< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 29 >
يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ [ئۇ كۈنى] ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن كانايلار چېلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ. | 1 |
V sedmem mesecu, na prvi dan meseca, boste imeli sveti sklic. Nobenega hlapčevskega dela ne boste opravljali. To vam je dan trobentanja.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، يەتتە بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. | 2 |
Darovali boste žgalno daritev v prijeten vonj Gospodu: enega mladega bikca, enega ovna in sedem jagnjet prvega leta brez pomanjkljivosti
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، | 3 |
in njihova jedilna daritev bo iz moke, umešane z oljem, tri desetinke za bikca in dve desetinki za ovna
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ | 4 |
in ena desetinka za eno jagnje, za sedem jagnjet,
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. | 5 |
in enega kozlička od koz za daritev za greh, da za vas opravi spravo,
شۇلارنى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارغا قۇشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەلىرىنىڭ سىرتىدا سۇنۇڭلار؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىرى بەلگىلىمە بويىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. | 6 |
poleg mesečne žgalne daritve, njene jedilne daritve, dnevne žgalne daritve, njene jedilne daritve in njihovih pitnih daritev, glede na njihov način, za prijeten vonj, žrtvovanje, narejeno z ognjem, Gospodu.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. | 7 |
Na deseti dan sedmega meseca boste imeli sveti sklic in prizadeli boste svoje duše. Ta dan ne boste opravljali nobenega dela,
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›. | 8 |
temveč boste darovali žgalno daritev Gospodu v prijeten vonj: enega mladega bikca, enega ovna in sedem jagnjet prvega leta, ki vam bodo brez pomanjkljivosti,
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، | 9 |
in njihova jedilna daritev bo iz moke, umešane z oljem, tri desetinke za bikca in dve desetinki za enega ovna,
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، | 10 |
nekaj desetink za eno jagnje, za sedem jagnjet,
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كافارەت كۈنىدىكى گۇناھ قۇربانلىقى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. | 11 |
enega kozlička od koz za daritev za greh, poleg spravne daritve za greh in nenehne žgalne daritve in njegove jedilne daritve in njihovih pitnih daritev.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛ | 12 |
Na petnajsti dan sedmega meseca boste imeli sveti sklic. Nobenega hlapčevskega dela ne boste opravljali in sedem dni boste imeli praznovanje Gospodu.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئون ئۈچنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›. | 13 |
Darovali boste žgalno daritev, žrtvovanje, narejeno z ognjem, prijetnega vonja Gospodu: trinajst mladih bikcev, dva ovna in štirinajst jagnjet prvega leta; ti bodo brez pomanjkljivosti.
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ئون ئۈچ تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، ئىككى قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، | 14 |
Njihova jedilna daritev bo moka, umešana z oljem, tri desetinke vsakemu bikcu izmed trinajstih bikcev, dve desetinki vsakemu ovnu izmed dveh ovnov,
ئون تۆت قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، | 15 |
in nekaj desetink za vsako izmed štirinajstih jagnjet
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 16 |
in enega kozlička od koz za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve, njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
ئىككىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئون ئىككىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 17 |
Na drugi dan boste darovali dvanajst mladih bikcev, dva ovna, štirinajst jagnjet prvega leta brez madeža,
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. | 18 |
in njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikce, za ovne in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. | 19 |
enega kozlička od koz za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve in njegovih jedilnih daritev in njihovih pitnih daritev.
ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 20 |
Na tretji dan enajst bikcev, dva ovna, štirinajst jagnjet prvega leta brez pomanjkljivosti
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ | 21 |
in njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikce, za ovne in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 22 |
enega kozla za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve in njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
تۆتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئوننى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 23 |
Na četrti dan deset bikcev, dva ovna in štirinajst jagnjet prvega leta brez pomanjkljivosti.
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ | 24 |
Njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikce, za ovne in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 25 |
enega kozlička od koz za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve, njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
بەشىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن توققۇزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 26 |
Na peti dan devet bikcev, dva ovna in štirinajst jagnjet prvega leta brez madeža
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ | 27 |
in njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikce, za ovne in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 28 |
enega kozla za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve in njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
ئالتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن سەككىزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 29 |
Na šesti dan osem bikcev, dva ovna in štirinajst jagnjet prvega leta brez pomanjkljivosti
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ | 30 |
in njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikce, za ovne in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 31 |
enega kozla za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve, njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
يەتتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن يەتتىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 32 |
Na sedmi dan sedem bikcev, dva ovna in štirinajst jagnjet prvega leta brez pomanjkljivosti
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ | 33 |
in njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikce, za ovne in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 34 |
enega kozla za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve, njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
سەككىزىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. | 35 |
Na osmi dan boste imeli slovesen zbor. Nobenega hlapčevskega dela ne boste opravljali ta dan,
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› | 36 |
temveč boste žrtvovali žgalno daritev, žrtvovanje, narejeno z ognjem, prijetnega vonja Gospodu: enega bikca, enega ovna, sedem jagnjet prvega leta brez pomanjkljivosti.
ھەمدە تورپاق، قوچقار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ | 37 |
Njihova jedilna daritev in njihove pitne daritve za bikca, za ovna in za jagnjeta bodo glede na njihovo število, po načinu:
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدىمۇ بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 38 |
enega kozla za daritev za greh, poleg nenehne žgalne daritve in njegove jedilne daritve in njegove pitne daritve.
بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئەنە شۇلاردۇر؛ سىلەرنىڭ قەسەمگە باغلىق ياكى ئىختىيارەن سۇنىدىغانلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلار، شاراب ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدىدۇر. | 39 |
Te stvari boste storili Gospodu na svoje določene praznike, poleg svojih zaobljub in svojih prostovoljnih daritev za svoje žgalne daritve, jedilne daritve, pitne daritve in za svoje mirovne daritve.‹«
شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىسرائىللارغا ئۇقتۇردى. | 40 |
Mojzes je Izraelovim otrokom povedal glede na vse, kar je Gospod zapovedal Mojzesu.