< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 25 >
ئىسرائىللار شىتتىمدا تۇرغان مەزگىلدە، خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىشقا بېرىلىپ كەتتى. | 1 |
१इस्राएली शित्तीम में रहते थे, और वे लोग मोआबी लड़कियों के संग कुकर्म करने लगे।
ئۇ قىزلار ئىسرائىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا ئاتالغان قۇربانلىقلارغا قاتنىشىشقا چاقىردى؛ [ئىسرائىللارمۇ] قۇربانلىقلاردىن يەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىرلىكتە چوقۇنىدىغان بولدى. | 2 |
२और जब उन स्त्रियों ने उन लोगों को अपने देवताओं के यज्ञों में नेवता दिया, तब वे लोग खाकर उनके देवताओं को दण्डवत् करने लगे।
ئىسرائىللار بائال-پېئور بىلەن ئەنە شۇ تەرىقىدە باغلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاچچىقى قوزغالدى. | 3 |
३इस प्रकार इस्राएली बालपोर देवता को पूजने लगे। तब यहोवा का कोप इस्राएल पर भड़क उठा;
پەرۋەردىگار مۇساغا: — پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ئىسرائىللارغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، خەلقنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى مېنىڭ ئالدىمدا ئاپتاپتا ئېسىپ قويغىن، — دېدى. | 4 |
४और यहोवा ने मूसा से कहा, “प्रजा के सब प्रधानों को पकड़कर यहोवा के लिये धूप में लटका दे, जिससे मेरा भड़का हुआ कोप इस्राएल के ऊपर से दूर हो जाए।”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىلنىڭ سوراقچىلىرىغا: — سىلەر بېرىپ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ بائال-پېئور بىلەن باغلىنىپ كەتكەن ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، — دېدى. | 5 |
५तब मूसा ने इस्राएली न्यायियों से कहा, “तुम्हारे जो-जो आदमी बालपोर के संग मिल गए हैं उन्हें घात करो।”
ۋە مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى بىلەن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا يىغا-زار قىلىپ تۇرۇۋاتقاندا، مانا ئىسرائىللاردىن بىرەيلەن كېلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا مىدىيانىي بىر قىزنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدى. | 6 |
६जब इस्राएलियों की सारी मण्डली मिलापवाले तम्बू के द्वार पर रो रही थी, तो एक इस्राएली पुरुष मूसा और सब लोगों की आँखों के सामने एक मिद्यानी स्त्री को अपने साथ अपने भाइयों के पास ले आया।
كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس بۇنى كۆرۈپ، جامائەت ئىچىدىن قوپتى-دە، قولىغا نەيزە ئېلىپ، | 7 |
७इसे देखकर एलीआजर का पुत्र पीनहास, जो हारून याजक का पोता था, उसने मण्डली में से उठकर हाथ में एक बरछी ली,
ھېلىقى ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن چېدىرنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ، قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ قارنىغا نەيزە تىقىۋەتتى. ئىسرائىللار ئارىسىدا تارقالغان ۋابا ئەنە شۇ چاغدىلا توختىدى. | 8 |
८और उस इस्राएली पुरुष के डेरे में जाने के बाद वह भी भीतर गया, और उस पुरुष और उस स्त्री दोनों के पेट में बरछी बेध दी। इस पर इस्राएलियों में जो मरी फैल गई थी वह थम गई।
شۇ چاغدا ۋابا تېگىپ ئۆلگەنلەر جەمئىي يىگىرمە تۆت مىڭ ئادەمگە يەتكەنىدى. | 9 |
९और मरी से चौबीस हजार मनुष्य मर गए।
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — | 10 |
१०तब यहोवा ने मूसा से कहा,
— «كاھىن ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس مېنى دەپ ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمنى ئۆز ھەسىتى بىلىپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى ياندۇردى. شۇڭا گەرچە مەن ۋاپاسىزلىققا بولغان ھەسىتىمدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ، ئىسرائىللارنى يوقىتىۋەتمىدىم. | 11 |
११“हारून याजक का पोता एलीआजर का पुत्र पीनहास, जिसे इस्राएलियों के बीच मेरी जैसी जलन उठी, उसने मेरी जलजलाहट को उन पर से यहाँ तक दूर किया है, कि मैंने जलकर उनका अन्त नहीं कर डाला।
شۇڭا سەن: — «مانا، مەن ئۇنىڭغا ئۆز ئامان-خاتىرجەملىك ئەھدەمنى تەقدىم قىلىمەن! | 12 |
१२इसलिए तू कह दे, कि मैं उससे शान्ति की वाचा बाँधता हूँ।
بۇ [ئەھدە] ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولىدىغان مەڭگۈلۈك كاھىنلىق ئەھدىسى بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىنى دەپ ۋاپاسىزلىققا ھەسەت قىلىپ، ئىسرائىللار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى» — دەپ جاكارلىغىن». | 13 |
१३“और वह उसके लिये, और उसके बाद उसके वंश के लिये, सदा के याजकपद की वाचा होगी, क्योंकि उसे अपने परमेश्वर के लिये जलन उठी, और उसने इस्राएलियों के लिये प्रायश्चित किया।”
ئۆلتۈرۈلگەن يەنى ھېلىقى مىدىيانىي قىز بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىل ئادەمنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى، شىمېئون قەبىلىسىدىكى بىر جەمەتنىڭ ئەمىرى ئىدى. | 14 |
१४जो इस्राएली पुरुष मिद्यानी स्त्री के संग मारा गया, उसका नाम जिम्री था, वह सालू का पुत्र और शिमोनियों में से अपने पितरों के घराने का प्रधान था।
ئۆلتۈرۈلگەن مىدىيانىي قىزنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، زۇرنىڭ قىزى ئىدى؛ زۇر بولسا مىدىيانىي بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى ئىدى. | 15 |
१५और जो मिद्यानी स्त्री मारी गई उसका नाम कोजबी था, वह सूर की बेटी थी, जो मिद्यानी पितरों के एक घराने के लोगों का प्रधान था।
१६फिर यहोवा ने मूसा से कहा,
سەن مىدىيانىيلارغا ئارام بەرمەي زەربە بەرگىن؛ | 17 |
१७“मिद्यानियों को सता, और उन्हें मार;
چۈنكى ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرگە ئارام بەرمىگەن؛ پېئوردىكى ئىشتا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سىڭلىسى بولغان مىدىياننىڭ بىر ئەمىرىنىڭ قىزى كوزبىنىڭ ئىشىدىمۇ ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ سىلەرنى ئازدۇرغان، — دېدى. كوزبى ۋابا تارقالغان كۈنىدە پېئوردىكى ئىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى. | 18 |
१८क्योंकि पोर के विषय और कोजबी के विषय वे तुम को छल करके सताते हैं।” कोजबी तो एक मिद्यानी प्रधान की बेटी और मिद्यानियों की जाति बहन थी, और मरी के दिन में पोर के मामले में मारी गई।