< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 28 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
dixit quoque Dominus ad Mosen
سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇپ: — «ماڭا سۇنۇلغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى، يەنى ماڭا ئوزۇق بولىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى بولسا، سىلەر ھەربىرىنى بېكىتىلگەن قەرەلىدە سۇنۇشقا كۆڭۈل قويۇڭلار» — دېگىن. | 2 |
praecipe filiis Israhel et dices ad eos oblationem meam et panes et incensum odoris suavissimi offerte per tempora sua
سەن ئۇلارغا يەنە: «سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلار مۇنداق بولىدۇ: — ھەر كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن ئىككىنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. | 3 |
haec sunt sacrificia quae offerre debetis agnos anniculos inmaculatos duos cotidie in holocaustum sempiternum
ئەتىگىنى بىرنى، گۇگۇمدا بىرنى سۇنۇڭلار؛ | 4 |
unum offeretis mane et alterum ad vesperam
يەنە تۆتتىن بىر ھىندىن سوقۇپ چىقىرىلغان زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئوندىن بىر ئەفاھنى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. | 5 |
decimam partem oephi similae quae conspersa sit oleo purissimo et habeat quartam partem hin
سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، ئوتتا سۇنۇلىدىغان دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق مانا شۇدۇر. | 6 |
holocaustum iuge est quod obtulistis in monte Sinai in odorem suavissimum incensi Domini
ھەربىر قوزا ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى تۆتتىن بىر ھىن شاراب بولىدۇ؛ ئېچىتما ئىچىملىك بولغان شاراب ھەدىيەسى مۇقەددەس جايدا پەرۋەردىگارغا سۇنۇپ تۆكۈلسۇن. | 7 |
et libabitis vini quartam partem hin per agnos singulos in sanctuario Domini
سەن ئىككىنچى بىر قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنكىدەك ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە شاراب ھەدىيەسى بىلەن قوشۇپ سۇنغىن؛ ئۇ خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. | 8 |
alterumque agnum similiter offeretis ad vesperam iuxta omnem ritum sacrificii matutini et libamentorum eius oblationem suavissimi odoris Domino
— شابات كۈنى بېجىرىم بىر ياشلىق ئىككى ئەركەك قوزا سۇنۇلسۇن؛ ئۇنىڭغا قوشۇپ زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن ۋە شاراب ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن؛ | 9 |
die autem sabbati offeretis duos agnos anniculos inmaculatos et duas decimas similae oleo conspersae in sacrificio et liba
بۇ ھەربىر شابات كۈنىدە سۇنۇلىدىغان شابات كۈنىدىكى قۇربانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ بىلەن دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسى بىللە سۇنۇلسۇن. | 10 |
quae rite funduntur per singula sabbata in holocausto sempiterno
— ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار؛ يەنى ئىككى ياش تورپاق، بىر قوچقار، بىر ياشلىق بېجىرىم يەتتە ئەركەك قوزىنى سۇنۇڭلار. | 11 |
in kalendis autem id est in mensuum exordiis offeretis holocaustum Domino vitulos de armento duos arietem unum agnos anniculos septem inmaculatos
ھەر تورپاق بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، قوشقارغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە، | 12 |
et tres decimas similae oleo conspersae in sacrificio per singulos vitulos et duas decimas similae oleo conspersae per singulos arietes
ھەربىر قوزا بېشىغا زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. | 13 |
et decimam decimae similae ex oleo in sacrificio per agnos singulos holocaustum suavissimi odoris atque incensi est Domino
ئۇلارنىڭ شاراب ھەدىيەلىرى بولسا: — ھەربىر تورپاق بېشىغا شارابتىن يېرىم ھىن، قوشقار بېشىغا ھىننىڭ ئۈچتىن بىرى، ھەربىر قوزا بېشىغا ھىننىڭ تۆتتىن بىرى سۇنۇلسۇن. بۇ ھەر ئايدا سۇنۇلىدىغان ئايلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، يىلنىڭ ھەر ئېيىدا شۇنداق قىلىنسۇن. | 14 |
libamenta autem vini quae per singulas fundenda sunt victimas ista erunt media pars hin per vitulos singulos tertia per arietem quarta per agnum hoc erit holocaustum per omnes menses qui sibi anno vertente succedunt
بۇلارنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان گۇناھ قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە شاراب ھەدىيەسى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن. | 15 |
hircus quoque offeretur Domino pro peccatis in holocaustum sempiternum cum libamentis suis
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «ئۆتۈپ كېتىش» [قوزىسى سۇنۇلسۇن]. | 16 |
mense autem primo quartadecima die mensis phase Domini erit
شۇ ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنى ھېيت باشلىنىدۇ؛ يەتتە كۈن پېتىر نان يىيىلسۇن. | 17 |
et quintadecima die sollemnitas septem diebus vescentur azymis
بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈلسۇن، ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماسلىقىڭلار كېرەك، | 18 |
quarum dies prima venerabilis et sancta erit omne opus servile non facietis in ea
شۇ كۈنى ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، بىر قوچقار ۋە يەتتە بىر ياشلىق ئەركەك قوزا سۇنۇڭلار؛ ئۇلار ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن؛ | 19 |
offeretisque incensum holocaustum Domino vitulos de armento duos arietem unum agnos anniculos inmaculatos septem
شۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، | 20 |
et sacrificia singulorum ex simila quae conspersa sit oleo tres decimas per singulos vitulos et duas decimas per arietem
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ | 21 |
et decimam decimae per agnos singulos id est per septem agnos
شۇنىڭدەك [گۇناھىڭلار] ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تېكە سۇنۇلسۇن. | 22 |
et hircum pro peccato unum ut expietur pro vobis
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن ئايرىم سۇنۇڭلار. | 23 |
praeter holocaustum matutinum quod semper offertis
سىلەر بۇ تەرىقىدە ئۇدا يەتتە كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان ئاشۇنداق ھەدىيە-قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار؛ شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇپ سۇنۇلىدىغان شاراب ھەدىيەسىنىڭ سىرتىدا سۇنۇلىدۇ. | 24 |
ita facietis per singulos dies septem dierum in fomitem ignis et in odorem suavissimum Domino qui surget de holocausto et de libationibus singulorum
يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، شۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلىشقا بولمايدۇ. | 25 |
dies quoque septimus celeberrimus et sanctus erit vobis omne opus servile non facietis in eo
«دەسلەپكى ئورما» كۈنى، يەنى «ھەپتىلەر ھېيتى»ڭلاردا سىلەر يېڭى ئاشلىق ھەدىيەنى پەرۋەردىگارغا سۇنغان چاغدا مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار؛ ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلماڭلار. | 26 |
dies etiam primitivorum quando offertis novas fruges Domino expletis ebdomadibus venerabilis et sancta erit omne opus servile non facietis in ea
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان، خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ياش تورپاقتىن ئىككىنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك قوزىدىن يەتتىنى سۇنۇڭلار. | 27 |
offeretisque holocaustum in odorem suavissimum Domino vitulos de armento duos arietem unum et agnos anniculos inmaculatos septem
شۇلارغا قوشۇپ سۇنۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن بولۇپ، ھەربىر تورپاق بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئۈچى، قوچقار بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن ئىككىسى، | 28 |
atque in sacrificiis eorum similae oleo conspersae tres decimas per singulos vitulos per arietes duas
شۇ يەتتە قوزا بېشىغا ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرى سۇنۇلسۇن؛ | 29 |
per agnos decimam decimae qui simul sunt agni septem hircum quoque
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ [گۇناھىڭلار ئۈچۈن] كافارەت كەلتۈرۈشكە [گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە] بىر تېكە سۇنۇلسۇن. | 30 |
qui mactatur pro expiatione praeter holocaustum sempiternum et liba eius
شۇلارنىڭ ھەممىسى دائىمىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىگە قوشۇپ ‹بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭلاردا بېجىرىم كۆرۈنسۇن›، شاراب ھەدىيەلىرى بىلەن بىللە سۇنۇلسۇن. | 31 |
inmaculata offeretis omnia cum libationibus suis