< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 3 >
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن كۈنلەردە، ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى. | 1 |
Pǝrwǝrdigar Sinay teƣida Musa bilǝn sɵzlǝxkǝn künlǝrdǝ, Ⱨarun bilǝn Musaning ǝwladliri tɵwǝndikilǝrdin ibarǝt idi.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ناداب ئىدى، ئۇنىڭ يەنە ئابىھۇ، ئەلىئازار، ئىتامار دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. | 2 |
Ⱨarunning oƣullirining ismi mundaⱪ: tunji oƣlining ismi Nadab idi, uning yǝnǝ Abiⱨu, Əliazar, Itamar degǝn oƣulliri bar idi.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئەنە شۇنداق ئىدى، ئۇلار مەسىھلەنگەن كاھىنلار ئىدى؛ [مۇسا] ئۇلارنى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە خۇداغا ئاتاپ ئايرىغانىدى. | 3 |
Ⱨarunning oƣullirining ismi ǝnǝ xundaⱪ idi, ular mǝsiⱨlǝngǝn kaⱨinlar idi; [Musa] ularni kaⱨinliⱪ wǝzipisini ɵtǝxkǝ Hudaƣa atap ayriƣanidi.
لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ سىناي چۆلىدە غەيرىي بىر ئوتنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنغىنى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلدى ۋە ئۇلارنىڭ ھېچ نەسلى قالدۇرۇلمىدى؛ ئەلىئازار بىلەن ئىتامار ئۆز ئاتىسى ھارۇن ئالدىدا كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. | 4 |
Lekin Nadab bilǝn Abiⱨu Sinay qɵlidǝ ƣǝyriy bir otni Pǝrwǝrdigarning aldiƣa sunƣini tüpǝylidin Pǝrwǝrdigar aldida ɵldi wǝ ularning ⱨeq nǝsli ⱪaldurulmidi; Əliazar bilǝn Itamar ɵz atisi Ⱨarun aldida kaⱨinliⱪ wǝzipisini ɵtidi.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — | 5 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪilip: —
سەن لاۋىي قەبىلىسىنى ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى كاھىن ھارۇننىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىل. | 6 |
Sǝn Lawiy ⱪǝbilisini aldingƣa kǝltürüp, ularni kaⱨin Ⱨarunning hizmitidǝ boluxⱪa uning aldiƣa ⱨazir ⱪil.
ئۇلار ھارۇننىڭ ھاجىتى ۋە پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمىتىنى بېجىرسۇن. | 7 |
Ular Ⱨarunning ⱨajiti wǝ pütkül jamaǝtning ⱨajitidin qiⱪip jamaǝt qedirining aldida wǝzipǝ ɵtǝp, ibadǝt qedirining hizmitini bejirsun.
ئۇلار يەنە جامائەت چېدىرىدىكى بارلىق قاچا-قۇچا ئەسۋابلارنى باشقۇرۇش بىلەن ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرسۇن. | 8 |
Ular yǝnǝ jamaǝt qediridiki barliⱪ ⱪaqa-ⱪuqa ǝswablarni baxⱪurux bilǝn Israillarning hizmitidǝ bolup wǝzipǝ ɵtǝp, ibadǝt qedirining ixlirini bejirsun.
سەن لاۋىيلارنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقسىملەپ بەرگىن؛ ئۇلار ئىسرائىللار ئىچىدىن مەخسۇس ئۇنىڭغا تاللاپ بېرىلگەن. | 9 |
Sǝn Lawiylarni Ⱨarun bilǝn uning oƣulliriƣa tǝⱪsimlǝp bǝrgin; ular Israillar iqidin mǝhsus uningƣa tallap berilgǝn.
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى بولسا سەن ئۆزىنىڭ كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە بېكىتكىن؛ ھەرقانداق يات كىشى يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلسۇن، — دېدى. | 10 |
Ⱨarun bilǝn oƣullirini bolsa sǝn ɵzining kaⱨinliⱪ wǝzipisini ɵtǝxkǝ bekitkin; ⱨǝrⱪandaⱪ yat kixi yeⱪinlaxsa ɵltürülsun, — dedi.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — | 11 |
Andin Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: —
— قارا، مەن ئىسرائىللار ئىچىدىن لاۋىيلارنى تاللىدىم، ئۇلارنى ئىسرائىل ئىچىدە بالىياتقۇنىڭ بارلىق تۇنجى مېۋىسىنىڭ ئورنىغا، يەنى چوڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا قويىمەن، شۇڭا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. | 12 |
— Ⱪara, Mǝn Israillar iqidin Lawiylarni tallidim, ularni Israil iqidǝ baliyatⱪuning barliⱪ tunji mewisining orniƣa, yǝni qong oƣullirining orniƣa ⱪoyimǝn, xunga Lawiylar Mening bolidu.
چۈنكى تۇنجى ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى مېنىڭكىدۇر؛ مەن مىسىر زېمىنىدا تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قەتل قىلغان كۈنىدە ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىكى تۇنجىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەيلى ئادەم بولسۇن ياكى ھايۋان بولسۇن، مۇقەددەس ھېسابلاپ مېنىڭكى قىلغانىدىم. ئۇلار مېنىڭكىدۇر؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 13 |
Qünki tunji oƣullarning ⱨǝmmisi Meningkidur; Mǝn Misir zeminida tunji tuƣulƣanlarning ⱨǝmmisini ⱪǝtl ⱪilƣan künidǝ Israillarning iqidiki tunjilarning ⱨǝmmisini, mǝyli adǝm bolsun yaki ⱨaywan bolsun, muⱪǝddǝs ⱨesablap Meningki ⱪilƣanidim. Ular Meningkidur; Mǝn Pǝrwǝrdigardurmǝn.
ئاندىن پەرۋەردىگار سىناي چۆل-باياۋىنىدا مۇساغا: — | 14 |
Andin Pǝrwǝrdigar Sinay qɵl-bayawanida Musaƣa: —
— سەن لاۋىيلارنى ئاتا جەمەتى، ئائىلىسى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈز؛ بارلىق ئەركەكلەرنى، يەنى بىر ئايلىقتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساناقتىن ئۆتكۈز، — دېدى. | 15 |
— Sǝn Lawiylarni ata jǝmǝti, ailisi boyiqǝ sanaⱪtin ɵtküz; barliⱪ ǝrkǝklǝrni, yǝni bir ayliⱪtin axⱪanlarning ⱨǝmmisini sanaⱪtin ɵtküz, — dedi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئۆزىگە دېيىلگەندەك لاۋىيلارنى ساناقتىن ئۆتكۈزدى. | 16 |
Xuning bilǝn Musa Pǝrwǝrdigarning ǝmri boyiqǝ, ɵzigǝ deyilgǝndǝk Lawiylarni sanaⱪtin ɵtküzdi.
لاۋىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى مۇنداق: — گەرشون، كوھات، مەرارى. | 17 |
Lawiyning oƣullirining ismi mundaⱪ: — Gǝrxon, Koⱨat, Mǝrari.
گەرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسمى ئائىلىلىرى بويىچە لىبنى ۋە شىمەي ئىدى. | 18 |
Gǝrxonning oƣullirining ismi aililiri boyiqǝ Libni wǝ Ximǝy idi.
كوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ئامرام، ئىزھار، ھېبرون ۋە ئۇززىئەل ئىدى. | 19 |
Koⱨatning oƣulliri aililiri boyiqǝ Amram, Izⱨar, Ⱨebron wǝ Uzziǝl idi.
مەرارىنىڭ ئوغۇللىرى ئائىلىلىرى بويىچە ماھلى ۋە مۇشى ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا جەمەتى بويىچە لاۋىيلارنىڭ جەمەتى بولدى. | 20 |
Mǝrarining oƣulliri aililiri boyiqǝ Maⱨli wǝ Muxi idi. Bularning ⱨǝmmisi ata jǝmǝti boyiqǝ Lawiylarning jǝmǝti boldi.
گەرشوندىن لىبنىلارنىڭ جەمەتى بىلەن شىمەيلەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار گەرشونلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. | 21 |
Gǝrxondin Libnilarning jǝmǝti bilǝn Ximǝylǝrning jǝmǝti wujudⱪa kǝldi; bular Gǝrxonlarning jǝmǝtliri idi.
بارلىق ئەرلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلىرىنىڭ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلىرى جەمئىي يەتتە مىڭ بەش يۈز كىشى بولدى. | 22 |
Barliⱪ ǝrlǝrning saniƣa asasǝn, bir ayliⱪtin axⱪanlirining sanaⱪtin ɵtküzülgǝnliri jǝmiy yǝttǝ ming bǝx yüz kixi boldi.
گەرشوننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، يەنى غەرب تەرەپتە بارگاھ قۇردى؛ | 23 |
Gǝrxonning jǝmǝti ibadǝt qedirining arⱪa tǝripidǝ, yǝni ƣǝrb tǝrǝptǝ bargaⱨ ⱪurdi;
گەرشون جەمەتىنىڭ ئەمىرى لائەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف ئىدى. | 24 |
Gǝrxon jǝmǝtining ǝmiri Laǝlning oƣli Əliasaf idi.
گەرشونلارنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۆزىدىكى ئاستىنقى ئىككى ياپقۇچ-پەردە، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يوپۇق ۋە جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشىك پەردىسىگە، | 25 |
Gǝrxonlarning jamaǝt qediridiki wǝzipisi ibadǝt qedirining ɵzidiki astinⱪi ikki yapⱪuq-pǝrdǝ, uning üstidiki yopuⱪ wǝ jamaǝt qedirining ixik pǝrdisigǝ,
شۇنداقلا ھويلا ئەتراپىدىكى پەردىلەر، ھويلا دەرۋازىسىنىڭ پەردىسى ‹ھويلا پەردىلىرى ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى چۆرىدەپ تۇراتتى› ۋە ھويلىدا ئىشلىتىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك بارلىق تانىلارغاقاراش ئىدى. | 26 |
xundaⱪla ⱨoyla ǝtrapidiki pǝrdilǝr, ⱨoyla dǝrwazisining pǝrdisi (ⱨoyla pǝrdiliri ibadǝt qediri bilǝn ⱪurbangaⱨni qɵridǝp turatti) wǝ ⱨoylida ixlitilidiƣan munasiwǝtlik barliⱪ tanilarƣa ⱪarax idi.
كوھاتتىن ئامراملارنىڭ جەمەتى، ئىزھارلارنىڭ جەمەتى، ھېبرونلارنىڭ جەمەتى ۋە ئۇززىئەللەرنىڭ جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇ كوھاتلارنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. | 27 |
Koⱨattin Amramlarning jǝmǝti, Izⱨarlarning jǝmǝti, Ⱨebronlarning jǝmǝti wǝ Uzziǝllǝrning jǝmǝti wujudⱪa kǝldi; bu Koⱨatlarning jǝmǝtliri idi.
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانى بويىچە، بىر ئايلىقتىن ئاشقانلار جەمئىي سەككىز مىڭ ئالتە يۈز ئادەم بولۇپ چىقتى؛ ئۇلار مۇقەددەس جايغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بولدى. | 28 |
Barliⱪ ǝrkǝklǝrning sani boyiqǝ, bir ayliⱪtin axⱪanlar jǝmiy sǝkkiz ming altǝ yüz adǝm bolup qiⱪti; ular muⱪǝddǝs jayƣa ⱪarax wǝzipisini ɵtǝydiƣan boldi.
كوھات ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەتلىرى جامائەت چېدىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بارگاھ تىكتى. | 29 |
Koⱨat ǝwladlirining jǝmǝtliri jamaǝt qedirining jǝnub tǝripidǝ bargaⱨ tikti.
كوھات جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئۇززىئەلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. | 30 |
Koⱨat jǝmǝtining ǝmiri Uzziǝlning oƣli Əlizafan idi.
ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، ئىككى قۇربانگاھ، شۇنىڭدەك مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچا، پەردە ۋە ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە قاراش ئىدى. | 31 |
Ularning wǝzipisi ǝⱨdǝ sanduⱪi, xirǝ, qiraƣdan, ikki ⱪurbangaⱨ, xuningdǝk muⱪǝddǝs jayning iqidǝ ixlitidiƣan ⱪaqa-ⱪuqa, pǝrdǝ wǝ ibadǝt qedirining iqidǝ ixlitidiƣan barliⱪ nǝrsilǝrgǝ ⱪarax idi.
لاۋىيلارنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ئەمىرى بولسا كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار ئىدى؛ ئۇ مۇقەددەسخانىغا قاراش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلار ئۈستىدىن نازارەت قىلىدىغان بولدى. | 32 |
Lawiylarning ǝmirlirining ǝmiri bolsa kaⱨin Ⱨarunning oƣli Əliazar idi; u muⱪǝddǝshaniƣa ⱪarax wǝzipisini ɵtǝydiƣanlar üstidin nazarǝt ⱪilidiƣan boldi.
مەرارىدىن ماھلى جەمەتى بىلەن مۇشى جەمەتى ۋۇجۇدقا كەلدى؛ بۇلار مەرارىنىڭ جەمەتلىرى بولدى. | 33 |
Mǝraridin Maⱨli jǝmǝti bilǝn Muxi jǝmǝti wujudⱪa kǝldi; bular Mǝrarining jǝmǝtliri boldi.
بارلىق ئەركەكلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن، بىر ئايلىقتىن يۇقىرى بولغانلار ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندە جەمئىي ئالتە مىڭ ئىككى يۈز كىشى چىقتى. | 34 |
Barliⱪ ǝrkǝklǝrning saniƣa asasǝn, bir ayliⱪtin yuⱪiri bolƣanlar sanaⱪtin ɵtküzülgǝndǝ jǝmiy altǝ ming ikki yüz kixi qiⱪti.
مەرارىنىڭ جەمەتىنىڭ ئەمىرى ئابىھايىلنىڭ ئوغلى زۇرىيەل بولدى؛ ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ شىمال تەرىپىگە بارگاھ قۇردى. | 35 |
Mǝrarining jǝmǝtining ǝmiri Abiⱨayilning oƣli Zuriyǝl boldi; ular ibadǝt qedirining ximal tǝripigǝ bargaⱨ ⱪurdi.
مەرارى ئەۋلادلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنىڭ تاختايلىرى، بالداقلىرى، خادىلىرىغا، تەگلىكلىرى بارلىق ئەسۋاب-جابدۇقلىرىغا قاراش، شۇنىڭدەك بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىلىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە، | 36 |
Mǝrari ǝwladlirining wǝzipisi ibadǝt qedirining tahtayliri, baldaⱪliri, hadiliriƣa, tǝglikliri barliⱪ ǝswab-jabduⱪliriƣa ⱪarax, xuningdǝk bularƣa munasiwǝtlik ixlitilidiƣan barliⱪ nǝrsilǝrgǝ,
شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى خادىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەگلىكلىرى، قوزۇق ۋە تانىلارغا مەسئۇل بولۇشقا بەلگىلەنىدى. | 37 |
xundaⱪla ⱨoylining tɵt ǝtrapidiki hadilarƣa wǝ ularning tǝglikliri, ⱪozuⱪ wǝ tanilarƣa mǝs’ul boluxⱪa bǝlgilǝnidi.
ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، شەرق تەرىپىگە، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە بارگاھ قۇرغانلار مۇسا، ھارۇن ۋە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى؛ ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇقەددەس جايغا قارايدىغان بولدى؛ ئۇلارغا يات بولغان ھەرقانداق ئادەم [مۇقەددەس] جايغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلەتتى. | 38 |
Ibadǝt qedirining aldiƣa, xǝrⱪ tǝripigǝ, yǝni jamaǝt qedirining künqiⱪix tǝripigǝ bargaⱨ ⱪurƣanlar Musa, Ⱨarun wǝ Ⱨarunning oƣulliri idi; ular Israillarning hizmitidǝ bolux wǝzipisini ɵtǝp, muⱪǝddǝs jayƣa ⱪaraydiƣan boldi; ularƣa yat bolƣan ⱨǝrⱪandaⱪ adǝm [muⱪǝddǝs] jayƣa yeⱪinlaxsa, ɵltürülǝtti.
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ساناقتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق لاۋىيلار، جەمەتلىرى بويىچە، يەنى بىر ئايلىقتىن يۇقىرى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەركەكلەر جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ چىقتى. | 39 |
Musa bilǝn Ⱨarun Pǝrwǝrdigarning ǝmri boyiqǝ, sanaⱪtin ɵtküzgǝn barliⱪ Lawiylar, jǝmǝtliri boyiqǝ, yǝni bir ayliⱪtin yuⱪiri sanaⱪtin ɵtküzülgǝn ǝrkǝklǝr jǝmiy yigirmǝ ikki ming qiⱪti.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ئىسرائىللار ئىچىدە بىر ئايلىقتىن ئاشقان تۇنجى ئوغۇللارنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسىم-فامىلىسى بويىچە تىزىملاپ چىق. | 40 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa: — Sǝn Israillar iqidǝ bir ayliⱪtin axⱪan tunji oƣullarni sanaⱪtin ɵtküzüp, isim-familisi boyiqǝ tizimlap qiⱪ.
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل ‹مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن›؛ لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا خاس قىل، — دېدى. | 41 |
Sǝn Lawiylarni Israillarning barliⱪ tunjilirining ornida Manga has ⱪil (Mǝn Pǝrwǝrdigardurmǝn); Lawiylarning mal-qarwilirinimu Israillarning barliⱪ tunji mal-qarwilirining ornida Manga has ⱪil, — dedi.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنى قويماي ساناقتىن ئۆتكۈزدى. | 42 |
Musa Pǝrwǝrdigarning ǝmri boyiqǝ, Israillarning tunjilirini ⱪoymay sanaⱪtin ɵtküzdi.
بىر ئايلىقتىن يۇقىرى تۇنجى ئوغۇل بالىلىرىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن ساناقتىن ئۆتكۈزگەندە، ئۇلار جەمئىي يىگىرمە ئىككى مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچ كىشى چىقتى. | 43 |
Bir ayliⱪtin yuⱪiri tunji oƣul balilirini isim-familisi bilǝn sanaⱪtin ɵtküzgǝndǝ, ular jǝmiy yigirmǝ ikki ming ikki yüz yǝtmix üq kixi qiⱪti.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — | 44 |
Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: —
سەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا، شۇنداقلا لاۋىيلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تاللا؛ شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار مېنىڭكى بولىدۇ؛ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 45 |
Sǝn Lawiylarni Israillarning tunjilirining ornida Manga talla, xundaⱪla Lawiylarning mal-qarwilirinimu Israillarning mal-qarwilirining ornida Manga talla; xuning bilǝn Lawiylar Meningki bolidu; Mǝn Pǝrwǝrdigardurmǝn.
ۋە لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق چىققان ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرى، يەنى شۇ ئىككى يۈز يەتمىش ئۈچى ئۈچۈن ھۆرلۈك ھەققىنى قوبۇل قىلغىن؛ | 46 |
Wǝ Lawiylarning sanidin artuⱪ qiⱪⱪan Israillarning tunjiliri, yǝni xu ikki yüz yǝtmix üqi üqün ⱨɵrlük ⱨǝⱪⱪini ⱪobul ⱪilƣin;
شۇلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن بەش شەكەل كۈمۈش ئال، كىشى سانىغا قاراپ بولسۇن؛ مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچەۇلاردىن ئالغىن ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر›. | 47 |
xularning ⱨǝrbiri üqün bǝx xǝkǝl kümüx al, kixi saniƣa ⱪarap bolsun; muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ ulardin alƣin (bir xǝkǝl yigirmǝ gǝraⱨdur).
ئارتۇق چىققان ئادەملەرنىڭ، يەنى ھۆرلۈك ھەققىنى تۆلىشى كېرەك بولغانلارنىڭ كۈمۈشىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەر. | 48 |
Artuⱪ qiⱪⱪan adǝmlǝrning, yǝni ⱨɵrlük ⱨǝⱪⱪini tɵlixi kerǝk bolƣanlarning kümüxini Ⱨarun bilǝn uning oƣulliriƣa bǝr.
ئەمدى لاۋىيلار تەرىپىدىن «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان» دەپ ھېسابلانغان تۇنجى ئوغۇللاردىن ئارتۇق چىققانلاردىن بولسا، مۇسا ئۇلاردىن شۇ ھۆرلۈك ھەققىنى ئالدى؛ | 49 |
Əmdi Lawiylar tǝripidin «ⱨɵrlükkǝ qiⱪirilƣan» dǝp ⱨesablanƣan tunji oƣullardin artuⱪ qiⱪⱪanlardin bolsa, Musa ulardin xu ⱨɵrlük ⱨǝⱪⱪini aldi;
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجىلىرىدىن شۇ كۈمۈشنى، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش بەش شەكەل ئالدى. | 50 |
u Israillarning tunjiliridin xu kümüxni, yǝni muⱪǝddǝs jaydiki xǝkǝlning ɵlqǝm birliki boyiqǝ jǝmiy bir ming üq yüz atmix bǝx xǝkǝl aldi.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە «ھۆرلۈككە چىقىرىلغان»لارنىڭ كۈمۈشىنى دەل پەرۋەردىگار بۇيرۇغىنىدەك، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەردى. | 51 |
Musa Pǝrwǝrdigarning ǝmri boyiqǝ «ⱨɵrlükkǝ qiⱪirilƣan»larning kümüxini dǝl Pǝrwǝrdigar buyruƣinidǝk, Ⱨarun bilǝn uning oƣulliriƣa bǝrdi.