مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا بۇيرۇپ: — | 1 |
لە ساڵی دووەمی هاتنەدەرەوەیان لە خاکی میسر لە مانگی یەک لە چۆڵەوانی سینا یەزدان بە موسای فەرموو: |
ئىسرائىللار بېكىتىلگەن ۋاقىتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن؛ | 2 |
«با نەوەی ئیسرائیل جەژنی پەسخە لە کاتی خۆیدا بکەن، |
يەنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار، — دېدى. | 3 |
لە ڕۆژی چواردەی ئەم مانگە لە زەردەپەڕدا، لە کاتی خۆیدا دەیکەن، بەگوێرەی هەموو فەرز و ڕاسپاردەکان.» |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. | 4 |
موساش لەگەڵ نەوەی ئیسرائیل دوا بۆ ئەوەی جەژنی پەسخە بکەن، |
ئۇلار بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا، سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى. | 5 |
جا لە چواردەی مانگی یەک لە زەردەپەڕدا لە چۆڵەوانی سینا جەژنی پەسخەیان کرد، بەگوێرەی هەموو ئەوەی یەزدان فەرمانی بە موسا کرد، نەوەی ئیسرائیل ئاوایان کرد. |
بىر نەچچەيلەن بىر ئۆلۈككە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار شۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى-دە، ئۇلار شۇ كۈنى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇساغا: — | 6 |
بەڵام هەندێک کەس بەهۆی مردووێکەوە بەپێی ڕێوڕەسم گڵاو ببوون و دروست نەبوو بۆیان لەو ڕۆژەدا جەژنی پەسخە بکەن، جا لەو ڕۆژەدا هاتنە بەردەم موسا و هارون. |
بىز ئۆلۈپ قالغان ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولساقمۇ، لېكىن نېمىشقا ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدا، بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇشقا كېرەك بولغىنىنى ئېلىپ كېلىشتىن رەت قىلىنىمىز؟ — دېيىشتى. | 7 |
ئەو خەڵکە پێیان گوت: «ئێمە بەهۆی کەسێکی مردووەوە گڵاوین، بۆچی لە کاتی خۆیدا لەنێو نەوەی ئیسرائیلدا وەلابنرێین و قوربانی بۆ یەزدان پێشکەش نەکەین؟» |
— توختاپ تۇرۇڭلار، مەن بېرىپ پەرۋەردىگار سىلەر توغراڭلاردا نېمە بۇيرۇيدىكىن، ئاڭلاپ باقاي، ــ دېدى مۇسا ئۇلارغا. | 8 |
موساش وەڵامی دانەوە: «بوەستن با گوێم لێ بێت یەزدان سەبارەت بە ئێوە چی فەرمان دەکات.» |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 9 |
جا یەزدان بە موسای فەرموو: |
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ئىچىدە بەزىلەر ئۆلۈكلەرگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولۇپ قالغان بولسا ياكى ئۇزاق سەپەر ئۈستىدە بولسا، ئۇلار يەنىلا پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. | 10 |
«لەگەڵ نەوەی ئیسرائیل بدوێ و پێیان بڵێ:”هەرکەسێک لە ئێوە یان لە نەوەکانتان، ئەگەر بە مردووێک گڵاو ببوو یان لە گەشتێکی دوور بوو، با جەژنی پەسخە بۆ یەزدان بکات. |
ئۇنداق كىشىلەر ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى گۇگۇمدا ھېيتنى ئۆتكۈزسۇن؛ [ھېيت تائامىنى] پېتىر نان ۋە ئاچچىق كۆكتاتلار بىلەن بىللە يېسۇن؛ | 11 |
لە ڕۆژی چواردەی مانگی دوو لە زەردەپەڕدا دەیکەن، بەرخەکە بە نانی فەتیرە و بە گیای تاڵەوە دەخۆن. |
ئۇلاردىن ئەتىگە ئازراقمۇ قالدۇرمىسۇن ۋە [قوزىسىنىڭ] ئۇستىخانلىرىدىن بىرەرسىنىمۇ سۇندۇرغۇچى بولمىسۇن؛ ئۇلار ھېيتنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. | 12 |
هیچی بۆ بەیانی ناهێڵنەوە و هیچ ئێسقانێکی لێ ناشکێنرێت. بەگوێرەی هەموو فەرزەکانی جەژنی پەسخە دەیکەن. |
ھالبۇكى، پاك بولغان، سەپەر ئۈستىدىمۇ بولمىغان ئەمما ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئېتىبار بەرمىگەن كىشى بولسا ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى بېكىتىلگەن ۋاقىتتا پەرۋەردىگارغا سۇنۇش كېرەك بولغىنىنى سۇنمىغانلىق ىۈچۈن، ئۇ ئۆز گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. | 13 |
بەڵام ئەگەر یەکێک پاک بوو و لە گەشت نەبوو، جەژنی پەسخەی نەکرد، ئەو گیانە لە گەلەکەی دادەبڕدرێت، چونکە لە کاتی خۆیدا قوربانی یەزدانی پێشکەش نەکردووە، ئەو کەسە ئۆباڵی گوناهەکەی خۆی هەڵدەگرێت. |
ئەگەر ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك بىر مۇساپىر پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە قائىدە-تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزسۇن؛ يات ئەللىك مۇساپىرلار ئۈچۈن ۋە زېمىندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈنمۇ ئاراڭلاردا شۇ بىرلا نىزام بولسۇن. | 14 |
«”ئەگەر نامۆیەک لەنێو ئێوەدا بژیێت و ویستی جەژنی پەسخە بۆ یەزدان بگێڕێت، بەگوێرەی فەرزی پەسخە و یاساکانی ئاوا دەکات، یەک فەرز دەبێت بۆتان، بۆ نامۆ و بۆ هاوڵاتی خاکەکە.“» |
ئىبادەت چېدىرى تىكلەنگەن كۈنى، بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى، يەنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىنى قاپلاپ تۇردى؛ كەچتىن تاكى ئەتىگەنگىچە، بۇلۇت خۇددى ئوتتەك ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە تۇردى. | 15 |
لە ڕۆژی دامەزراندنی چادرەکەی پەرستن کە بە چادری پەیمان ناسراوە، هەورێک چادرەکەی پەرستنی داپۆشی. هەر لە ئێوارەوە هەتا بەیانی هەورەکە لەسەر چادرەکەی پەرستن وەک دیمەنی ئاگر بوو. |
دائىم شۇنداق بولاتتى؛ [كۈندۈزى] بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنى قاپلاپ تۇراتتى، كېچىسى ئۇ ئوتقا ئوخشايتتى. | 16 |
بە بەردەوامی ئاوا بوو، هەور دایدەپۆشی و بە شەویش هەورەکە دیمەنی ئاگری هەبوو. |
قاچانىكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار يولغا چىقاتتى؛ بۇلۇت قەيەردە توختىسا، ئىسرائىللار شۇ يەردە بارگاھ تىكەتتى. | 17 |
هەر کاتێکیش هەورەکە لەسەر چادرەکە بەرز دەبووەوە، ئەوا نەوەی ئیسرائیل لەدوای ئەوە بەڕێ دەکەوتن. لەو شوێنەی هەورەکە بنیشتبایەوە ئەوا نەوەی ئیسرائیل لەوێ چادریان هەڵدەدا. |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماڭاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارگاھ تىكەتتى؛ بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچە ئۇزاق توختىسا، ئۇلار بارگاھتا شۇنچە ئۇزاق تۇراتتى. | 18 |
بە فەرمانی یەزدان نەوەی ئیسرائیل بەڕێ دەکەوتن و بە فەرمانی یەزدان چادریان هەڵدەدا، هەموو ڕۆژانی نیشتنی هەورەکە بەسەر چادرەکەی پەرستندا ئەوان لە چادرەکانی خۆیان دەمانەوە. |
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە خېلى كۈنلەرگىچە توختاپ تۇرسا، ئىسرائىللارمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتۇپ سەپەرگە چىقمايتتى؛ | 19 |
هەر کاتێک هەورەکە چەند ڕۆژێکی زۆر لەسەر چادرەکەی پەرستن دەمایەوە، ئەوا نەوەی ئیسرائیل گوێڕایەڵی یەزدان دەبوون و بەڕێ نەدەکەوتن. |
مۇبادا بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە پەقەت بىرنەچچە كۈنلا توختىسا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ ۋاقىتتا بارگاھ قۇرۇپ ياتاتتى، ئاندىن يەنە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە سەپەرگە ئاتلىناتتى. | 20 |
هەر کاتێک هەورەکە چەند ڕۆژێکی کەم لەسەر چادری پەرستن دەمایەوە، ئەوا بەگوێرەی فەرمانی یەزدان چادریان هەڵدەدا و بەگوێرەی فەرمانی یەزدان بەڕێ دەکەوتن. |
ۋە مۇبادا بۇلۇت پەقەتلا كەچتىن ئەتىگەنگىچە توختاپ، ئەتتىگەندە بۇلۇت يەنە كۆتۈرۈلسە، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى؛ مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار سەپەرگە چىقاتتى. | 21 |
هەندێک جار هەورەکە لە ئێوارەوە هەتا بەیانی دەمایەوە و لە بەیانیدا بەرز دەبووەوە، ئەو کاتە بەڕێ دەکەوتن. یان شەو و ڕۆژێک بمابایەوە و بەرز بووایەوە، ئەوا بەڕێ دەکەوتن. |
بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزۇنراق تۇرسا، مەيلى ئىككى كۈن، بىر ئاي، بىر يىل تۇرسىمۇ، ئىسرائىللار يولغا چىقماي بارگاھتا تۇرۇۋېرەتتى؛ لېكىن بۇلۇت كۆتۈرۈلۈپ ماڭسىلا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇراتتى. | 22 |
بەم جۆرە هەورەکە دوو ڕۆژ یان مانگێک یان ساڵێک، هەرچەندێک لەسەر چادرەکەی پەرستن بمابایەوە و بنیشتبایەوە، ئەوا نەوەی ئیسرائیل لە چادرەکانیان دەمانەوە و بەڕێ نەدەکەوتن، هەر کاتێکیش بەرز بووایەوە ئەوا بەڕێ دەکەوتن. |
پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار بارگاھ قۇراتتى، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار سەپەرنى داۋاملاشتۇراتتى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن بەرگەن ئەمرى بويىچە، پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسىتمىسىنى تۇتاتتى. | 23 |
بە فەرمانی یەزدان چادریان هەڵدەدا و بە فەرمانی یەزدان بەڕێ دەکەوتن و ئەرکی یەزدانیان دەپاراست، بەگوێرەی فەرمانی یەزدان لەسەر دەستی موسا. |