< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 30 >
مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرى مۇنداق: — | 1 |
Mose hyiaa Israel mmusua no mu mpanyimfo no ka kyerɛɛ wɔn se, “Awurade ahyɛ se:
ئەگەر بىراۋ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچكەن بولسا ياكى ئۆز ئۆزىنى چەكلىمەكچى بولۇپ قەسەم ئىچكەن بولسا، لەۋزىدىن قايتىشقا بولمايدۇ، ھامان ئاغزىدىن چىققان ھەممە گەپ بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك. | 2 |
Sɛ obi hyɛ Awurade bɔ anaa ɔka ntam hyɛ bɔ a, ɛnsɛ sɛ obu so. Ɛsɛ sɛ ɔyɛ nea ɔkaa se ɔbɛyɛ no pɛpɛɛpɛ.
قىز بالا ياش بولۇپ، تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەن بولسا، | 3 |
“Sɛ ababaa bi hyɛ Awurade bɔ anaa ɔka ntam hyɛ bɔ bere a ɔda so te nʼagya fi,
ئەمما ئاتىسى قىزىنىڭ قەسىمىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ۋە قىزىنىڭ ئالدىدا ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ھەممە ۋەدىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. | 4 |
na nʼagya no te sɛ ne ba no ahyɛ bɔ, na wanka hwee a, ne bɔhyɛ ne ne ntam a ɔkaa no nyinaa no di mu.
لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاڭلىغان چاغدا ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىدىن ھېچبىرى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئاتىسى ئۇنى توسقان بولغاچقا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇنى كەچۈرىدۇ. | 5 |
Nanso sɛ ɛba sɛ nʼagya no siw no bɔhyɛ no ho kwan a, etwa ne bɔhyɛ ne ntam a ɔkae no mu. Awurade de bɛkyɛ ababaa no, efisɛ nʼagya ampene sɛ obedi so.
— ئەگەر ئۇ قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە ئاغزىدا تەنتەكلىك بىلەن ۋەدە قىلغان ھالەتتە ئەرگە تەگكەن بولسا، | 6 |
“Sɛ ɔhyɛ bɔ anaa ɔka ntam ansa na ɔware na ɛbɛyɛ asodi ma no
ئېرى شۇنى ئاڭلىغان بولسا، لېكىن ئاڭلىغان كۈنى ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە قىلغان گەپلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. | 7 |
na ne kunu no te saa bɔhyɛ no ho asɛm nanso wanka ho hwee a, na ne bɔhyɛ no gyina hɔ.
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغان كۈنى ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسىمىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاغزىدىن چىقارغان تەنتەك گەپلىرىنى بىكار قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىناۋەتسىز بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. | 8 |
Na sɛ ne kunu no te na osiw no ho kwan a na ɛkyerɛ sɛ watwa mu a bɔhyɛ no anaa ntam no ho asodi nna ne so bio, enti Awurade de ne ho bɛkyɛ no.
لېكىن تۇل خوتۇن ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلار قىلغان قەسەم، يەنى ئۇنىڭ ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بولسا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. | 9 |
“Ɛsɛ sɛ ɔbea kunafo anaa nea wɔagyaa no aware no di ne ntam a ɔbɛka anaa bɔ a ɔbɛhyɛ no biara so.
ئەگەر ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قەسەم-ۋەدە ئىچكەن، | 10 |
“Sɛ waware na ɔte ne kunu fi na ɔhyɛ bɔ anaa ɔka ntam,
ئېرى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق شۈك تۇرۇۋېلىپ توسمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قىلغان قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. | 11 |
na ne kunu no te na wansiw no ho kwan a, na ɛkyerɛ sɛ ne bɔhyɛ no gyina hɔ.
لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئاڭلاپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، ئايال ئاغزىدىن چىقارغان ۋەدە بېرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئېرى بۇلارنى رەت قىلغان بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. | 12 |
Na sɛ ne kunu no te na, sɛ wampene so na, otwa mu a, na ne bɔhyɛ no nni mu na Awurade de ne ho bɛkyɛ no.
ئايالنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۇنىڭ چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى چەكلەيمەن دەپ قىلغان قەسەم-ۋەدىسىنى ئۇنىڭ ئېرى ئىناۋەتلىكمۇ قىلالايدۇ، ئىناۋەتسىزمۇ قىلالايدۇ. | 13 |
Enti ne kunu no betumi asi ne bɔ a ɔhyɛ anaa ntam a ɔka no so dua anaasɛ obetwa mu.
ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك تۇرۇۋېلىپ گەپ قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەرگەن بارلىق قىلغان قەسەملىرىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان ھەممە ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتلىك قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئېرىنىڭ ئاڭلاپ تۇرغان كۈنىدە گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىدۇر. | 14 |
Sɛ da mu no nyinaa wanka ho hwee ankyerɛ no de a, na ɛkyerɛ sɛ ɔpene so wɔ hwee a wanka amfa ho no nti.
لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. | 15 |
Sɛ ɔtwɛn ma mmere bi fa so ansa na ɔka se bɔhyɛ no nni mu a, ɛno de, ɛsɛ sɛ ɔsoa ɔbea no mfomso no ho asodi.”
يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى، يەنى ئېرى بىلەن ئايالى، ئاتا بىلەن ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان، تېخى ياشلىقىدا بولغان قىزى ئوتتۇرىسىدىكى نىزام-بەلگىمىلەردۇر. | 16 |
Eyinom ne mmara a Awurade nam Mose so de maa ɔbarima ne ne yere, ne agya ne ne babea a ɔda so te ne fi no.