< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 27 >
يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەھنىڭ نەسلىدىن بولغان جەمەتلەر ئىچىدە ماناسسەھنىڭ چەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، گىلېئادنىڭ نەۋرىسى، ھەفەرنىڭ ئوغلى زەلوفىھادنىڭ قىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى ماھلاھ، نوئاھ، ھوگلاھ، مىلكاھ، ۋە تىرزاھ ئىدى. | 1 |
Potem so prišle hčere Celofháda, sinú Heferja, sinú Gileáda, sinú Mahírja, sinú Manáseja, od družin Jožefovega sina Manáseja, in to so imena hčera: Mahla, Noa, Hogla, Milka in Tirca.
ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، مۇسا بىلەن كاھىن ئەلىئازار ۋە ئەمىرلەر بىلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: | 2 |
Obstale so pred Mojzesom, pred duhovnikom Eleazarjem, pred princi in vso skupnostjo, pri vratih šotorskega svetišča skupnosti, rekoč:
— بىزنىڭ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتكەن؛ ئۇ ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ھۇجۇم قىلغىلى يىغىلغانلاردىن ئەمەس، يەنى كوراھ گۇرۇھىدىكىلەردىن ئەمەس؛ ئۇ بەلكى ئۆز گۇناھى ئىچىدە ئۆلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئىدى. | 3 |
»Naš oče je umrl v divjini in ni bil v skupini tistih, ki so se zbrali skupaj zoper Gospoda, v Korahovi skupini, temveč je umrl v svojem lastnem grehu in ni imel sinov.
نېمە ئۈچۈن ئاتىمىزنىڭ ئوغلى يوقلۇقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ نامى ئۇنىڭ جەمەتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بۆلۈپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز، — دېدى. | 4 |
Zakaj bi bilo ime našega očeta odpravljeno od njegove družine, ker ni imel sina? Dajte nam torej posest med brati našega očeta.«
مۇسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قويدى. | 5 |
Mojzes je njihovo zadevo privedel pred Gospoda.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 6 |
Gospod je spregovoril Mojzesu, rekoč:
زەلوفىھادنىڭ قىزلىرىنىڭ ئېيتقىنى دۇرۇس، سەن چوقۇم ئۇلارغا ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى قاتارىدا مىراس بەر؛ ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ مىراسىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن. | 7 |
»Celofhádove hčere govorijo pravilno. Zagotovo jim boš dal posest dediščine med brati njihovih očetov in povzročil jim boš, da bo dediščina njihovega očeta prešla k njim.
سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇنداقتا سىلەر ئۇنىڭ مىراسىنى قىزىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار. | 8 |
Izraelovim otrokom boš govoril, rekoč: ›Če mož umre in nima sina, potem boste njegovi dediščini povzročili, da preide na njegovo hčer.
قىزى بولمىسا، مىراسىنى قېرىنداشلىرىغا بېرىڭلار. | 9 |
Če pa nima hčere, potem boste njegovo dediščino dali njegovim bratom.
قېرىنداشلىرى بولمىسا، مىراسىنى ئاتا جەمەت تاغىلىرىغا بېرىڭلار. | 10 |
In če nima bratov, potem boste njegovo dediščino dali bratom njegovega očeta.
ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مىراسىنى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ يېقىن بىر تۇغقىنىغا بېرىڭلار؛ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ مىراسىغا ئىگە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللارغا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم، قانۇن-بەلگىلىمە بولۇپ قالسۇن». | 11 |
In če njegov oče nima bratov, potem boste njegovo dediščino dali njegovemu sorodniku, ki je poleg njega, iz njegove družine in ta jo bo vzel v last in to bo Izraelovim otrokom zakon razsodbe, ‹« kakor je Gospod zapovedal Mojzesu.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن ماۋۇ ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قاراپ باق. | 12 |
Gospod je rekel Mojzesu: »Povzpni se gor na to goro Abarím in poglej deželo, ki sem jo dal Izraelovim otrokom.
كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن سەنمۇ ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئۆز خەلقلىرىڭگە قوشۇلىسەن. | 13 |
Ko jo boš videl, boš tudi ti zbran k svojemu ljudstvu, kakor je bil zbran tvoj brat Aron.
چۈنكى زىن چۆلىدە، جامائەت جېدەل چىقارغان چاغدا، ئىككىڭلار مېنىڭ بۇيرۇقىمغا ئاسىيلىق قىلىپ، سۇنىڭ ئىشىدا ‹زىن چۆلىدە، قادەشتىكى «مەرىباھ سۇلىرى» دېگەن جايدا› مېنى جامائەتنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىدىڭلار، — دېدى. | 14 |
Kajti uprla ste se zoper mojo zapoved v Cinski puščavi, v prepiru skupnosti, da me izkažeta svetega pri vodi, pred njihovimi očmi, to je vodi iz Meríbe v Kadešu, v Cinski divjini.«
مۇسا پەرۋەردىگارغا سۆز قىلىپ: | 15 |
Mojzes je spregovoril Gospodu, rekoč:
— ئى پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، ئۆز جامائىتىنىڭ پادىچىسىز پادىدەك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جامائەتنى ئىدارە قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ چىقالايدىغان، ئۇلارنى باشلاپ ماڭالايدىغان بىر ئادەمنى تىكلەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن، — دېدى. | 16 |
»Naj Gospod, Bog duhov vsega mesa, postavi moža nad skupnost,
ki bo lahko odhajal pred njimi in ki bo lahko prihajal pred njimi in ki jih bo lahko vodil ven in ki jih bo lahko privedel noter, da Gospodova skupnost ne bo kakor ovce, ki nimajo pastirja.«
سەن نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئانى تاللىغىن، — دېدى پەرۋەردىگار مۇساغا، — ئۇنىڭدا روھىم بار، سەن قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قوي، | 18 |
Gospod je rekel Mojzesu: »Vzemi si Nunovega sina Józueta, moža, v katerem je duh in svojo roko položi nanj
ئۇنى كاھىن ئەلىئازار ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ ۋەزىپىگە قوي. | 19 |
in ga postavi pred duhovnika Eleazarja in pred vso skupnost in mu daj zadolžitev v njihovih očeh.
سەن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنىڭ گېپىگە كىرىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت-شۆھرىتىڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بەرگىن. | 20 |
Nekaj od svoje časti boš položil nanj, da bo vsa skupnost Izraelovih otrok lahko poslušna.
ئۇ كاھىن ئەلىئازارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن، [ئەلىئازار] ئۇرىمنىڭ ھۆكۈمىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن يول سورىسۇن؛ ئىسرائىل خەلقى، يەنى پۈتكۈل جامائەت ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىقىدۇ، ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كىرىشى كېرەك. | 21 |
Ta bo stal pred duhovnikom Eleazarjem, ki bo pred Gospodom zanj iskal nasvet po razsodbi urima. Na njegovo besedo bodo odhajali ven in na njegovo besedo bodo prihajali noter, tako on kot vsi Izraelovi otroci z njim, celo vsa skupnost.«
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش كۆرۈپ، يەشۇئانى باشلاپ كېلىپ، كاھىن ئەلىئازارنىڭ ۋە بارلىق جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى؛ | 22 |
Mojzes je storil kakor mu je Gospod zapovedal. Vzel je Józueta in ga postavil pred duhovnika Eleazarja in pred vso skupnost
[ئەلىئازار] قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىدەك ۋەزىپىگە قويدى. | 23 |
in svoji roki položil nanj in mu dal zadolžitev, kakor je Gospod zapovedal po Mojzesovi roki.