< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 5 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — | 1 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: —
سەن ئىسرائىللارغا ئەمر قىلىپ: «سىلەر پىسە-ماخاۋ كېسىلى بىلەن ئاقما كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى، شۇنداقلا ئۆلۈككە تېگىشى بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان ھەممىسىنى ئەر-ئايال دېمەي بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار. بارگاھلارنى بۇلغىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋېتىڭلار؛ چۈنكى مەن بارگاھ ئوتتۇرىسىدا ماكان قىلدىم» — دېگىن، — دېدى. | 2 |
Sǝn Israillarƣa ǝmr ⱪilip: «Silǝr pisǝ-mahaw kesili bilǝn aⱪma kesiligǝ giriptar bolƣanlarni, xundaⱪla ɵlükkǝ tegixi bilǝn napak bolup ⱪalƣan ⱨǝmmisini ǝr-ayal demǝy bargaⱨtin qiⱪiriwetinglar. Bargaⱨlarni bulƣiwǝtmǝsliki üqün ularni bargaⱨtin qiⱪiriwetinglar; qünki Mǝn bargaⱨ otturisida makan ⱪildim» — degin, — dedi.
ئىسرائىللار شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بارگاھتىن چىقىرىۋەتتى؛ پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، ئىسرائىللار شۇنداق قىلدى. | 4 |
Israillar xundaⱪ ⱪilip ularni bargaⱨtin qiⱪiriwǝtti; Pǝrwǝrdigar Musaƣa ⱪandaⱪ ǝmr ⱪilƣan bolsa, Israillar xundaⱪ ⱪildi.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 5 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: ــ مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ئەگەر ئۇ ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلىدىغان ھەرقانداق گۇناھلىرىدىن بىرىنى سادىر قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن گۇناھكار دەپ بېكىتىلسە، | 6 |
Sǝn Israillarƣa eytⱪin: — Mǝyli ǝr yaki ayal bolsun, ǝgǝr u insanlarning Pǝrwǝrdigarƣa wapasizliⱪ ⱪilidiƣan ⱨǝrⱪandaⱪ gunaⱨliridin birini sadir ⱪilip, xuning bilǝn gunaⱨkar dǝp bekitilsǝ,
ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى ئۆتكۈزگەن گۇناھىغا ئىقرار قىلىپ، ئىتائەتسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان، زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بېرىشى كېرەك ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا ئۇ كىشىگە يەنە بەشتىن بىر ئۈلۈشنى قوشۇپ تۆلەپ بەرسۇن. | 7 |
undaⱪta u ɵzi ɵtküzgǝn gunaⱨiƣa iⱪrar ⱪilip, itaǝtsizliki kǝltürüp qiⱪarƣan, ziyanlanƣuqining ziyinini toluⱪ tɵlǝp berixi kerǝk wǝ uning sirtida u kixigǝ yǝnǝ bǝxtin bir ülüxni ⱪoxup tɵlǝp bǝrsun.
زىيانلانغۇچىنىڭ مۇبادا ئىتائەتسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا بېرىلگەن تۆلەم پۇلىنى ئالغۇدەك تۇغقىنى بولمىسا، تۆلەم پۇلى گۇناھكار بولغان كىشىنىڭ كافارىتىگە سۇنۇلىدىغان قوشقارغا قوشۇلۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، كاھىنغا بېرىلسۇن. | 8 |
Ziyanlanƣuqining mubada itaǝtsizlik kǝltürüp qiⱪarƣan ziyanƣa berilgǝn tɵlǝm pulini alƣudǝk tuƣⱪini bolmisa, tɵlǝm puli gunaⱨkar bolƣan kixining kafaritigǝ sunulidiƣan ⱪoxⱪarƣa ⱪoxulup, Pǝrwǝrdigarƣa atilip, kaⱨinƣa berilsun.
شۇنىڭدەك ئىسرائىللارنىڭ خۇداغا ئاتىغان بارلىق مۇقەددەس ھەدىيەلىرى، يەنى كاھىنغا كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن بارلىق «كۆتۈرمە قۇربانلىق-ھەدىيە»لەر كاھىنغا ھېساب بولسۇن. | 9 |
Xuningdǝk Israillarning Hudaƣa atiƣan barliⱪ muⱪǝddǝs ⱨǝdiyǝliri, yǝni kaⱨinƣa kǝltürgǝn nǝrsilǝrdin barliⱪ «kɵtürmǝ ⱪurbanliⱪ-ⱨǝdiyǝ»lǝr kaⱨinƣa ⱨesab bolsun.
ھەركىم خۇداغا ئاتىغان ھەدىيەلەر مۇقەددەس دەپ ھېسابلانسۇن، شۇنداقلا كاھىننىڭ بولسۇن؛ كىشىلەر كاھىنغا نېمە ھەدىيە قىلسا، ئۇنىڭ ھەممىسى كاھىننىڭ بولسۇن. | 10 |
Ⱨǝrkim Hudaƣa atiƣan ⱨǝdiyǝlǝr muⱪǝddǝs dǝp ⱨesablansun, xundaⱪla kaⱨinning bolsun; kixilǝr kaⱨinƣa nemǝ ⱨǝdiyǝ ⱪilsa, uning ⱨǝmmisi kaⱨinning bolsun.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 11 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: — ئەگەر بىرسىنىڭ خوتۇنى ئۆز ئېرىدىن يۈز ئۆرۈگەن، ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، | 12 |
Sǝn Israillarƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ degin: — Əgǝr birsining hotuni ɵz eridin yüz ɵrügǝn, sadaⱪǝtsizlik ⱪilƣan bolsa,
— دېمەك، باشقا بىرسى بىلەن يېقىنلاشقان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقى ئېرىنىڭ كۆزلىرىدىن يوشۇرۇن بولغان بولسا، ھېچ گۇۋاھچى بولمىغان ھەم گۇناھ قىلغان چېغىدا تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان بولسا، | 13 |
— demǝk, baxⱪa birsi bilǝn yeⱪinlaxⱪan, xundaⱪla uning bulƣanƣanliⱪi erining kɵzliridin yoxurun bolƣan bolsa, ⱨeq guwaⱨqi bolmiƣan ⱨǝm gunaⱨ ⱪilƣan qeƣida tutulupmu ⱪalmiƣan bolsa,
— شۇنداق ئەھۋالدا، ئېرى ئۆز خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، خوتۇنى راستلا زىنا قىلىپ بۇلغانغان بولسا ‹ياكى ئۆز خوتۇنىغا گۇمان قىلىپ كۈنلىسىمۇ، خوتۇنى زىنا قىلمىغان ۋە بۇلغانمىغان بولسا› | 14 |
xundaⱪ ǝⱨwalda, eri ɵz hotunidin guman ⱪilip künlisǝ, hotuni rastla zina ⱪilip bulƣanƣan bolsa (yaki ɵz hotuniƣa guman ⱪilip künlisimu, hotuni zina ⱪilmiƣan wǝ bulƣanmiƣan bolsa)
ئەھۋالىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ ئادەم خوتۇنىنى كاھىننىڭ يېنىغا ئەكەلسۇن ھەم خوتۇنى ئۈچۈن زۆرۈر ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى ئارپا ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئالغاچ كەلسۇن؛ شۇ ھەدىيەنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھېچ زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ھېچ مەستىكى قوشۇپ قويمىسۇن؛ چۈنكى بۇ كۈنداشلىق ھەدىيەسى، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىگە بولغان ئەسلەتمىدۇر. | 15 |
ǝⱨwalini ispatlax üqün bu adǝm hotunini kaⱨinning yeniƣa ǝkǝlsun ⱨǝm hotuni üqün zɵrür axliⱪ ⱨǝdiyǝsi, yǝni arpa undin ondin bir ǝfaⱨni alƣaq kǝlsun; xu ⱨǝdiyǝning üstigǝ u ⱨeq zǝytun meyi ⱪuymisun yaki ⱨeq mǝstiki ⱪoxup ⱪoymisun; qünki bu kündaxliⱪ ⱨǝdiyǝsi, ǝslǝtmǝ axliⱪ ⱨǝdiyǝsi bolup, ularning ⱪǝbiⱨlikigǝ bolƣan ǝslǝtmidur.
كاھىن ئۇ خوتۇننى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزسۇن. | 16 |
Kaⱨin u hotunni aldiƣa kǝltürüp, Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida turƣuzsun.
كاھىن كومزەككە مۇقەددەس سۇدىن قۇيۇپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەر توپىسىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ سۇغا چېچىپ قويسۇن. | 17 |
Kaⱨin komzǝkkǝ muⱪǝddǝs sudin ⱪuyup, ibadǝt qedirining yǝr topisidin bir qimdim elip suƣa qeqip ⱪoysun.
كاھىن ئۇ خوتۇننى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇپ، بېشىنى ئېچىپ، ئەسلەتمە ئاشلىق ھەدىيەسى، يەنى كۈنداشلىق ھەدىيەسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزسۇن، ئاندىن كاھىن قولىغا قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئالسۇن. | 18 |
Kaⱨin u hotunni Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida turƣuzup, bexini eqip, ǝslǝtmǝ axliⱪ ⱨǝdiyǝsi, yǝni kündaxliⱪ ⱨǝdiyǝsini uning ⱪoliƣa tutⱪuzsun, andin kaⱨin ⱪoliƣa ⱪarƣix kǝltürgüqi ǝlǝm süyini alsun.
كاھىن ئۇ خوتۇنغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، ئۇنىڭغا «دەرۋەقە سەن ھېچقانداق ئادەم بىلەن بىللە ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشقا ئېزىپ بۇزۇقلۇق قىلمىغان بولساڭ، ئۇنداقتا سەن بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىدىن خالاس بولغايسەن. | 19 |
Kaⱨin u hotunƣa ⱪǝsǝm iqküzüp, uningƣa «Dǝrwǝⱪǝ sǝn ⱨeqⱪandaⱪ adǝm bilǝn billǝ yatmiƣan, eringning ornida baxⱪa birsi bilǝn billǝ boluxⱪa ezip buzuⱪluⱪ ⱪilmiƣan bolsang, undaⱪta sǝn bu ⱪarƣix kǝltürgüqi ǝlǝm süyidin halas bolƣaysǝn.
لېكىن سەن ئېرىڭنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسىگە يېقىنلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، ئېرىڭدىن باشقا بىر ئەر سەن بىلەن بىللە ياتقان بولسا، —» دېسۇن؛ | 20 |
Lekin sǝn eringning ornida baxⱪa birsigǝ yeⱪinlixip ɵzüngni bulƣiƣan bolsang, eringdin baxⱪa bir ǝr sǝn bilǝn billǝ yatⱪan bolsa, —» desun;
ئاندىن كاھىن ئۇ خوتۇنغا قارغىش قەسىمىنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭغا: «ــ پەرۋەردىگار يوتاڭنى يىگلىتىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار سېنى ئۆز خەلقىڭ ئىچىدە قارغىش ۋە قەسەم ئىچىش دەستىكىگە ئايلاندۇرسۇن؛ بۇ قارغىش سۈيى ئىچ-قارنىڭغا كىرىپ، قورسىقىڭنى ئىششىتىۋەتسۇن، يوتاڭنى يىگىلىتىۋەتسۇن» دېگەندە، ئۇ خوتۇن: «ئامىن، ئامىن» دېسۇن. | 21 |
andin kaⱨin u hotunƣa ⱪarƣix ⱪǝsimini iqküzgǝndin keyin, yǝnǝ uningƣa: «— Pǝrwǝrdigar yotangni yiglitip, ⱪorsiⱪingni ixxitiwǝtsun, xuningdǝk Pǝrwǝrdigar seni ɵz hǝlⱪing iqidǝ ⱪarƣix wǝ ⱪǝsǝm iqix dǝstikigǝ aylandursun; bu ⱪarƣix süyi iq-ⱪarningƣa kirip, ⱪorsiⱪingni ixxitiwǝtsun, yotangni yigilitiwǝtsun» degǝndǝ, u hotun: «Amin, amin» desun.
شۇنىڭدەك كاھىن بۇ قارغىش سۆزلىرىنى دەپتەرگە پۈتۈپ قويسۇن، شۇنداقلا يازغان سۆزلەرنى ئەلەم سۈيىگە چىلىسۇن، | 23 |
Xuningdǝk kaⱨin bu ⱪarƣix sɵzlirini dǝptǝrgǝ pütüp ⱪoysun, xundaⱪla yazƣan sɵzlǝrni ǝlǝm süyigǝ qilisun,
ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى ئەلەم سۈيىنى ئىچكۈزسۇن، بۇ قارغىش كەلتۈرگۈچى سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم بولىدۇ. | 24 |
andin u hotunƣa bu ⱪarƣix kǝltürgüqi ǝlǝm süyini iqküzsun, bu ⱪarƣix kǝltürgüqi su uning iqigǝ kirixi bilǝnla uningƣa azab-ǝlǝm bolidu.
كاھىن ئۇ خوتۇننىڭ قولىدىن كۈنداشلىق ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلىتىپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانگاھقا ئېلىپ كەلسۇن. | 25 |
Kaⱨin u hotunning ⱪolidin kündaxliⱪ axliⱪ ⱨǝdiyǝsini elip, uni Pǝrwǝrdigarning ⱨuzurida pulanglitip bolƣandin keyin, ⱪurbangaⱨⱪa elip kǝlsun.
كاھىن ھەدىيەدىن بىر سىقىم ئۇن ئېلىپ، خاتىرە ھېسابىدا قۇربانگاھقا قويۇپ كۆيدۈرسۇن؛ ئاندىن ئۇ خوتۇنغا بۇ سۇنى ئىچكۈزسۇن. | 26 |
Kaⱨin ⱨǝdiyǝdin bir siⱪim un elip, hatirǝ ⱨesabida ⱪurbangaⱨⱪa ⱪoyup kɵydürsun; andin u hotunƣa bu suni iqküzsun.
كاھىن ئەمدى ئۇ خوتۇنغا سۇنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، ئەگەر ئۇھەقىقىي بۇلغانغان بولۇپ، ئۆز ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان بولسا، چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ قارغىش سۈيى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازاب-ئەلەم كەلتۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ قورسىقى ئىششىپ، يوتىسى يىگىلەپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئۆز خەلقى ئىچىدە قارغىشقا كېتىدۇ. | 27 |
Kaⱨin ǝmdi u hotunƣa suni iqküzgǝndin keyin, ǝgǝr u ⱨǝⱪiⱪiy bulƣanƣan bolup, ɵz erigǝ sadaⱪǝtsizlik ⱪilƣan bolsa, qoⱪum xundaⱪ boliduki, bu ⱪarƣix süyi uning iqigǝ kirgǝndin keyin uningƣa azab-ǝlǝm kǝltüridu; uning ⱪorsiⱪi ixxip, yotisi yigilǝp ketidu; xuning bilǝn u hotun ɵz hǝlⱪi iqidǝ ⱪarƣixⱪa ketidu.
لېكىن ئەگەر ئۇ خوتۇن بۇلغانمىغان پاك بولسا، شۇ ئىشتىن خالاس بولىدۇ ۋە ئەكسىچە ھامىلىدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولىدۇ. | 28 |
Lekin ǝgǝr u hotun bulƣanmiƣan pak bolsa, xu ixtin halas bolidu wǝ ǝksiqǝ ⱨamilidar bolup pǝrzǝntlik bolidu.
مانا بۇ كۈنداشلىق توغرىسىدىكى قانۇندۇر؛ خوتۇن ئۆز ئېرىنىڭ ئورنىدا باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولۇشى بىلەن ئېزىپ بۇلغانغان بولسا | 29 |
Mana bu kündaxliⱪ toƣrisidiki ⱪanundur; hotun ɵz erining ornida baxⱪa birsi bilǝn billǝ boluxi bilǝn ezip bulƣanƣan bolsa
ۋە ياكى بىرسى خوتۇنىدىن گۇمان قىلىپ كۈنلىسە، ئۇنداقتا ئۇ خوتۇنىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن، كاھىن ئۇنىڭغا شۇ قانۇن بويىچە ھەممىنى ئىجرا قىلسۇن. | 30 |
wǝ yaki birsi hotunidin guman ⱪilip künlisǝ, undaⱪta u hotunini Pǝrwǝrdigarning aldida turƣuzsun, kaⱨin uningƣa xu ⱪanun boyiqǝ ⱨǝmmini ijra ⱪilsun.
ئەنە شۇنداق قىلغاندا، ئەر گۇناھتىن خالاس بولۇپ، خوتۇن ئۆز گۇناھىنى كۆتىرىدۇ. | 31 |
Ənǝ xundaⱪ ⱪilƣanda, ǝr gunaⱨtin halas bolup, hotun ɵz gunaⱨini kɵtiridu.