< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 8 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — | 1 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: —
سەن ھارۇنغا: «سەن چىراغلار ياقىدىغان چاغدا يەتتە چىراغنىڭ ھەممىسى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان بولسۇن» دەپ ئېيتىپ قوي، — دېدى. | 2 |
Sǝn Ⱨarunƣa: «Sǝn qiraƣlar yaⱪidiƣan qaƣda yǝttǝ qiraƣning ⱨǝmmisi qiraƣdanning aldini yorutidiƣan bolsun» dǝp eytip ⱪoy, — dedi.
ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ ئۇ چىراغدان ئۈستىدىكى چىراغلارنىڭ ھەممىسىنى ياندۇرۇپ، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، چىراغ نۇرىنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. | 3 |
Ⱨarun xundaⱪ ⱪildi; u qiraƣdan üstidiki qiraƣlarning ⱨǝmmisini yandurup, huddi Pǝrwǝrdigarning Musaƣa eytⱪinidǝk, qiraƣ nurini qiraƣdanning aldini yorutidiƣan ⱪilip ⱪoydi.
چىراغداننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇ ئالتۇندىن بولقا بىلەن سوقۇپ ياسالغان، پۇتىدىن گۈللىرىگىچە بولقا بىلەن سوقۇپ چىقىرىلغان. پەرۋەردىگار مۇساغا كۆرسەتكەن نۇسخىدەك، ئۇ چىراغداننى شۇنداق ياساتتى. | 4 |
Qiraƣdanning yasilixi mundaⱪ: u altundin bolⱪa bilǝn soⱪup yasalƣan, putidin güllirigiqǝ bolⱪa bilǝn soⱪup qiⱪirilƣan. Pǝrwǝrdigar Musaƣa kɵrsǝtkǝn nushidǝk, u qiraƣdanni xundaⱪ yasatti.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — | 5 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: —
سەن ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ چىقىپ پاكلىغىن. | 6 |
Sǝn Israillarning iqidin Lawiylarni tallap qiⱪip pakliƣin.
ئۇلارنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق قىل: «كافارەت سۈيى»نى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاچقىن؛ ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى پۈتۈن بەدىنىنى ئۇستۇرا بىلەن چۈشۈرسۇن، كىيىملىرىنى يۇيۇپ ئۆزىنى پاك قىلسۇن. | 7 |
Ularni paklax üqün ularƣa mundaⱪ ⱪil: «kafarǝt süyi»ni ularning bǝdinigǝ qaqⱪin; andin ular ɵzliri pütün bǝdinini ustura bilǝn qüxürsun, kiyimlirini yuyup ɵzini pak ⱪilsun.
ئاندىن كېيىن ئۇلار بىر تورپاق بىلەن شۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيەسىنى، يەنى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇننى كەلتۈرسۇن؛ سەن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تورپاقنى كەلتۈر. | 8 |
Andin keyin ular bir torpaⱪ bilǝn xuningƣa ⱪoxup axliⱪ ⱨǝdiyǝsini, yǝni zǝytun meyi ilǝxtürülgǝn esil unni kǝltürsun; sǝn gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün yǝnǝ bir torpaⱪni kǝltür.
سەن لاۋىيلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى يىغىپ كەل؛ | 9 |
Sǝn Lawiylarni jamaǝt qedirining aldiƣa kǝltür wǝ pütün Israil jamaitini yiƣip kǝl;
لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر قىلغىن؛ ئاندىن ئىسرائىللار كېلىپ قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويسۇن. | 10 |
Lawiylarni Pǝrwǝrdigarning ⱨuzuriƣa ⱨazir ⱪilƣin; andin Israillar kelip ⱪollirini ularning üstigǝ ⱪoysun.
ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ «پۇلاڭلاتما قۇربانلىق»ى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلسۇن. | 11 |
Ⱨarun Lawiylarni Israillarning «pulanglatma ⱪurbanliⱪ»i süpitidǝ Pǝrwǝrdigarning hizmitini ⱪilsun dǝp, Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝdiyǝ ⱪilsun.
لاۋىيلار قوللىرىنى ھېلىقى ئىككى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ سەن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى بولسۇن، بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولسۇن، لاۋىيلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن دەپ پەرۋەردىگارغا سۇنغىن. | 12 |
Lawiylar ⱪollirini ⱨeliⱪi ikki torpaⱪning bexiƣa ⱪoysun; sǝn birini gunaⱨ ⱪurbanliⱪi bolsun, birini kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ bolsun, Lawiylar üqün kafarǝt kǝltürsun dǝp Pǝrwǝrdigarƣa sunƣin.
سەن ئاندىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىل. | 13 |
Sǝn andin Lawiylarni Ⱨarun bilǝn uning oƣullirining aldida turƣuzup, ularni pulanglatma ⱪurbanliⱪ süpitidǝ Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝdiyǝ ⱪil.
لاۋىيلار مېنىڭكى بولسۇن دەپ، سەن لاۋىيلارنى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللاردىن ئايرىپ چىق. | 14 |
Lawiylar Meningki bolsun dǝp, sǝn Lawiylarni ǝnǝ xu tǝriⱪidǝ Israillardin ayrip qiⱪ.
ئاندىن لاۋىيلار كىرىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسا بولىدۇ؛ سەن ئۇلارنى پاكلاندۇر، ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىل. | 15 |
Andin Lawiylar kirip jamaǝt qedirining ixlirini ⱪilsa bolidu; sǝn ularni paklandur, ularni pulanglatma ⱪurbanliⱪ süpitidǝ ⱨǝdiyǝ ⱪil.
چۈنكى ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدە پۈتۈنلەي ماڭا ئاتالغان؛ مېنىڭ ئۇلارنى مېنىڭكى بولسۇن دەپ تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بالىياتقۇنىڭ تۇنجى مېۋىسى ئورنىدا قويغانلىقىمدۇر. | 16 |
Qünki ular Israillar iqidǝ pütünlǝy Manga atalƣan; Mening ularni Meningki bolsun dǝp tallixim ularni Israillarning arisida baliyatⱪuning tunji mewisi ornida ⱪoyƣanliⱪimdur.
چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىسى، مەيلى ئۇ ئىنسان ياكى ھايۋان بولسۇن، پۈتۈنلەي ماڭا تەۋەدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا بارلىق تۇنجىلارنى ئۆلتۈرگەن كۈنى ئۇلارنى ئۆزۈمگە مۇقەددەس قىلىپ ئېلىۋالغانىدىم. | 17 |
Qünki Israillarning tunjisi, mǝyli u insan yaki ⱨaywan bolsun, pütünlǝy Manga tǝwǝdur; Mǝn Misir zeminida barliⱪ tunjilarni ɵltürgǝn küni ularni Ɵzümgǝ muⱪǝddǝs ⱪilip eliwalƣanidim.
مېنىڭ لاۋىيلارنى ئۇ يول بىلەن تاللىشىم ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا قويۇشۇم ئۈچۈندۇر. | 18 |
Mening Lawiylarni u yol bilǝn tallixim ularni Israillarning iqidiki tunjilirining ornida ⱪoyuxum üqündur.
ۋە جامائەت چېدىرىدا ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت كەلتۈرسۇن، شۇنىڭدەك ئىسرائىللار مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشقاندا ئۇلار ئارىسىدا بالا-قازا چىقمىسۇن دەپ، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردىم. | 19 |
Wǝ jamaǝt qedirida Israillarning hizmitidǝ bolsun wǝ Israillarning [gunaⱨini tilǝp] kafarǝt kǝltürsun, xuningdǝk Israillar muⱪǝddǝs jayƣa yeⱪinlaxⱪanda ular arisida bala-ⱪaza qiⱪmisun dǝp, Mǝn Israillar iqidin Lawiylarni Ⱨarun bilǝn uning oƣulliriƣa bǝrdim.
مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى لاۋىيلارنى شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئىسرائىللار ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. | 20 |
Musa, Ⱨarun wǝ pütkül Israil jamaiti Lawiylarni xundaⱪ ⱪildi; Pǝrwǝrdigarning Lawiylar toƣruluⱪ Musaƣa buyruƣinidǝk Israillar ⱨǝmmisini bǝja kǝltürdi.
لاۋىيلار شۇنداق قىلىپ ئۆزلىرىنى [گۇناھتىن] پاكلاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پاكىزلىدى؛ ھارۇن ئۇلارنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلدى؛ ھارۇن يەنە ئۇلارنى پاكلاشقا [گۇناھىنى تىلەپ] كافارەت قىلدى. | 21 |
Lawiylar xundaⱪ ⱪilip ɵzlirini [gunaⱨtin] paklap, kiyim-keqǝklirini yuyup pakizlidi; Ⱨarun ularni pulanglatma ⱪurbanliⱪ süpitidǝ Pǝrwǝrdigarƣa ⱨǝdiyǝ ⱪildi; Ⱨarun yǝnǝ ularni paklaxⱪa [gunaⱨini tilǝp] kafarǝt ⱪildi.
ئاندىن كېيىن لاۋىيلار كىرىپ ھارۇننىڭ ئالدىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى؛ پەرۋەردىگار لاۋىيلار توغرۇلۇق مۇساغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، ئىسرائىللار ئۇنى شۇ بويىچە بەجا كەلتۈردى. | 22 |
Andin keyin Lawiylar kirip Ⱨarunning aldida, xundaⱪla uning oƣullirining aldida, jamaǝt qediri iqidiki ixlarni ⱪilixⱪa kirixti; Pǝrwǝrdigar Lawiylar toƣruluⱪ Musaƣa ⱪandaⱪ buyruƣan bolsa, Israillar uni xu boyiqǝ bǝja kǝltürdi.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 23 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسى مۇنداق بولسۇن: — يىگىرمە بەش ياشتىن يۇقىرىلىرى كىرىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا سەپكە كىرسۇن؛ | 24 |
Lawiylarning wǝzipisi mundaⱪ bolsun: — Yigirmǝ bǝx yaxtin yuⱪiriliri kirip jamaǝt qediri iqidiki ixlarni ⱪilixⱪa sǝpkǝ kirsun;
ئەللىك ياشقا يەتكەندىن كېيىن سەپتىن چېكىنىپ شۇ خىزمەتنى قىلمىسۇن؛ | 25 |
ǝllik yaxⱪa yǝtkǝndin keyin sǝptin qekinip xu hizmǝtni ⱪilmisun;
لېكىن ئۇلار جامائەت چېدىرى ئىچىدە قېرىنداشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشقا بولىدۇ، ئەمما چېدىردىكى رەسمىي ۋەزىپىدە بولمىسۇن. لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھەققىدە ئۇلارغا ئەنە شۇنداق قىل. | 26 |
lekin ular jamaǝt qediri iqidǝ ⱪerindaxliriƣa yardǝmlixip, ularning ⱨajǝtliridin qiⱪixⱪa bolidu, ǝmma qedirdiki rǝsmiy wǝzipidǝ bolmisun. Lawiylarning wǝzipiliri ⱨǝⱪⱪidǝ ularƣa ǝnǝ xundaⱪ ⱪil.