< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 32 >
رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن گادنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كالا پادىلىرى تولىمۇ كۆپەيگەنىدى؛ ئۇلارنىڭ يائازەرنىڭ زېمىنى بىلەن گىلېئادنىڭ زېمىنىغا كۆزى چۈشتى؛ ۋە مانا، شۇ زېمىن چارۋا بېقىشقا ماس كېلىدىغان يەر ئىدى. | 1 |
Now the Reubenites and Gadites, who had very large herds and flocks, surveyed the lands of Jazer and Gilead, and they saw that the region was suitable for livestock.
شۇڭا ئۇلار مۇسا، كاھىن ئەلىئازار ۋە جامائەتنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇلارغا: — | 2 |
So the Gadites and Reubenites came to Moses, Eleazar the priest, and the leaders of the congregation, and said,
ئاتاروت، دىبون، يائازەر، نىمراھ، ھەشبون، ئەلەئالەھ، سەبام، نېبو، بەئون دېگەن يەرلەر، | 3 |
“Ataroth, Dibon, Jazer, Nimrah, Heshbon, Elealeh, Sebam, Nebo, and Beon,
يەنى ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگار مەغلۇپ قىلىپ بەرگەن يەرلەر بولۇپ، چارۋا بېقىشقا باپ يەرلەر ئىكەن، قۇللىرىنىڭمۇ چارۋا مېلى بار، — دېدى | 4 |
which the LORD conquered before the congregation of Israel, are suitable for livestock—and your servants have livestock.”
ۋە يەنە: — ئەگەر سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشكەن بولساق، بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆت دېمەي، بۇ يەرنى بىزگە مىراس قىلىپ بەرسىلە، — دېدى. | 5 |
“If we have found favor in your sight,” they said, “let this land be given to your servants as a possession. Do not make us cross the Jordan.”
مۇسا گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا: — قېرىنداشلىرىڭلار جەڭگە چىققان ۋاقتىدا سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرامتىڭلار؟ | 6 |
But Moses asked the Gadites and Reubenites, “Shall your brothers go to war while you sit here?
سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە كۆڭۇللىرىنى سوۋۇتۇسىلەر؟ | 7 |
Why are you discouraging the Israelites from crossing into the land that the LORD has given them?
ئىلگىرى مەن قادەش-بارنېئادىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى شۇ زېمىننى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكىنىمدە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشقانىدى. | 8 |
This is what your fathers did when I sent them from Kadesh-barnea to inspect the land.
ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا چىقىپ، ئۇ زېمىننى كۆرۈپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆڭلىنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشتىن سوۋۇتقان. | 9 |
For when your fathers went up to the Valley of Eshcol and saw the land, they discouraged the Israelites from entering the land that the LORD had given them.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قەسەم قىلىپ: | 10 |
So the anger of the LORD was kindled that day, and He swore an oath, saying,
«مىسىردىن چىققان يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار چىن كۆڭلىدىن ماڭا ئەگەشمىگەچكە، ئۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا «سىلەرگە ئاتا قىلىمەن» دەپ قەسەم قىلغان زېمىننى كۆرسە، [مەن پەرۋەردىگار بولماي كېتەي]! | 11 |
‘Because they did not follow Me wholeheartedly, not one of the men twenty years of age or older who came out of Egypt will see the land that I swore to give Abraham, Isaac, and Jacob—
پەقەت كەنىززىيلەردىن بولغان يەفۇننەھنىڭ ئوغلى كالەب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئالا ماڭا چىن كۆڭلىدىن ئەگەشكەن بولغاچقا، زېمىننى كۆرەلەيدۇ»، دېگەنىدى. | 12 |
not one except Caleb son of Jephunneh the Kenizzite and Joshua son of Nun—because they did follow the LORD wholeheartedly.’
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاچچىقى قوزغالغاچقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا رەزىل بولغاننى قىلغان ئەشۇ بىر ئەۋلاد ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، ئۇ ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرگەردانلىقتا يۈرگۈزدى. | 13 |
The anger of the LORD burned against Israel, and He made them wander in the wilderness forty years, until the whole generation who had done evil in His sight was gone.
ئەمدى مانا، گۇناھكارلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرمۇ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان قاتتىق غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغىماقچى بوپسىلەر-دە! | 14 |
Now behold, you, a brood of sinners, have risen up in place of your fathers to further stoke the burning anger of the LORD against Israel.
ئەگەر سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىشتىن بۇرۇلۇپ كەتسەڭلار، ئۇنداقتا ئۇ [ئىسرائىللارنى] يەنە چۆل-باياۋانغا تاشلىۋېتىدۇ، بۇ ھالدا سىلەر بۇ بارلىق خەلقنى خاراب قىلغان بولىسىلەر، — دېدى. | 15 |
For if you turn away from following Him, He will once again leave this people in the wilderness, and you will be the cause of their destruction.”
ئىككى قەبىلىنىڭ ئادەملىرى مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز بۇ يەردە ماللىرىمىزغا قوتان، بالىلىرىمىزغا قەلئە-شەھەر سالايلى. | 16 |
Then the Gadites and Reubenites approached Moses and said, “We want to build sheepfolds here for our livestock and cities for our little ones.
بىز بولساق قوراللىنىپ، ئىسرائىللارنى ئۆزىگە تەۋە جايلىرىغا باشلاپ بارغۇچە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمىز؛ بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر سەۋەبلىك، بىزنىڭ كىچىك بالىلىرىمىز مۇستەھكەم شەھەرلەردە تۇرۇشى كېرەك. | 17 |
But we will arm ourselves and be ready to go ahead of the Israelites until we have brought them into their place. Meanwhile, our little ones will remain in the fortified cities for protection from the inhabitants of the land.
ئىسرائىللار ئۆز مىراسلىرىغا ئىگە بولمىغۇچە بىز ئۆيىمىزگە ھەرگىز قايتمايمىز. | 18 |
We will not return to our homes until every Israelite has taken possession of his inheritance.
چۈنكى بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىكى زېمىنغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتىكى زېمىنغا تەڭ ئىگىدار بولمايمىز، چۈنكى مىراسىمىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنى كۈن چىقىشتىدۇر، — دېدى. | 19 |
Yet we will not have an inheritance with them across the Jordan and beyond, because our inheritance has come to us on the east side of the Jordan.”
مۇسا ئۇلارغا: — ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىنىپ جەڭگە چىقىپ، | 20 |
Moses replied, “If you will do this—if you will arm yourselves before the LORD for battle,
سىلەردىن قوراللانغانلارنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ بولغاندا، | 21 |
and if every one of your armed men crosses the Jordan before the LORD, until He has driven His enemies out before Him,
شۇ زېمىن پەرۋەردىگار ئالدىدا بويسۇندۇرۇلۇپ بولغاندا ئاندىن قايتساڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار ۋە ئىسرائىللار ئالدىدا گۇناھسىز ھېسابلىنىسىلەر؛ بۇ زېمىنمۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلەرگە مىراس قىلىپ بېرىلىدۇ. | 22 |
then when the land is subdued before the LORD, you may return and be free of obligation to the LORD and to Israel. And this land will belong to you as a possession before the LORD.
لېكىن بۇنداق قىلمىساڭلار، مانا، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھكار بولىسىلەر؛ شۇنى ئوبدان بىلىشىڭلار كېرەككى، گۇناھىڭلار ئۆزۈڭلارنى قوغلاپ بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. | 23 |
But if you do not do this, you will certainly sin against the LORD—and be assured that your sin will find you out.
ئەمدى سىلەر ئاغزىڭلاردىن چىققان گېپىڭلار بويىچە ئىش تۇتۇڭلار، بالىلىرىڭلار ئۈچۈن شەھەر، قوي پادىلىرىڭلار ئۈچۈن قوتان سېلىڭلار، — دېدى. | 24 |
Build cities for your little ones and folds for your flocks, but do what you have promised.”
گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى مۇساغا: — قۇللىرى غوجام ئېيتقىنىدەك قىلىدۇ. | 25 |
The Gadites and Reubenites said to Moses, “Your servants will do just as our lord commands.
خوتۇن-بالا چاقىلىرىمىز، كالىلار ۋە بارلىق چارپايلىرىمىز گىلېئادنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە قالىدۇ؛ | 26 |
Our children, our wives, our livestock, and all our animals will remain here in the cities of Gilead.
لېكىن قۇللىرى، جەڭگە تەييارلىنىپ قوراللانغانلارنىڭ ھەربىرى غوجام ئېيتقاندەك [دەريادىن] ئۆتۈپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭ قىلىدۇ، — دېدى. | 27 |
But your servants are equipped for war, and every man will cross over to the battle before the LORD, just as our lord says.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلار توغرۇلۇق كاھىن ئەلىئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئاغا ۋە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قەبىلە باشلىقلىرىغا تاپىلاپ، | 28 |
So Moses gave orders about them to Eleazar the priest, to Joshua son of Nun, and to the family leaders of the tribes of Israel.
ئۇلارغا: — ئەگەر گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جەڭگە چىقىشقا سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسە، ئۇ زېمىن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بوي سۇندۇرۇلسا، ئۇنداقتا سىلەر گىلېئاد زېمىنىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بېرىڭلار. | 29 |
And Moses said to them, “If the Gadites and Reubenites cross the Jordan with you, with every man armed for battle before the LORD, and the land is subdued before you, then you are to give them the land of Gilead as a possession.
ئەگەر ئۇلار قوراللىنىپ سىلەر بىلەن بىللە ئۆتمەيمىز دېسە، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مىراسى ئاراڭلاردا، يەنى قانائان زېمىنىدا بولسۇن، — دېدى. | 30 |
But if they do not arm themselves and go across with you, then they must accept their possession among you in the land of Canaan.”
گادنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى: — پەرۋەردىگار قۇللىرىغا قانداق بۇيرۇغان بولسا، بىز شۇنداق قىلىمىز. | 31 |
The Gadites and Reubenites replied, “As the LORD has spoken to your servants, so we will do.
بىز قوراللىنىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرىمىز، ئاندىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ بۇ يېقىدىكى زېمىن بىزگە مىراس قىلىپ بېرىلىدىغان بولىدۇ، — دېيىشتى. | 32 |
We will cross over into the land of Canaan armed before the LORD, that we may have our inheritance on this side of the Jordan.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ پادىشاھلىقى بىلەن باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى، زېمىن ۋە تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى، ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن قوشۇپ، ھەممىسىنى گادنىڭ ئەۋلادلىرىغا، رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ يېرىم قەبىلىسىگە بەردى. | 33 |
So Moses gave to the Gadites, to the Reubenites, and to the half-tribe of Manasseh son of Joseph the kingdom of Sihon king of the Amorites and the kingdom of Og king of Bashan—the land including its cities and the territory surrounding them.
گادنىڭ ئەۋلادلىرى دىبون، ئاتاروت، ئاروئەر، | 34 |
And the Gadites built up Dibon, Ataroth, Aroer,
ئاتروت-شوفان، يائازەر، يوگبىخاھ، | 35 |
Atroth-shophan, Jazer, Jogbehah,
بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى سالدى ۋە شۇنداقلا قوتانلارنى سالدى. | 36 |
Beth-nimrah, and Beth-haran as fortified cities, and they built folds for their flocks.
رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرى [يېڭىدىن] ھەشبون، ئەلەئالەھ، كىرىئاتايىم، | 37 |
The Reubenites built up Heshbon, Elealeh, Kiriathaim,
نېبو، بائال-مېئون ‹يۇقىرىقى ئىسىملار ئۆزگىرتىلگەن› ۋە سىبماھنى سالدى؛ ھەم ئۇلار سالغان شەھەرلەرگە يېڭىدىن نام بەردى. | 38 |
as well as Nebo and Baal-meon (whose names were changed), and Sibmah. And they renamed the cities they rebuilt.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلېئادقا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ يەرنى ئېلىپ، شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنى قوغلىۋەتتى. | 39 |
The descendants of Machir son of Manasseh went to Gilead, captured it, and drove out the Amorites who were there.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا گىلېئادنى ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرغا بېرىۋىدى، ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. | 40 |
So Moses gave Gilead to the clan of Machir son of Manasseh, and they settled there.
ماناسسەھنىڭ ئوغلى يائىر ئامورىيلارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ، بۇ يېزا-قىشلاقلارنى ھاۋوت-يائىر دەپ ئاتىدى. | 41 |
Jair, a descendant of Manasseh, went and captured their villages and called them Havvoth-jair.
نوباھ كىنات ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزا-قىشلاقلارنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ كىناتنى ئۆز ئىسمى بىلەن نوباھ دەپ ئاتىدى. | 42 |
And Nobah went and captured Kenath and its villages and called it Nobah, after his own name.