< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 4 >
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
Andin Perwerdigar Musa bilen Harun’gha söz qilip mundaq dédi: —
سەن لاۋىيلار ئىچىدىن ئاتا جەمەتى بويىچە كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنى تىزىملىغىن، | 2 |
Sen Lawiylar ichidin ata jemeti boyiche Kohat ewladlirining omumiy sanini tizimlighin,
ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا ئىش-خىزمەت قىلىشقا كېلەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى تىزىملاپ چىق. | 3 |
ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédirida ish-xizmet qilishqa kéleleydighanlarning hemmisini tizimlap chiq.
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇش بولىدۇ. | 4 |
Kohat ewladlirining jamaet chédiri ichidiki wezipisi eng muqeddes buyumlarni bashqurush bolidu.
بارگاھكۆچۈرۈلىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ «[ئەڭ مۇقەددەس جاي]»دىكى «ئايرىما پەردە-يوپۇق»نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى يۆگىسۇن؛ | 5 |
Bargah köchürülidighan chaghda, Harun bilen uning oghulliri kirip «[eng muqeddes jay]»diki «ayrima perde-yopuq»ni chüshürüp, uning bilen höküm-guwahliq sanduqini yögisun;
ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىنى دېلفىننىڭ تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن ئوراپ، ئۈستىگە كۆك بىر رەختنى يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزسۇن. | 6 |
andin uning üstini délfinning térisidin étilgen yopuq bilen orap, üstige kök bir rextni yépip, andin kötüridighan baldaqlarni ötküzsun.
تەقدىم نان [تىزىلغان] شىرەگە كۆك بىر رەخت سېلىنىپ، ئۈستىگە لېگەن، تەخسە، پىيالە ۋە شاراب ھەدىيەلىرىنى چاچىدىغان قەدەھلەر تىزىپ قويۇلسۇن؛ شىرەدىمۇ «دائىمىي نان» تىزىلىپ تۇرىۋەرسۇن؛ | 7 |
Teqdim nan [tizilghan] shirege kök bir rext sélinip, üstige légen, texse, piyale we sharab hediyelirini chachidighan qedehler tizip qoyulsun; shiredimu «daimiy nan» tizilip turiwersun;
بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستى قىزىل رەخت بىلەن، ئۇنىڭ ئۈستى يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىلىپ، ئاندىن كۆتىرىدىغان بالداقلار ئۆتكۈزۈپ قويۇلسۇن. | 8 |
bu nersilerning üsti qizil rext bilen, uning üsti yene délfin tériside étilgen bir yopuq bilen yépilip, andin kötiridighan baldaqlar ötküzüp qoyulsun.
ئۇلار كۆك رەخت ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن چىراغدان بىلەن ئۈستىدىكى چىراغلارنى، پىلىك قىسقۇچلارنى، كۈلدانلارنى ۋە چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان، بارلىق ماي قاچىلايدىغان قاچىلارنى يېپىپ قويسۇن. | 9 |
Ular kök rext élip, uning bilen chiraghdan bilen üstidiki chiraghlarni, pilik qisquchlarni, küldanlarni we chiraghdan’gha ishlitidighan, barliq may qachilaydighan qachilarni yépip qoysun.
ئۇلار يەنە چىراغدان بىلەن چىراغدانغا ئىشلىتىدىغان ھەممە قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى دېلفىن تېرىسىدىن ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. | 10 |
Ular yene chiraghdan bilen chiraghdan’gha ishlitidighan hemme qacha-qucha eswablarni délfin térisidin étilgen yopuq bilen yögep, andin epkeshke sélip qoysun.
ئالتۇن خۇشبۇيگاھقا كۆك بىر رەخت سېلىپ، يەنە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرگۈچكە قوش بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. | 11 |
Altun xushbuygahqa kök bir rext sélip, yene délfin tériside étilgen yopuq bilen yépip, andin kötürgüchke qosh baldaqlarni ötküzüp qoysun.
مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچىلارنى كۆك بىر رەخت بىلەن يۆگەپ، ئاندىن ئۈستىگە دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى يېپىپ، ئاندىن بىر ئەپكەشكە سېلىپ قويسۇن. | 12 |
Muqeddes jayning ichide ishlitidighan barliq qacha-quchilarni kök bir rext bilen yögep, andin üstige délfin tériside étilgen yopuqni yépip, andin bir epkeshke sélip qoysun.
ئۇلار قۇربانگاھنى كۈلىدىن تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك بىر رەختنى يېيىپ قويسۇن. | 13 |
Ular qurban’gahni külidin tazilap, üstige sösün renglik bir rextni yéyip qoysun.
ئاندىن يەنە قۇربانگاھتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋابلار —كۈلدان، ئىلمەك، بەلگۈرجەك، چىنىلەر، شۇنداقلا بارلىق ئەسۋابلارنى قۇربانگاھ ئۈستىگە تىزىپ، ئاندىن دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن بىر يوپۇق بىلەن يېپىپ، ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈپ قويسۇن. | 14 |
Andin yene qurban’gahta ishlitilidighan eswablar — küldan, ilmek, belgürjek, chiniler, shundaqla barliq eswablarni qurban’gah üstige tizip, andin délfin tériside étilgen bir yopuq bilen yépip, andin kötüridighan baldaqlarni ötküzüp qoysun.
پۈتۈن بارگاھتىكىلەر يولغا چىقىدىغان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جاي ۋە مۇقەددەس جايدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن، كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كېلىپ كۆتۈرسۇن؛ لېكىن ئۆلۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مۇقەددەس بۇيۇملارغا قول تەگكۈزمىسۇن. جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى نەرسىلەردىن شۇلارنى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. | 15 |
Pütün bargahtikiler yolgha chiqidighan chaghda, Harun bilen uning oghulliri muqeddes jay we muqeddes jaydiki barliq qacha-qucha eswablarni yépip bolghandin kéyin, Kohatning ewladliri kélip kötürsun; lékin ölüp ketmeslik üchün muqeddes buyumlargha qol tegküzmisun. Jamaet chédiri ichidiki nersilerdin shularni Kohatning ewladliri kötürüshi kérek.
ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارنىڭ ۋەزىپىسى چىراغ مېيى، خۇشبۇي ئەتىر، دائىمىي تەقدىم قىلىنىدىغان ئاشلىق ھەدىيە بىلەن مەسىھلەش مېيىغا قاراش، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر، مۇقەددەس جاي ھەم مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا قاراشتىن ئىبارەت. | 16 |
Harunning oghli Eliazarning wezipisi chiragh méyi, xushbuy etir, daimiy teqdim qilinidighan ashliq hediye bilen mesihlesh méyigha qarash, shundaqla pütkül ibadet chédiri bilen uning ichidiki barliq nersiler, muqeddes jay hem muqeddes jaydiki qacha-qucha eswablargha qarashtin ibaret.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 17 |
Andin Perwerdigar Musa bilen Harun’gha söz qilip mundaq dédi: —
سىلەر كوھات جەمەتىدىكىلەرنى لاۋىيلار ئارىسىدىن قەتئىي يوقىتىپ قويماڭلار؛ | 18 |
Siler Kohat jemetidikilerni Lawiylar arisidin qet’iy yoqitip qoymanglar;
بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆلمەي، ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئۇلار «ئەڭ مۇقەددەس» بۇيۇملارغا يېقىنلاشقان چاغدا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كىرىپ ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسۇن؛ | 19 |
belki ularning ölmey, hayat qélishi üchün ular «eng muqeddes» buyumlargha yéqinlashqan chaghda, Harun bilen uning oghulliri kirip ularning herbirige qilidighan we kötüridighan ishlarni körsitip qoysun;
ئۇلار پەقەت مۇقەددەس جايغا كىرگەندە مۇقەددەس بۇيۇملارغا بىر دەقىقىمۇ قارىمىسۇن، ئۇنداق قىلىپ قويسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. | 20 |
ular peqet muqeddes jaygha kirgende muqeddes buyumlargha bir deqiqimu qarimisun, undaq qilip qoysa ölüp kétidu.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 21 |
Perwerdigar Musagha söz qilip mundaq dédi: —
گەرشون ئەۋلادلىرى ئىچىدە ئاتا جەمەتى ۋە ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. | 22 |
Gershon ewladliri ichide ata jemeti we aililiri boyiche, ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédiri ichide xizmet qilish sépige kireleydighan hemmisini sanaqtin ötküzüp omumiy sanini al.
گەرشون ئائىلىلىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ۋە ئۇلار كۆتۈرىدىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: | 24 |
Gershon aililirining qilidighan xizmiti we ular kötüridighan nersiler töwendikiche:
— ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئۆزىنى، يەنى ئاستىدىكى ئىچكى پەردىلىرى ۋە سىرتقى پەردىلىرىنى، ئۇنىڭ ياپقۇچىنى، شۇنداقلا ئۈستىگە ياپقان دېلفىن تېرىسىدە ئېتىلگەن يوپۇقنى ۋە جامائەت چېدىرىنىڭكىرىش ئىشىكىنىڭ پەردىسىنى، | 25 |
— ular jamaet chédirining özini, yeni astidiki ichki perdiliri we sirtqi perdilirini, uning yapquchini, shundaqla üstige yapqan délfin tériside étilgen yopuqni we jamaet chédirining kirish ishikining perdisini,
ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تارتىلغان ھويلىدىكى پەردىلەر بىلەن كىرىش دەرۋازىسىنىڭ پەردىسىنى، شۇلارغا خاس تانىلىرىنى ۋە ئىشلىتىدىغان بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى كۆتۈرسۇن؛ بۇ ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىۋەتلىك كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلسۇن. | 26 |
ibadet chédiri bilen qurban’gahni chöridep tartilghan hoylidiki perdiler bilen kirish derwazisining perdisini, shulargha xas tanilirini we ishlitidighan barliq qacha-qucha eswablarni kötürsun; bu eswab-üskünilerge munasiwetlik kérek bolghan ishlarni qilsun.
گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ پۈتۈن ۋەزىپىسى، يەنى ئۇلار كۆتۈرىدىغان ۋە بېجىرىدىغان بارلىق ئىشلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ نېمە كۆتۈرىدىغانلىقىنى سىلەر بەلگىلەپ بېرىڭلار. | 27 |
Gershon ewladlirining pütün wezipisi, yeni ular kötüridighan we béjiridighan barliq ishlar Harun we uning oghullirining körsetmiliri boyiche bolsun; ularning néme kötüridighanliqini siler belgilep béringlar.
گەرشون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە قىلىدىغان خىزمىتى شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. | 28 |
Gershon ewladlirining jemetlirining jamaet chédirining ichide qilidighan xizmiti shular; ular kahin Harunning oghli Itamarning qol astida turup ishlisun.
مەرارىنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ، ئۇلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈز؛ | 29 |
Merarining ewladlirinimu, ularni ata jemeti, aililiri boyiche, sanaqtin ötküz;
ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ ئومۇمىي سانىنى ئال. | 30 |
ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédiri ichide xizmet qilish sépige kireleydighan hemmisini sanaqtin ötküzüp omumiy sanini al.
ئۇلارنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدىكى بارلىق خىزمىتى، يەنى كۆتۈرۈش ۋەزىپىسى مۇنداق: — ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، | 31 |
Ularning jamaet chédiri ichidiki barliq xizmiti, yeni kötürüsh wezipisi mundaq: — Ular jamaet chédirining taxtayliri, baldaqliri, xadiliri we ularning teglikliri,
ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلار، ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇقلىرى، تانالىرى، بارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ھەم شۇلارغا كېرەكلىك بولغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش بولسۇن؛ ئۇلار كۆتۈرىدىغان ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى نامىنى ئاتاپ بىر-بىرلەپ ھەر ئادەمگە كۆرسىتىپ بېرىڭلار. | 32 |
hoylining töt etrapidiki xadilar, ularning teglikliri, qozuqliri, tanaliri, barliq eswab-üsküne hem shulargha kéreklik bolghan barliq nersilerni kötürüsh bolsun; ular kötüridighan eswab-üskünilerni namini atap bir-birlep her ademge körsitip béringlar.
مەرارى جەمەت-ئائىلىلىرىنىڭ جامائەت چېدىرى ئىچىدە قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى ئەنە شۇلار؛ ئۇلار كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ ئىشلىسۇن. | 33 |
Merari jemet-aililirining jamaet chédiri ichide qilidighan barliq ishliri ene shular; ular kahin Harunning oghli Itamarning qol astida turup ishlisun.
مۇسا بىلەن ھارۇن ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرى كوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزدى. | 34 |
Musa bilen Harun we jamaetning emirliri Kohatning ewladlirining ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédirida xizmet qilish sépige kireleydighanlarning hemmisini ata jemeti, aililiri boyiche sanaqtin ötküzdi.
ئۇلاردىن جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ يەتتە يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ چىقتى. | 36 |
Ulardin jemeti boyiche sanaqtin ötküzülgenler jemiy ikki ming yette yüz ellik kishi bolup chiqti.
مۇشۇلار كوھات جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. | 37 |
Mushular Kohat jemetidin sanaqtin ötküzülgenler bolup, jamaet chédirida ish qilidighan herbiri, yeni Perwerdigarning Musaning wastisi bilen qilghan emri boyiche Musa bilen Harun sanaqtin ötküzgenler idi.
گەرشونلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ | 38 |
Gershonlarning ata jemeti, aililiri boyiche, ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédirida xizmet qilish sépige kireleydighan hemmisi sanaqtin ötküzüldi;
ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئىككى مىڭ ئالتە يۈز ئوتتۇز كىشى بولۇپ چىقتى. | 40 |
ata jemeti, aililiri boyiche sanaqtin ötküzülgenler jemiy ikki ming alte yüz ottuz kishi bolup chiqti.
مۇشۇلار گەرشون جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. | 41 |
Mushular Gershon jemetidin sanaqtin ötküzülgenler bolup, jamaet chédirida ish qilidighan herbiri, yeni Perwerdigarning Musaning wastisi bilen qilghan emri boyiche Musa bilen Harun sanaqtin ötküzgenler idi.
مەرارىلارنىڭ ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش سېپىگە كىرەلەيدىغان ھەممىسى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ | 42 |
Merarilarning ata jemeti, aililiri boyiche, ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédirida xizmet qilish sépige kireleydighan hemmisi sanaqtin ötküzüldi;
ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئۈچ مىڭ ئىككى يۈز كىشى بولۇپ چىقتى. | 44 |
ata jemeti, aililiri boyiche sanaqtin ötküzülgenler jemiy üch ming ikki yüz kishi bolup chiqti.
مۇشۇلار مەرارى جەمەتىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر بولۇپ، جامائەت چېدىرىدا ئىش قىلىدىغان ھەربىرى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا بىلەن ھارۇن ساناقتىن ئۆتكۈزگەنلەر ئىدى. | 45 |
Mushular Merari jemetidin sanaqtin ötküzülgenler bolup, jamaet chédirida ish qilidighan herbiri, yeni Perwerdigarning Musaning wastisi bilen qilghan emri boyiche Musa bilen Harun sanaqtin ötküzgenler idi.
ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن لاۋىيلار مانا شۇلار ئىدى؛ مۇسا بىلەن ھارۇن ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئەمىرلىرى ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى، ئائىلىلىرى بويىچە، ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان، جامائەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە يۈك كۈتۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرەلەيدىغانلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزگەن. | 46 |
Sanaqtin ötküzülgen Lawiylar mana shular idi; Musa bilen Harun hem Israillarning emirliri ulardin ata jemeti, aililiri boyiche, ottuz yashtin ellik yashqiche bolghan, jamaet chédirida xizmet qilish we yük kütürüsh wezipisige kireleydighanlarni sanaqtin ötküzgen.
ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي سەككىز مىڭ بەش يۈز سەكسەن ئادەم بولۇپ چىقتى. | 48 |
Ularning sani jemiy sekkiz ming besh yüz seksen adem bolup chiqti.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار مۇسا تەرىپىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى؛ ھەركىم ئۆزى قىلىدىغان ئىشى ۋە كۆتۈرىدىغان يۈكىگە ئاساسەن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك بولدى. | 49 |
Perwerdigarning emri boyiche, ular Musa teripidin sanaqtin ötküzüldi; herkim özi qilidighan Ishi we kötüridighan yükige asasen sanaqtin ötküzüldi. Bularning hemmisi Perwerdigarning Musagha emr qilghinidek boldi.