< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 34 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: «سىلەر قانائان زېمىنىغا كىرگەن چاغدا، سىلەرگە مىراس بولۇشقا تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىن قانائان زېمىنى بولىدۇ؛ زېمىننىڭ بېكىتىلگەن جاي-چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: — | 2 |
Sǝn Israillarƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ buyruƣin: «Silǝr Ⱪanaan zeminiƣa kirgǝn qaƣda, silǝrgǝ miras boluxⱪa tǝⱪsim ⱪilinidiƣan zemin Ⱪanaan zemini bolidu; zeminning bekitilgǝn jay-qegraliri mundaⱪ bolidu: —
سىلەرنىڭ جەنۇب تەرىپىڭلەر زىن چۆلىدىن باشلاپ ئېدوم چېگرىسىغا تاقالسۇن؛ ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى چېگراڭلار «شور دېڭىزى»نىڭ جەنۇب تەرىپىنىڭ ئەڭ ئايىغىغا يەتسۇن؛ | 3 |
Silǝrning jǝnub tǝripinglǝr Zin qɵlidin baxlap Edom qegrisiƣa taⱪalsun; andin jǝnub tǝrǝptiki qegranglar «Xor dengizi»ning jǝnub tǝripining ǝng ayiƣiƣa yǝtsun;
شۇ يەردىن چېگراڭلار «سېرىق ئېشەك داۋىنى»نىڭ جەنۇب تەرىپىدىن بۇرۇلۇپ زىنغا ئۆتسۇن؛ ئۇنىڭ ئايىغى توپتوغرا قادەش-بارنېئانىڭ جەنۇبىدا بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ يەردىن يەنە ھازار-ئاددارغا بېرىپ، ئازمونغا تۇتىشىدۇ؛ | 4 |
xu yǝrdin qegranglar «Seriⱪ Exǝk dawini»ning jǝnub tǝripidin burulup zinƣa ɵtsun; uning ayiƣi toptoƣra Ⱪadǝx-Barneaning jǝnubida bolidu; andin u yǝrdin yǝnǝ Ⱨazar-Addarƣa berip, Azmonƣa tutixidu;
ئاندىن چېگرا ئازموندىن بۇرۇلۇپ مېڭىپ، مىسىر ئېقىنىغا بارىدۇ ۋە دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. | 5 |
andin qegra Azmondin burulup mengip, Misir eⱪiniƣa baridu wǝ dengizƣiqǝ tutixidu.
كۈن پېتىش تەرەپتە چېگراڭلار «ئۇلۇغ دېڭىز»نىڭ ئۆزى بولىدۇ، يەنى ئۇنىڭ بويلىرى بولىدۇ؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ كۈن پېتىش تەرەپتىكى چېگراڭلار بولىدۇ. | 6 |
Kün petix tǝrǝptǝ qegranglar «Uluƣ dengiz»ning ɵzi bolidu, yǝni uning boyliri bolidu; mana bu silǝrning kün petix tǝrǝptiki qegranglar bolidu.
شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار مۇنداق بولىدۇ: — «ئۇلۇغ دېڭىز»دىن باشلاپ ھور تېغىغىچە پاسىل سىزىلسۇن؛ | 7 |
Ximal tǝrǝptiki qegranglar mundaⱪ bolidu: — «Uluƣ dengiz»din baxlap ⱨor teƣiƣiqǝ pasil sizilsun;
پاسىل سىزىقى ھور تېغىدىن باشلاپ خامات ئېغىزىغا سوزۇلۇپ، ئاندىن چېگرا زەدادغا تۇتاشسۇن؛ | 8 |
pasil siziⱪi Ⱨor teƣidin baxlap Hamat eƣiziƣa sozulup, andin qegra Zǝdadƣa tutaxsun;
چېگرا يەنە زىفرونغا ئۆتۈپ ھازار-ئېناندا ئاخىرلاشسۇن؛ مانا بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ. | 9 |
qegra yǝnǝ Zifronƣa ɵtüp Ⱨazar-Enanda ahirlaxsun; mana bu silǝrning ximaliy qegranglar bolidu.
ئاندىن شەرقىي چېگرايىڭلارنىڭ پاسىل سىزىقى ھازار-ئېناندىن شېفامغىچە سىزىلسۇن. | 10 |
Andin xǝrⱪiy qegrayinglarning pasil siziⱪi Ⱨazar-Enandin Xefamƣiqǝ sizilsun.
بۇ چېگرا شېفامدىن ئايىننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىدىكى رىبلاھقا چۈشىدۇ؛ ئاندىن چېگرا شۇ يەردىن چۈشۈپ كىننەرەت دېڭىزىنىڭ داۋىنىدىن ئۆتۈپ كۈن چىقىش تەرەپكە تۇتىشىدۇ. | 11 |
Bu qegra Xefamdin Ayinning kün qiⱪix tǝripidiki Riblaⱨⱪa qüxidu; andin qegra xu yǝrdin qüxüp Kinnǝrǝt dengizining dawinidin ɵtüp kün qiⱪix tǝrǝpkǝ tutixidu.
ئاندىن چېگرا تۆۋەنلەپ ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ چۈشۈپ، شور دېڭىزىغىچە يەتسۇن. مانا بۇ چېگرالار بىلەن بېكىتىلگەن زېمىنىڭلار بولىدۇ». | 12 |
Andin qegra tɵwǝnlǝp Iordan dǝryasini boylap qüxüp, Xor Dengiziƣiqǝ yǝtsun. Mana bu qegralar bilǝn bekitilgǝn zemininglar bolidu».
مۇسا ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: — «مانا بۇ پەرۋەردىگار توققۇز قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلىگە تەقدىم قىلىنسۇن دەپ بۇيرۇغان، چەك تاشلىنىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلار ۋارىسلىق قىلىدىغان زېمىنىڭلار بولىدۇ؛ | 13 |
Musa Israillarƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dǝp buyrudi: — «Mana bu Pǝrwǝrdigar toⱪⱪuz ⱪǝbilǝ wǝ yerim ⱪǝbiligǝ tǝⱪdim ⱪilinsun dǝp buyruƣan, qǝk taxlinix arⱪiliⱪ ɵzünglar warisliⱪ ⱪilidiƣan zemininglar bolidu;
چۈنكى رۇبەن قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەر ئاتا جەمەتى بويىچە ئۆز مىراسىغا ئاللىقاچان ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن، ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىمۇ ئۆز مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇنى ئىگىلىگەن؛ | 14 |
qünki Rubǝn ⱪǝbilisidikilǝr ata jǝmǝti boyiqǝ wǝ Gad ⱪǝbilisidikilǝr ata jǝmǝti boyiqǝ ɵz mirasiƣa alliⱪaqan warisliⱪ ⱪilip uni igiligǝn, Manassǝⱨning yerim ⱪǝbilisimu ɵz mirasiƣa warisliⱪ ⱪilip uni igiligǝn;
بۇ ئىككى قەبىلە ۋە يېرىم قەبىلە يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كۈن چىقىش تەرەپتە ئۆز مىراسلىرىنى ئېلىپ بولغا». | 15 |
Bu ikki ⱪǝbilǝ wǝ yerim ⱪǝbilǝ Yerihoning udulida, Iordan dǝryasining xǝrⱪiy ⱪirƣiⱪidiki kün qiⱪix tǝrǝptǝ ɵz miraslirini elip bolƣan».
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 16 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip mundaⱪ dedi: —
تۆۋەندىكىلەر زېمىننى سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: — كاھىن ئەلىئازار ۋە نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا. | 17 |
Tɵwǝndikilǝr zeminni silǝrgǝ tǝⱪsim ⱪilip bǝrgüqilǝrning isimliki: — Kaⱨin Əliazar wǝ Nunning oƣli Yǝxua.
سىلەرمۇ يەنە زېمىن تەقسىم قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن ھەر قەبىلىدىن بىردىن ئەمىر تاللاپ بېرىڭلار. | 18 |
Silǝrmu yǝnǝ zemin tǝⱪsim ⱪilixⱪa yardǝmlixix üqün ⱨǝr ⱪǝbilidin birdin ǝmir tallap beringlar.
بۇلارنىڭ ئىسمى مۇنداق: — يەھۇدا قەبىلىسىدىن يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب. | 19 |
Bularning ismi mundaⱪ: — Yǝⱨuda ⱪǝbilisidin Yǝfunnǝⱨning oƣli Kalǝb.
شىمېئون قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى شەمۇئەل. | 20 |
Ximeon ⱪǝbilisidikilǝrdin Ammiⱨudning oƣli Xǝmuǝl.
بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد. | 21 |
Binyamin ⱪǝbilisidin Kislonning oƣli Əlidad.
دان قەبىلىسىدىكىلەردىن يوگلىنىڭ ئوغلى، ئەمىر بۇككى ئىدى. | 22 |
Dan ⱪǝbilisidikilǝrdin Yoglining oƣli, ǝmir Bukki idi.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: — ماناسسەھ قەبىلىسىدىكىلەردىن ئەفودنىڭ ئوغلى ئەمىر ھاننىيەل | 23 |
Yüsüpning ǝwladliridin: — Manassǝⱨ ⱪǝbilisidikilǝrdin Əfodning oƣli ǝmir Ⱨanniyǝl
ھەم ئەفرائىم قەبىلىسىدىكىلەردىن شىفتاننىڭ ئوغلى ئەمىر كەمۇئەل. | 24 |
ⱨǝm Əfraim ⱪǝbilisidikilǝrdin Xiftanning oƣli ǝmir Kǝmuǝl.
زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكىلەردىن پارناقنىڭ ئوغلى ئەمىر ئەلىزافان؛ | 25 |
Zǝbulun ⱪǝbilisidikilǝrdin Parnaⱪning oƣli ǝmir Əlizafan;
ئىسساكار قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاززاننىڭ ئوغلى ئەمىر پالتىيەل؛ | 26 |
Issakar ⱪǝbilisidikilǝrdin Azzanning oƣli ǝmir Paltiyǝl;
ئاشىر قەبىلىسىدىكىلەردىن شېلومىنىڭ ئوغلى ئەمىر ئاخىھۇد؛ | 27 |
Axir ⱪǝbilisidikilǝrdin Xelomining oƣli ǝmir Ahiⱨud;
نافتالى قەبىلىسىدىكىلەردىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەمىر پەداھەل ئىدى. | 28 |
Naftali ⱪǝbilisidikilǝrdin Ammiⱨudning oƣli ǝmir Pǝdaⱨǝl idi.
مانا بۇلار پەرۋەردىگار ئەمر قىلىپ ئىسرائىللارغا قانائان زېمىنىدىكى مىراسلىرىنى تەقسىم قىلىشقا بېكىتكەنلەر ئىدى. | 29 |
Mana bular Pǝrwǝrdigar ǝmr ⱪilip Israillarƣa Ⱪanaan zeminidiki miraslirini tǝⱪsim ⱪilixⱪa bekitkǝnlǝr idi.