< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 30 >

مۇسا ئىسرائ‍ىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغانلىرى مۇنداق: — 1
モーセはイスラエルの人々の部族のかしらたちに言った、「これは主が命じられた事である。
ئەگەر بىراۋ پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچكەن بولسا ياكى ئۆز ئۆزىنى چەكلىمەكچى بولۇپ قەسەم ئىچكەن بولسا، لەۋزىدىن قايتىشقا بولمايدۇ، ھامان ئاغزىدىن چىققان ھەممە گەپ بويىچە ئىش تۇتۇشى كېرەك. 2
もし人が主に誓願をかけ、またはその身に物断ちをしようと誓いをするならば、その言葉を破ってはならない。口で言ったとおりにすべて行わなければならない。
قىز بالا ياش بولۇپ، تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى چاغدا، ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق پەرۋەردىگارغا قەسەم بەرگەن بولسا، 3
またもし女がまだ若く、父の家にいて、主に誓願をかけ、またはその身に物断ちをしようとする時、
ئەمما ئاتىسى قىزىنىڭ قەسىمىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ۋە قىزىنىڭ ئالدىدا ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ھەممە ۋەدىسى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 4
父が彼女の誓願、または彼女の身に断った物断ちのことを聞いて、彼女に何も言わないならば、彼女はすべて誓願を行い、またその身に断った物断ちをすべて守らなければならない。
لېكىن قىزنىڭ ئاتىسى ئاڭلىغان چاغدا ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرىسىدا قىلغان ۋەدىلىرىدىن ھېچبىرى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئاتىسى ئۇنى توسقان بولغاچقا، پەرۋەردىگارمۇ ئۇنى كەچۈرىدۇ. 5
しかし、彼女の父がそれを聞いた日に、それを承認しない時は、彼女はその誓願、またはその身に断った物断ちをすべてやめることができる。父が承認しないのであるから、主は彼女をゆるされるであろう。
— ئەگەر ئۇ قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە ئاغزىدا تەنتەكلىك بىلەن ۋەدە قىلغان ھالەتتە ئەرگە تەگكەن بولسا، 6
またもし夫のある身で、みずから誓願をかけ、またはその身に物断ちをしようと、軽々しく口で言った場合、
ئېرى شۇنى ئاڭلىغان بولسا، لېكىن ئاڭلىغان كۈنى ئۈندىمەي شۈك تۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قىلغان قەسەملىرى ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەشكە قىلغان گەپلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 7
夫がそれを聞き、それを聞いた日に彼女に何も言わないならば、彼女はその誓願を行い、その身に断った物断ちを守らなければならない。
ئەگەر ئېرى ئاڭلىغان كۈنى ئۇنى توسقان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان قەسىمىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق ئاغزىدىن چىقارغان تەنتەك گەپلىرىنى بىكار قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئىناۋەتسىز بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. 8
しかし、もし夫がそれを聞いた日に、それを承認しないならば、夫はその女がかけた誓願、またはその身に物断ちをしようと、軽々しく口に言ったことをやめさせることができる。主はその女をゆるされるであろう。
لېكىن تۇل خوتۇن ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن خوتۇنلار قىلغان قەسەم، يەنى ئۇنىڭ ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بولسا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 9
しかし、寡婦あるいは離縁された女の誓願、すべてその身に断った物断ちは、それを守らなければならない。
ئەگەر ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىدە قەسەم قىلغان ياكى ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قەسەم-ۋەدە ئىچكەن، 10
もし女が夫の家で誓願をかけ、またはその身に物断ちをしようと誓った時、
ئېرى ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق شۈك تۇرۇۋېلىپ توسمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق قىلغان قەسەملىرى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 11
夫がそれを聞いて、彼女に何も言わず、またそれに反対しないならば、その誓願はすべて行わなければならない。またその身に断った物断ちはすべて守らなければならない。
لېكىن ئۇنىڭ ئېرى ئاڭلاپ تۇرغان چاغدا ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئېنىق رەت قىلغان بولسا، ئايال ئاغزىدىن چىقارغان ۋەدە بېرىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان بارلىق ۋەدىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئىناۋەتلىك بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئېرى بۇلارنى رەت قىلغان بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى كەچۈرىدۇ. 12
しかし、もし夫がそれを聞いた日にそれを認めないならば、彼女の誓願、または身の物断ちについて、彼女が口で言った事は、すべてやめることができる。夫がそれを認めなかったのだから、主はその女をゆるされるであろう。
ئايالنىڭ بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۇنىڭ چىداپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى چەكلەيمەن دەپ قىلغان قەسەم-ۋەدىسىنى ئۇنىڭ ئېرى ئىناۋەتلىكمۇ قىلالايدۇ، ئىناۋەتسىزمۇ قىلالايدۇ. 13
すべての誓願およびすべてその身を悩ます物断ちの誓約は、夫がそれを守らせることができ、または夫がそれをやめさせることができる。
ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك تۇرۇۋېلىپ گەپ قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بەرگەن بارلىق قىلغان قەسەملىرىنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇش توغرۇلۇق قىلغان ھەممە ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتلىك قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ئېرىنىڭ ئاڭلاپ تۇرغان كۈنىدە گەپ قىلماي شۈك تۇرغانلىقى ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى كۈچكە ئىگە قىلغانلىقىدۇر. 14
もし夫が彼女に何も言わずに日を送るならば、彼は妻がした誓願、または物断ちをすべて認めたのである。彼はそれを聞いた日に妻に何も言わなかったのだから、それを認めたのである。
لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ قەسەم-ۋەدىلىرىنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. 15
しかし、もし夫がそれを聞き、あとになって、それを認めないならば、彼は妻の罪を負わなければならない」。
يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى، يەنى ئېرى بىلەن ئايالى، ئاتا بىلەن ئۆز ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان، تېخى ياشلىقىدا بولغان قىزى ئوتتۇرىسىدىكى نىزام-بەلگىمىلەردۇر. 16
これらは主がモーセに命じられた定めであって、夫と妻との間、および父とまだ若くて父の家にいる娘との間に関するものである。

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 30 >