە ئاغزىڭنى يوغان قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ | 12 |
你兄弟遭难的日子, 你不当瞪眼看着; 犹大人被灭的日子, 你不当因此欢乐; 他们遭难的日子, 你不当说狂傲的话。
ئۆز خەلقىمنى ئاپەت باسقان كۈنىدە، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىغا كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى؛ ئۇلارنى ئاپەت باسقان كۈنىدە ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەمىگە ئېرەنسىز قاراپ تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى، ئاپەت باسقان كۈنىدە قولۇڭنى مال-مۈلكىگە سوزماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ | 13 |
我民遭灾的日子, 你不当进他们的城门; 他们遭灾的日子, 你不当瞪眼看着他们受苦; 他们遭灾的日子, 你不当伸手抢他们的财物;
سەن شەھەردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ئاچا يولدا تۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى؛ كۈلپەت باسقان كۈنىدە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى دۈشمەنگە تاپشۇرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. | 14 |
你不当站在岔路口剪除他们中间逃脱的; 他们遭难的日子, 你不当将他们剩下的人交付仇敌。
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە چۈشۈشكە يېقىن قالغاندۇر؛ سېنىڭ باشقىلارغا قىلغىنىڭدەك، ساڭىمۇ شۇنداق قىلىنىدۇ؛ ساڭا تېگىشلىك جازا ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ؛ | 15 |
耶和华降罚的日子临近万国。 你怎样行,他也必照样向你行; 你的报应必归到你头上。
چۈنكى سەن ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا [غەزىپىمنى] ئىچكىنىڭدەك، بارلىق ئەللەرمۇ شۇنداق توختاۋسىز ئىچىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئىچىدۇ، يۇتىدۇ، ئاندىن ئۇلار ھېچ مەۋجۇت ئەمەستەك يوقاپ كېتىدۇ. | 16 |
你们犹大人在我圣山怎样喝了苦杯, 万国也必照样常常地喝; 且喝且咽,他们就归于无有。
بىراق زىئون تېغى ئۈستىدە پاناھ-قۇتقۇزۇلۇش بولىدۇ، تاغ پاك-مۇقەددەس بولىدۇ؛ ياقۇپ جەمەتىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ؛ | 17 |
在锡安山必有逃脱的人, 那山也必成圣; 雅各家必得原有的产业。
ۋە ياقۇپ جەمەتى ئوت، يۈسۈپ جەمەتى يالقۇن، ئەساۋ جەمەتى ئۇلارغا پاخال بولىدۇ؛ [ئوت ۋە يالقۇن] ئەساۋ جەمەتى ئىچىدە يېقىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ؛ ئەساۋ جەمەتىدىن ھېچبىرسى قالمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلغان. | 18 |
雅各家必成为大火; 约瑟家必为火焰; 以扫家必如碎秸; 火必将他烧着吞灭。 以扫家必无余剩的。 这是耶和华说的。
[يەھۇدانىڭ] جەنۇبىدىكىلەر ئەساۋنىڭ تېغىغا ئىگە بولىدۇ؛ شەفەلاھ تۈزلەڭلىكىدىكىلەر فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ، بەرھەق، ئۇلار ئەفرائىمنىڭ دالاسى ھەم سامارىيەنىڭ دالاسىغا ئىگە بولىدۇ؛ بىنيامىن گىلېئادقا ئىگە بولىدۇ؛ | 19 |
南地的人必得以扫山; 高原的人必得非利士地, 也得以法莲地和撒马利亚地; 便雅悯人必得基列。
سۈرگۈن بولغانلاردىن قېلىپ قالغان ئىسرائىللاردىن تەركىب تاپقان بۇ قوشۇن قانائاندىكىلەرگە تەۋە بولغان زېمىنغا زارەفاتقىچە ئىگە بولىدۇ؛ سەفارادتا سۈرگۈندە تۇرغان يېرۇسالېمدىكىلەر بولسا جەنۇبتىكى شەھەرلەرگە ئىگە بولىدۇ. | 20 |
在迦南人中被掳的以色列众人 必得地直到撒勒法; 在西法拉中被掳的耶路撒冷人 必得南地的城邑。
ئاندىن زىئون تېغى ئۈستىگە قۇتقۇزغۇچىلار چىقىدۇ، ئۇلار ئەساۋ تېغى ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا تەۋە بولىدۇ! | 21 |
必有拯救者上到锡安山,审判以扫山; 国度就归耶和华了。