< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 36 >
يۈسۈپ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرىدىن ماناسسەھنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئوغلى گىلېئادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەمىرلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
那時若瑟後裔的家族中,有默納協的子孫,瑪基爾的兒子基肋阿得子孫的家族首領,來到梅瑟和叵子民各家族的首領前說:
«پەرۋەردىگار ئىلگىرى غوجامغا چەك تاشلاپ زېمىننى ئىسرائىل خەلقىگە مىراس قىلىپ تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان؛ غوجاممۇ پەرۋەردىگارنىڭ قېرىندىشىمىز زەلوفىھادنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنىمۇ ئالغان. | 2 |
「上主吩咐我主,以抽籤來分給以色列子民土地為產業,我主又領了木的保,將我們兄弟責羅斐哈得的產業,分給他的女兒們。
لېكىن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ باشقا قەبىلىسىدىكىلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ مىراسىمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۇنداق بولغاندا بىز چەك تاشلاپ ئېرىشكەن مىراس تۈگەيدۇ. | 3 |
現在,如果她們嫁給了以色列子民另一支派的人,她們的產業就脫離了我們祖先的產業,而加在所嫁給的那一支派的產業上:這樣,我們抽籤分得的產業就減少了。
ئىسرائىللارنىڭ «ئازادلىق يىلى» كەلگەندە ئۇلارنىڭ مىراسى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ مىراسى بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مىراسىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ». | 4 |
甚至一到以色列子民的喜年,她們的產業仍舊加在所嫁的那一支派的產業內,我們祖先支派的產業就減少了她們那一份」。
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق ئەمر قىلىپ: — يۈسۈپ قەبىلىسىدىكىلەر توغرا ئېيتىدۇ. | 5 |
梅瑟依上主的指示訓令以色列子民說:「若瑟子孫支派說的有理。
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى توغرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى مۇنداق: «ئۇلار ئۆزلىرى خالىغان ئەرگە ياتلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ، لېكىن ئۆز جەمەتى، ئۆز ئاتا قەبىلىسىدىن بولغان بىرىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. | 6 |
上主對於責羅斐哈得的女兒們這樣這樣吩咐說:她們可任意嫁給自己所喜愛的人,但只應嫁給屬於自己祖先支派的人。
شۇنداق بولغاندا ئىسرائىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ ئىسرائىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىنىڭ مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەك. | 7 |
以色列子民的產業不可由一支派轉移至另一支派,因為以色列子民每人應固守自己祖先支派的產業。
ئىسرائىللارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن مىراسقا ۋارىسلىق قىلغان ھەربىر قىز-ئايال ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە ياتلىق بولۇشى كېرەك. | 8 |
以色列子民支派中,凡繼承產業的子女,應嫁給她祖先支派的人為妻,好使每個以色列子民能固守祖先的產業。
مۇشۇنداق بولغاندا، ئىسرائىللارنىڭ مىراسى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ؛ چۈنكى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئۆز مىراسىنى قولىدىن بەرمەسلىكى كېرەك، — دېدى. | 9 |
這樣產業就不會由一支派轉移至另一支派,因為以色列子民各支派應固守自己的產業」。
پەرۋەردىگار مۇساغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىمۇ شۇنداق قىلدى. | 10 |
上主怎樣吩咐了梅瑟,責羅斐哈得的女兒們就怎樣做了。
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىدىن ماھلاھ، تىرزاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئۆز تاغىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. | 11 |
責羅斐哈得的女兒:瑪赫拉、提爾匝、曷米革拉、米耳加和諾阿,嫁給了自己叔伯的兒子們,
ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتىدىكىلەرگە ياتلىق بولدى؛ ئۇلارنىڭ مىراسى يەنىلا ئاتىسىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدە قالدى. | 12 |
即嫁給了若瑟的兒子默納協子孫家族的人:如此她們的產業仍留在她們祖先家族的支派內。
بۇلار پەرۋەردىگار يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغان ئەمرلەر ۋە ھۆكۈملەردۇر. | 13 |
這是上主在耶利哥對面,約旦河邊,摩阿布曠野內,藉梅瑟向以色列子民所頒佈的誡命和規則。