< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 6 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
Hoe ty nitsara’ Iehovà amy Mosè:
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، «ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، نازارىيلاردىن بولىمەن» دېگەن ئالاھىدە بىر قەسەمنى ئىچكەن بولسا، | 2 |
Misaontsia amo ana’Israeleo le ano ty hoe: Naho mitangèñe, manao ty fanta’ o Nazireo, ndra ty lahilahy ndra ampela, hiambake ho am’ Iehovà,
ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى ھاراق-شارابتىن ئايرىپ پەرھىز تۇتسۇن؛ ھاراق-شاراب بىلەن ئىشلەنگەن سىركىنىمۇ ئىچمىسۇن ياكى ھەرقانداق ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ۋە ھۆل-قۇرۇق ئۈزۈملەرنىمۇ يېمىسۇن. | 3 |
le hifoneña’e ty divay naho ze rano mahery; tsy hikama vinegran-divay ndra vinegran-toake, vaho tsy ho kamae’e ty ranom-baloboke, ndra ty voam-baloboke ke te mandrano he maike.
ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بارلىق كۈنلەردە، ئۈزۈم تېلىدىن چىققان ھەرقانداق نەرسىنى، مەيلى ئۈزۈم ئۇرۇقى بولسۇن، پوستى بولسۇن، ئۇلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. | 4 |
Tsy ho kamae’e ndra inoñe boak’ ami’ty vahem-baloboke ndra o àta’eo ndra o holi’eo amo hene andro maha Nazire azeo.
ئۆزۈمنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم دەپ قەسەم قىلغان كۈنلىرىدە، ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلەر ئۆتۈپ بولمىغۇچە، ئۇ مۇقەددەس بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇشى كېرەك. | 5 |
Amo hene andro maha Nazire azeo, tsy hiozam-piharatse i añambone’ey; ampara’ te heneke o andro niambaha’e ho a Iehovào; hiavake re; le henga’e hitombo avao o ori-maroin’añambone’eo.
ئۇ قەسەم ئىچكەن بارلىق كۈنلىرىدە ھېچقانداق ئۆلۈكلەرگە يېقىنلىشىشقا بولمايدۇ. | 6 |
Tsy hiharine lolo re amy ze hene andro hiambaha’e ho a’ Iehovà.
ئۇنىڭ ئۆز ئاتىسى، ئانىسى، قېرىندىشى ياكى ھەدە-سىڭىللىرى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇلارنى دەپ ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى بېشىدا پەرۋەردىگارغىلا خاس بولىمەن دەپ بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. | 7 |
Tsy handeo-batan-dre ndra aman-drae’e ndra rene’e, ndra aman-drahalahi’e ndra rahavave’e t’ie mihomake, amy te añambone’e eo ty fiambaha’e ho aman’ Añahare.
ئۆزىنى خۇداغا ئاتىۋەتكەن بارلىق كۈنلەردە ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا مۇقەددەس بولۇپ تۇرسۇن. | 8 |
Hiavake am’ Iehovà re amo hene andro fiambaha’eo.
مۇبادا بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىپ، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقنىڭ بەلگىسى بولغان بېشى بۇلغانغان بولسا، ئۇ ئۆزىنى پاكلاش كۈنى ۋە كېيىنكى يەتتىنچى كۈنىمۇ چېچىنى ئالدۇرسۇن. | 9 |
Ie mitojeha te mihomake marine aze t’indaty, naho leore’e i añambone’e norizañey, le ho harate’e i añambone’ey ami’ty andro fañeferañe aze; hiharata’e ami’ty andro fahafito’e.
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەكنى ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا كاھىنغا تاپشۇرسۇن. | 10 |
Amy andro fahavaloy re ro handay deho roe ndra ana-boromahilala roe mb’amy mpisoroñe an-dalan-kibohom-pamantañañey mb’eo,
كاھىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇپ، ئۆلۈك سەۋەبىدىن ناپاك بولۇپ قالغان گۇناھىنى تىلەپ كافارەت قىلسۇن؛ نازارىي شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆز بېشىنى قايتىدىن مۇقەددەس-پاك قىلسۇن، | 11 |
le ho hentseñe’ i mpisoroñey ty raike ho engan-kakeo, le hisoroña’e ty raike hijebañañe i nandilatse amy fateiy, vaho havahe’e amy àndroy ty añambone’e.
ئۇ ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان كۈنلىرىنى يېڭىۋاشتىن باشلىسۇن، شۇنىڭ بىلەن بىر ياشلىق بىر ئەركەك قوزىنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن؛ ئىلگىرىكى كۈنلىرى بولسا ئىناۋەتسىز ھېسابلانسۇن؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىنى [پەرۋەردىگارغا] ئاتىغان ھالىتى بۇلغانغان. | 12 |
Havì’e am’ Iehovà o andro fiambaha’eo vaho ho banabanae’e ty vik’ añondrilahy engan-dilatse; fe ho modo o andro taoloo kanao nileoreñe i fiambaha’ey.
نازارىيلاردىن بىرى ئۆزىنى [پەرۋەردىگارغىلا] ئاتىغان كۈنلەر توشقان كۈنىدە ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق: ــ كىشىلەر ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكەلسۇن؛ | 13 |
Inao ty fetse’ o Nazireo: Ie heneke o andro fiambaha’eo le hasese mb’an-dalan-kibohom-pamantañam-beo,
ئۇ ئۆزى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى، گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياشلىق چىشى بېجىرىم بىر قوزىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوشقارنى كەلتۈرسۇن، | 14 |
le ho banabanae’e am’ Iehovà o enga’eo: ty vik’ añondrilahy tsy aman-kandra hisoroñañe naho ty vik’ añondri-vave tsy aman-kila ho engan-kakeo, naho ty añondrilahy tsy aman-kandra ho engan-kanintsiñe,
شۇنداقلا بىر سېۋەت پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ھەمدە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە شۇ قۇربانلىقلارنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى كەلتۈرسۇن. | 15 |
naho mofo po-dalivay an-karoñe, mofo vonga’e ami’ty mona linaro menake, naho mofo pisake nihosorañe menake, naho o enga-mahakama’eo vaho o enga-rano’eo.
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ، نازارىينىڭ شۇ گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنسۇن؛ | 16 |
Le hasese’ i mpisoroñey añatrefa’ Iehovà izay vaho hengae’e i engan-kakeoy naho i enga hisoroñañey,
ئۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوشقارنى سۇنسۇن، ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سېۋەت پېتىر ناننى سۇنسۇن؛ كاھىن شۇلار بىلەن تەڭ نازارىي قوشۇپ تەقدىم قىلغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن شاراب ھەدىيەنى كەلتۈرۈپ سۇنسۇن. | 17 |
le hengae’e ho engam-pañanintsiñe am’ Iehovà i añondrilahiy miharo amy haro-mofo po-dalivaiy; hengae’ i mpisoroñey ka i enga-mahakama’ey naho i enga-rano’ey.
نازارىي جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانلىقىغا بەلگە قىلىپ قويۇۋەتكەن چېچىنى چۈشۈرۈپ، چېچىنى ئېلىپ ئىناقلىق قۇربانلىقى ئاستىدىكى ئوتقا قويسۇن. | 18 |
Le ho harate’ i Nazirey an-dalan-kibohom-pamantañañ’ ao i añambone’e norizañey le ho rambese’e o maroi’eo vaho hapo’e amy afo ambane’ i soron-kanintsiñeiy.
نازارىي شۇ تەرىقىدە ئۆزىنى پەرۋەردىگارغىلا ئاتىغانلىق چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كاھىن قايناپ پىشىرىلغان قوشقارنىڭ بىر ئالدى قولىنى ھەم سېۋەتتىن بىر پېتىر نان بىلەن بىر پېتىر ھەمەك ناننى ئېلىپ كېلىپ نازارىينىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن. | 19 |
Le ho rambese’ i mpisoroñey ty soro’ i añondrilahy nahandroeñey naho ty vonga mofo po-dalivay raike naho ty mofo pisake po-dalivay boak’ amy haroñey vaho hatolo’e am-pità’ i Nazirey, ie fa niharate’e i añambone’e norizañey,
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆرۈسۇن؛ بۇلار پۇلاڭلاتما قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغان تۆش بىلەن كۆتۈرمە ھەدىيە قىلىنغان ئالدى قول بىلەن قوشۇلۇپ، مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىپ كاھىنغا بېرىلسۇن؛ ئاندىن كېيىن نازارىي شاراب ئىچسە بولىدۇ. | 20 |
le hahelahela’ i mpisoroñey irezay ho enga-kelahela añatrefa’ Iehovà; ie avaheñe ho a i mpisoroñey, mitraok’ ami’ty tratra’ i engan-kelahelay naho ty tso’ i engan-kavoañey. Heneke izay le mete mikama divay i Nazirey.
شۇلار بولسا قەسەم ئىچكەن نازارىي توغرىسىدا، ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشتا سۇنۇش زۆرۈر بولغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر توغرىسىدا بېكىتىلگەن قانۇن-بەلگىلىمىدۇر؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قولى نېمىگە يەتسە شۇنى سۇنسىمۇ بولىدۇ؛ ئۇ ئىچكەن قەسىمى بويىچە، يەنى ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش ۋەدىسى توغرۇلۇق شۇ نىزام-بەلگىلىمە بويىچە ھەممە ئىشنى ئادا قىلسۇن؛ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلسۇن. | 21 |
Izay ty fetse’ ty Nazire mifanta, ie mañenga am’ Iehovào amy ha-Nazire’ey, ambone’ ze satrie’e amy hanaña’ey; i nifanta’ey ro hanoe’e i lilim-piambaha’ey.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 22 |
Hoe ty nitsara’ Iehovà amy Mosè:
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — سىلەر ئىسرائىللارغا مۇنداق بەخت-بەرىكەت تىلەڭلار: — | 23 |
Misaontsia amy Aharone naho o ana’eo le ano ty hoe: Zao ty fitatà’ areo o ana’ Israeleo. Ano ty hoe am’ iereo:
«پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاي، سىلەرنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي؛ | 24 |
Hitahy azo t’Iehovà, naho hañaro azo;
پەرۋەردىگار يۈزىنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلەردە يورۇتۇپ، سىلەرگە شاپائەت قىلغاي؛ | 25 |
Hampireandreàñe’ Iehovà ama’o ty vinta’e, naho hatarik’ ama’o;
پەرۋەردىگار يۈزىنى ئۈستۈڭلارغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، سىلەرگە خاتىرجەملىك بەرگەي!» ــ دەپ تىلەڭلار. | 26 |
Hampiandrà’ Iehovà ama’o ty lahara’e vaho hampanintsiñe azo.
ئۇلار شۇنداق قىلىپ نامىمنى ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە قوندۇرىدۇ ۋە مەن ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىمەن. | 27 |
Izay ty hampipetaha’e amo ana’ Israeleo ty añarako hitahiako iareo.