< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 29 >

يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ [ئۇ كۈنى] ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك. بۇ سىلەر ئۈچۈن كانايلار چېلىنىدىغان كۈنى بولىدۇ. 1
А седмог месеца први дан да имате свети сабор; посао ропски ниједан не радите; то да вам је трубни дан.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، يەتتە بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. 2
И принесите жртву паљеницу за мирис угодни Господу, једно теле, једног овна, седам јагањаца од године здравих;
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 3
А дар уз њих белог брашна смешаног с уљем три десетине уз теле и две десетине уз овна,
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ 4
И по једну десетину уз свако јагње од седам јагањаца;
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. 5
И једног јарца за грех, ради очишћења вашег;
شۇلارنى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭغا قوشۇمچە بولغان ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارغا قۇشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەلىرىنىڭ سىرتىدا سۇنۇڭلار؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەربىرى بەلگىلىمە بويىچە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ سۇنۇلسۇن. 6
Осим жртве паљенице у почетку месеца и дара њеног, и осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њихових по уредби њиховој, за мирис угодни, за жртву огњену Господу.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. 7
И десети дан тог месеца седмог да имате свети сабор; и мучите душе своје; не радите никакав посао;
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش بىر تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›. 8
Него принесите Господу за мирис угодни жртву паљеницу, једно теле, једног овна, седам јагањаца од године, а нека вам је здраво;
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 9
И дар уз њих белог брашна помешаног с уљем три десетине уз теле, две десетине уз овна,
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، 10
По једну десетину уза свако јагње од оних седам јагањаца;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كافارەت كۈنىدىكى گۇناھ قۇربانلىقى، دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە بۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. 11
Јарца једног за грех, осим жртве за грех ради очишћења, и осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њихових.
يەتتىنچى ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار؛ 12
И петнаести дан тог месеца седмог да имате свети сабор; ниједан посао ропски не радите; него празнујте празник Господу седам дана.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئون ئۈچنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن›. 13
И принесите жртву паљеницу, огњену жртву за угодни мирис Господу, тринаест телаца, два овна, четрнаест јагањаца од године, а нека су здрави;
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ئون ئۈچ تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، ئىككى قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، 14
И дар уз њих брашна белог смешана с уљем по три десетине уза свако теле од тринаест телаца, по две десетине уза сваког овна од она два овна,
ئون تۆت قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى، 15
И по једну десетину уза свако јагње од оних четрнаест јагањаца;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 16
И једног јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
ئىككىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئون ئىككىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 17
А други део дванаест телаца, два овна, четрнаест јагањаца од године здравих,
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. 18
И дар њихов и налив њихов, уз теоце, уз овнове и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بىللە سۇنۇلسۇن. 19
И јарца једног за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
ئۈچىنچى كۈنى بىر ياش تورپاقتىن ئون بىرنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 20
А трећи дан једанаест телаца, два овна и четрнаест јагањаца од године здравих;
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 21
И дарове њихове и наливе њихове, уз теоце, уз овнове и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 22
И једног јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
تۆتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن ئوننى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 23
А четврти дан десет телаца, два овна, четрнаест јагањаца од године здравих;
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 24
И дар њихов и наливе њихове, уз теоце, уз овнове и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 25
И једног јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
بەشىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن توققۇزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 26
А пети дан девет телаца, два овна, четрнаест јагањаца од године здравих;
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 27
И дар њихов и наливе њихове, уз теоце, уз овнове и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 28
И једног јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
ئالتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن سەككىزنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 29
А шести дан осам телаца, два овна, четрнаест јагањаца од године здравих,
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 30
И дар њихов и наливе њихове, уз теоце, уз овнове и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 31
И једног јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
يەتتىنچى كۈنى ياش تورپاقتىن يەتتىنى، ئىككى قوچقار، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى سۇنۇڭلار ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 32
А седми дан седам телаца, два овна, четрнаест јагањаца од године здравих,
ۋە شۇنداقلا تورپاقلار، قوچقارلار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 33
И дар њихов и наливе њихове, уз теоце, уз овнове и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 34
И јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
سەككىزىنچى كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. 35
А осми дан да вам је празник; ниједан посао ропски не радите.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تورپاق، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئون تۆتنى ‹شۇلار ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن› 36
Него принесите жртву паљеницу, жртву огњену за угодни мирис Господу, једно теле, једног овна, седам јагањаца од године здравих.
ھەمدە تورپاق، قوچقار ۋە ئەركەك قوزىلارنىڭ سانىغا قاراپ، بەلگىلىمە بويىچە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن شاراب ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار؛ 37
И дар њихов и наливе њихове, уз теле, уз овна и уз јагањце, по броју њиховом, како је уређено;
شۇنىڭدەك گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدىمۇ بىر تېكە سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ئۈستىگە دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئۇنىڭ قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. 38
И једног јарца за грех, осим свагдашње жртве паљенице и дара њеног и налива њеног.
بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئەنە شۇلاردۇر؛ سىلەرنىڭ قەسەمگە باغلىق ياكى ئىختىيارەن سۇنىدىغانلىرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭلار، شاراب ھەدىيەلىرىڭلار ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتىدىدۇر. 39
То приносите Господу на празнике своје, осим оног што бисте по завету или од своје воље принели за жртве паљенице или дарове или наливе или жртве захвалне.
شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىسرائ‍ىللارغا ئۇقتۇردى. 40
И каза Мојсије синовима Израиљевим све што заповеди Господ.

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 29 >