< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 33 >
تۆۋەندىكىلەر ئۆز قوشۇنلىرى بويىچە، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا مىسىر زېمىنىدىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ ماڭغان يوللىرىدۇر؛ | 1 |
These are the mansions of the children of Israel, who went out of Egypt by their troops under the conduct of Moses and Aaron,
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرىنى پۈتۈپ قويدى، ئۇلارنىڭ سەپەر قىلغان يوللىرى مۇنداق: — | 2 |
Which Moses wrote down according to the places of their encamping, which they changed by the commandment of the Lord.
بىرىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى [ئىسرائىللار] رامسەس شەھىرىدىن سەپەرگە چىقتى؛ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئەتىسى ئۇلار بارلىق مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەردانىلىك بىلەن يولغا چىقتى. | 3 |
Now the children of Israel departed from Ramesses the first month, on the fifteenth day of the first month, the day after the phase, with a mighty hand, in the eight of all the Egyptians,
بۇ چاغدا مىسىرلىقلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى، يەنى بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى؛ پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چۈشۈردى. | 4 |
Who were burying their firstborn, whom the Lord had slain (upon their gods also he had executed vengeance, )
ئىسرائىللار رامسەستىن يولغا چىقىپ سۇككوتقا بېرىپ چېدىر تىكتى. | 5 |
And they camped in Soccoth.
ئۇلار سۇككوتتىن يولغا چىقىپ چۆل-باياۋاننىڭ ئايىغىدىكى ئېتامغا بېرىپ چېدىر تىكتى. | 6 |
And from Soccoth they came into Etham, which is in the uttermost borders of the wilderness.
ئېتامدىن يولغا چىقىپ، ئايلىنىپ بائال-زېفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پى-خاخىروتقا بېرىپ مىگدولنىڭ ئالدىدا چېدىر تىكتى. | 7 |
Departing from thence they came over against Phihahiroth, which looketh towards Beelsephon, and they camped before Magdalum.
پى-خاخىروتتىن يولغا چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، ئېتام چۆلىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ ماراھدا چېدىر تىكتى. | 8 |
And departing from Phihahiroth, they passed through the midst of the sea into the wilderness: and having marched three days through the desert of Etham, they camped in Mara.
ماراھدىن يولغا چىقىپ ئېلىمگە كەلدى؛ ئېلىمدە ئون ئىككى بۇلاق بىلەن يەتمىش خورما دەرىخى بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە چېدىر تىكتى. | 9 |
And departing from Mara, they came into Elim, where there were twelve fountains of waters, and seventy palm trees: and there they camped.
ئېلىمدىن يولغا چىقىپ قىزىل دېڭىز بويىدا چېدىر تىكتى. | 10 |
But departing from thence also, they pitched their tents by the Red Sea. And departing from the Red Sea,
قىزىل دېڭىزدىن يولغا چىقىپ سىن چۆلىدە چېدىر تىكتى. | 11 |
They camped in the desert of Sin.
سىن چۆلىدىن يولغا چىقىپ دوفقاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 12 |
And they removed from thence, and came to Daphca.
دوفقاھدىن يولغا چىقىپ ئالۇشقا بېرىپ چېدىر تىكتى. | 13 |
And departing from Daphca, they camped in Alus.
ئاندىن كېيىن ئالۇشتىن يولغا چىقىپ رىفىدىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى، ئۇ يەردە خەلققە ئىچىدىغان سۇ تېپىلماي قالدى. | 14 |
And departing from Alus, they pitched their tents in Raphidim, where the people wanted water to drink.
رىفىدىمدىن يولغا چىقىپ، سىناي چۆلىگە بېرىپ چېدىر تىكتى. | 15 |
And departing from Raphidim, they camped in the desert of Sinai.
سىناي چۆلىدىن يولغا چىقىپ قىبروت-ھاتتاۋاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 16 |
But departing also from the desert of Sinai, they came to the graves of lust.
قىبروت-ھاتتاۋاھدىن يولغا چىقىپ ھازىروتتا چېدىر تىكتى. | 17 |
And departing from the graves of lust, they camped in Haseroth.
ھازىروتتىن يولغا چىقىپ رىتماھدا چېدىر تىكتى. | 18 |
And from Haseroth they came to Rethma.
رىتماھدىن يولغا چىقىپ رىممون-پەرەزدە چېدىر تىكتى. | 19 |
And departing from Rethma, they camped in Remmomphares.
رىممون-پەرەزدىن يولغا چىقىپ لىبناھدا چېدىر تىكتى. | 20 |
And they departed from thence and came to Lebna.
لىبناھدىن يولغا چىقىپ رىسساھدا چېدىر تىكتى. | 21 |
Removing from Lebna they camped in Ressa.
رىسساھدىن يولغا چىقىپ كەھەلاتاھدا چېدىر تىكتى. | 22 |
And departing from Ressa, they came to Ceelatha.
كەھەلاتاھدىن يولغا چىقىپ شافىر تېغىدا چېدىر تىكتى. | 23 |
And they removed from thence and camped in the mountain Sepher.
شافىر تېغىدىن يولغا چىقىپ ھاراداھتا چېدىر تىكتى. | 24 |
Departing from the mountain Sepher, they came to Arada.
ھاراداھدىن يولغا چىقىپ ماكھىلوتتا چېدىر تىكتى. | 25 |
From thence they went and camped in Maceloth.
ماكھىلوتتىن يولغا چىقىپ تاھاتتا چېدىر تىكتى. | 26 |
And departing from Maceloth, they came to Thahath.
تاھاتتىن يولغا چىقىپ تەراھدا چېدىر تىكتى. | 27 |
Removing from Thahath they camped in Thare.
تەراھدىن يولغا چىقىپ مىتقاھدا چېدىر تىكتى. | 28 |
And they departed from thence, and pitched their tents in Methca.
مىتقاھدىن يولغا چىقىپ ھاشموناھتا چېدىر تىكتى. | 29 |
And removing from Methca, they camped in Hesmona.
ھاشموناھتىن يولغا چىقىپ موشەروتتا چېدىر تىكتى. | 30 |
And departing from Hesmona, they came to Moseroth.
موشەروتتىن يولغا چىقىپ بەنە-يائاكاندا چېدىر تىكتى. | 31 |
And removing from Moseroth, they camped in Benejaacan.
بەنە-يائاكاندىن يولغا چىقىپ خور-ھاگىدگادقا بېرىپ چېدىر تىكتى. | 32 |
And departing from Benejaacan, they came to mount Gadgad.
خور-ھاگىدگادتىن يولغا چىقىپ يوتباتاھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 33 |
From thence they went and camped in Jetebatha.
يوتباتاھتىن يولغا چىقىپ ئابروناھقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 34 |
And from Jetebatha they came to Hebrona.
ئابروناھتىن يولغا چىقىپ ئەزىئون-گەبەرگە كېلىپ چېدىر تىكتى. | 35 |
And departing from Hebrona, they camped in Asiongaber.
ئەزىئون-گەبەردىن يولغا چىقىپ زىن چۆلىدە، يەنى قادەشتە چېدىر تىكتى. | 36 |
They removed from thence and came into the desert of Sin, which is Cades.
قادەشتىن يولغا چىقىپ ئېدوم زېمىنىنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا چېدىر تىكتى. | 37 |
And departing from Cades, they camped in mount Her, in the uttermost borders of the land of Edom.
ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن كېيىنكى قىرىقىنچى يىلى بەشىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، كاھىن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقىپ شۇ يەردە ئۆلدى. | 38 |
And Aaron the priest went up into mount Hor at the commandment of the Lord: and there he died in the fortieth year of the coming forth of the children of Israel out of Egypt, the fifth month, the first day of the month,
ھارۇن ھور تېغىدا ئۆلگەن چېغىدا بىر يۈز يىگىرمە ئۈچ ياشتا ئىدى. | 39 |
When he was a hundred and twenty-three years old.
ئۇ چاغدا، قانائان زېمىنىنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قانائانىيلارنىڭ پادىشاھى ئاراد ئىسرائىللار كېلىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىغانىدى. | 40 |
And king Arad the Chanaanite, who dwelt towards the south, heard that the children of Israel were come to the land of Chanaan.
ئىسرائىللار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ زالموناھدا چېدىر تىكتى. | 41 |
And they departed from mount Her, and camped in Salmona.
زالموناھدىن يولغا چىقىپ پۇنونغا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 42 |
From whence they removed and came to Phunon.
پۇنوندىن يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 43 |
And departing from Phunon, they camped in Oboth.
ئوبوتتىن يولغا چىقىپ موئابنىڭ چېگرىسىدىكى ئىيە-ئابارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 44 |
And from Oboth they came to Ijeabarim, which is in the borders of the Moabites.
ئىيىمدىن يولغا چىقىپ دىبون-گادقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 45 |
And departing from Ijeabarim they pitched their tents in Dibongab.
دىبون-گادتىن يولغا چىقىپ ئالمون-دىبلاتايىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 46 |
From thence they went and camped in Helmondeblathaim.
ئالمون-دىبلاتايىمدىن يولغا چىقىپ نېبونىڭ ئالدىدىكى ئابارىم تاغلىقىغا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 47 |
And departing from Helmondeblathaim, they came to the mountains of Abarim over against Nabo.
ئابارىم تاغلىقىدىن يولغا چىقىپ يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە چېدىر تىكتى. | 48 |
And departing from the mountains of Abarim, they passed to the plains of Moab, by the Jordan, over against Jericho.
موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدە ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تىككەن چېدىرلىرى بەيت-يەشىموتتىن تارتىپ ئابەل-شىتتىمغىچە باردى. | 49 |
And there they camped from Bethsi moth even to Ablesatim in the plains of the Moabites,
پەرۋەردىگار موئاب تۈزلەڭلىكلىرىدىكى ئىئوردان دەرياسى بويىدا يېرىخونىڭ ئۇدۇلىدا مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 50 |
Where the Lord said to Moses:
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق بۇيرۇغىن: — «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كەلگەن چېغىڭلاردا، | 51 |
Command the children of Israel, and say to them: When you shall have passed over the Jordan, entering into the land of Chanaan,
زېمىندىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق ئويما، قۇيما بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاڭلار ھەم بارلىق «يۇقىرى جاي»لىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلاڭلار. | 52 |
Destroy all the inhabitants of that land: beat down their pillars, and break in pieces their statues, and waste all their high places,
سىلەر شۇ زېمىننى ئىگىلەپ ماكانلىشىڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. | 53 |
Cleansing the land, and dwelling in it. For I have given it you for a possession.
سىلەر جەمەت بويىچە چەك تاشلاپ، زېمىننى ئۆزۈڭلەرگە مىراس قىلىپ ئېلىڭلار؛ ئادىمى كۆپرەكلەرگە كۆپرەك مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ ئادىمى ئازراقلارغا ئازراق مىراس بۆلۈپ بېرىڭلار؛ چەك تاشلانغاندا كىملەرگە قەيەر چىققان بولسا، شۇ يەر ئۇنىڭ مىراسى بولسۇن؛ سىلەر مىراسقا ئاتا قەبىلە-جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىڭلار. | 54 |
And you shall divide it among you by lot. To the more you shall give a larger part, and to the fewer a lesser. To every one as the lot shall fall, so shall the inheritance be given. The possession shall be divided by the tribes and the families.
ھالبۇكى، ئەگەر ئۇ زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋەتمىسەڭلار، ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلار چوقۇم كۆزۈڭلەرگە تىكەن، بىقىنىڭلارغا يانتاق بولۇپ سانجىلىدۇ، تۇرغان زېمىنىڭلاردا سىلەرنى پاراكەندە قىلىدۇ؛ | 55 |
But if you will not kill the inhabitants of the land: they that remain, shall be unto you as nails in your eyes, and spears in your sides, and they shall be your adversaries in the land of your habitation.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئەسلىدە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلماقچى بولغان بولسام، سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلدە بولىمەن». | 56 |
And whatsoever I had thought to do to them, I will do to you.