< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 21 >
جەنۇبتا تۇرۇشلۇق ئاراد مەملىكىتىنىڭ قانائانىيلاردىن بولغان پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىم يولى بىلەن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، چىقىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ، نەچچەيلەننى تۇتقۇن قىلىپ كەتتى. | 1 |
The Canaanite king of Arad who lived in the Negev learned that the Israelites were approaching on the road to Atharim. He went and attacked Israel and took some of them prisoners.
ئاندىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا پۈتۈنلەي تاپشۇرىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلايمىز» — دېدى. | 2 |
So Israel made a solemn promise to the Lord: “If you hand these people over to us, we pledge to completely destroy their towns.”
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، قانائانلىيلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قانائانىيلارنى ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئۇلار شۇ يەرنى «خورماھ» دەپ ئاتىدى. | 3 |
The Lord responded to their appeal and handed over the Canaanites to them. The Israelites completely destroyed them and their towns, and named the place Hormah.
ئۇلار ھور تېغىدىن يولغا چىقىپ، ئېدوم زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، قىزىل دېڭىز بويىدىكى يولنى بويلاپ ماڭدى؛ خەلق مۇشۇ يول سەۋەبىدىن كۆڭلىدە تولىمۇ تاقەتسىز بولۇپ، | 4 |
The Israelites left Mount Hor by the road leading to the Red Sea so they could avoid traveling through the country of Edom. But the people became bad-tempered on the way
خۇداغا ۋە مۇساغا قارشى چىقىپ: — سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى چۆل-جەزىرىدە ئۆلسۇن دەپ مىسىر زېمىنىدىن باشلاپ چىققانسىلەر؟ بۇ يەردە يا ئاشلىق، يا سۇ يوق، كۆڭلىمىز بۇ ئەرزىمەس نانلاردىن بىزار بولدى، دېيىشتى. | 5 |
and made complaints against God and against Moses, saying, “Why did you lead us out of Egypt to die in the desert? We don't have bread or water, and we hate this awful food!”
شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى؛ يىلانلار ئۇلارنى چاقتى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللاردىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. | 6 |
So the Lord sent poisonous snakes to attack them, and many Israelites were bitten and died.
خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: — بىز ئاغزىمىزنى بۇزۇپ، پەرۋەردىگارغا ھەم ساڭا ھۇجۇم قىلىپ، يامان گەپ قىلىپ گۇناھ قىلدۇق؛ پەرۋەردىگارغا تىلاۋەت قىلساڭ، ئۇ بۇ يىلانلارنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتكەي، — دېۋىدى، مۇسا خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلدى. | 7 |
The people went to see Moses and told him, “We were wrong to make complaints against the Lord and against you. Please pray to the Lord to get rid of the snakes from us.” Moses prayed to the Lord on their behalf.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — سەن بىر زەھەرلىك يىلاننىڭ شەكلىنى ياساپ خادىغا ئېسىپ قويغىن؛ يىلان چېقىۋالغان ھەربىرى ئۇنىڭغا قارىسىلا قايتا ھاياتقا ئېرىشىدۇ، — دېدى. | 8 |
The Lord told Moses, “Make a model of a snake and put it on a pole. When anyone who has been bitten looks at it, they will live.”
مۇسا مىستىن بىر يىلان ياسىتىپ خادىغا ئېسىپ قويدى؛ ۋە شۇنداق بولدىكى، يىلان بىركىمنى چېقىۋالغان بولسا، ئۇ بۇ مىس يىلانغا قارىسىلا، ئۇلار ھايات قالدى. | 9 |
Moses made a snake out of bronze and put it on a pole. Those who looked at it did live.
ئىسرائىللار يەنە يولغا چىقىپ ئوبوتقا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 10 |
The Israelites left and camped at Oboth.
يەنە ئوبوتتىن يولغا چىقىپ، موئاب زېمىنىنىڭ ئۇدۇلىدا كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئىيە-ئىبارىمغا كېلىپ چېدىر تىكتى. | 11 |
Then they moved on from Oboth and camped at Iye-abarim in the desert on the east side of Moab.
ئۇلار يەنە ئۇ يەردىن يولغا چىقىپ زەرەد جىلغىسىدا چېدىر تىكتى. | 12 |
They left there and camped in the Valley of Zered.
يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ ئامورىيلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېتىدىن چىقىپ چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ، ئېقىپ تۇرغان ئارنون دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا چېدىر تىكتى ‹چۈنكى ئارنون دەرياسى موئابىيلارنىڭ چېگرىسى بولۇپ، موئابىيلار بىلەن ئامورىيلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. | 13 |
Then they moved on from there and camped on the far side of the Arnon River, in the desert near Amorite territory. The Arnon River is the border between the Moab and the Amorites.
شۇڭا «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى» دېگەن كىتابتا: — «سۇفاھدىكى ۋاھەب ۋە دەريا-ۋادىلىرى، ئارنون دەرياسى ۋە جىلغىلىرىنىڭ يانباغىرلىرى، ئارنىڭ تۇرالغۇسىغىچە يېتىپ، موئابنىڭ چېگرىسىغا چۈشىدۇ» دەپ پۈتۈلگەنىدى›. | 14 |
That's why the Book of the Wars of the Lord refers to “the town of Waheb in Suphah and the canyon of the Arnon,
the canyon slopes that reach the village of Ar that lies on the border with Moab.”
[ئىسرائىللار] يەنە ئۇ يەردىن مېڭىپ بەئەرگە كەلدى؛ «[بەئەر]» قۇدۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئىلگىرى پەرۋەردىگار مۇساغا: «سەن خەلقنى يىغ، مەن ئۇلارغا ئىچىدىغان سۇ بېرەي» دېگەندە شۇ قۇدۇقنى كۆزدە تۇتقان. | 16 |
From there they moved on to Beer, the well where the Lord told Moses, “Have the people gather together so I can give them water.”
شۇ چاغدا ئىسرائىللار مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىشقان: — «ئاھ قۇدۇق، چىقسۇن سۈيۈڭ بۇلدۇقلاپ، ناخشا ئېيتىڭلار، قۇدۇققا بېغىشلاپ: | 17 |
Then the Israelites sang this song: “Pour out water, well! Everyone of you sing to it!
بۇ قۇدۇقنى ئەمىرلەر، خەلقنىڭ كاتتىلىرى قازغان، قانۇن چىقارغۇچىنىڭ سۆزى بىلەن، ھاسىلىرى بىلەن قازغان». ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندىن يەنە ماتتاناھقا، | 18 |
The tribal chiefs dug the well; yes the leaders of the people dug the well with their rods of authority and their walking sticks.” The Israelites left the desert and carried on to Mattanah.
ماتتاناھتىن ناھالىيەلگە، ناھالىيەلدىن باموتقا، | 19 |
From Mattanah they traveled to Nahaliel, from Nahaliel to Bamoth,
باموتتىن موئاب دالاسىدىكى جىلغىغا، يەنە چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراپ تۇرغان پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا يېتىپ باردى. | 20 |
and from Bamoth to the valley in the territory of Moab where the top of Mount Pisgah looks down on the wastelands.
ئىسرائىللار ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ ئالدىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: | 21 |
Then Israel sent messengers to Sihon, king of the Amorites, with the following request:
— بىزنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزگە ئىجازەت بەرگەيلا؛ بىز سىلىنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىغا كىرمەيمىز، قۇدۇقلىرىدىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ تەۋەلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە «خان يولى»دىن چىقمايمىز، — دېدى. | 22 |
“Please allow us to travel through your country. We won't cross any of your fields or vineyards, or drink water from any of your wells. We will stay on the King's Highway until we have passed through your country.”
سىھون ئىسرائىللارنى ئۆز چېگرىسىدىن ئۆتكىلى قويمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇ ئىسرائىللار بىلەن سوقۇشىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بارلىق خەلقىنى يىغىپ چۆلگە قاراپ ئاتلاندى. ئۇ ياھازغا كېلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلدى. | 23 |
But Sihon refused to allow the Israelites to travel through his territory. Instead, he called out his whole army and went out to meet the Israelites head-on in the desert. When he arrived at Jahaz, he attacked the Israelites.
ئىسرائىللار ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ئارنون دەرياسىدىن ياببوك دەرياسىغىچە، يەنى ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسىغىچە ئىگىلىدى؛ ئاممونىيلارنىڭ چېگرىسى بولسا بەك مۇستەھكەم ئىدى. | 24 |
The Israelites defeated them, killing them with their swords. They took over his land from the Arnon River to the Jabbok River —but only as far as the border of the Ammonites, because it was well defended.
ئىسرائىللار بۇ يەردىكى ھەممە شەھەرنى ئىگىلىدى ھەم ئامورىيلارنىڭ شەھەرلىرىگە، يەنى ھەشبونغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق يېزا-قىشلاقلارغىمۇ كىرىپ ئورۇنلاشتى. | 25 |
The Israelites conquered all the Amorite towns and took them over, including Heshbon and its surrounding villages.
چۈنكى ھەشبون ئەسلىدە ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ئىدى؛ سىھون ئەسلىدە موئابنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھى بىلەن سوقۇشقان، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان ھەممە زېمىنىنى تارتىۋالغانىدى. | 26 |
Heshbon was the capital of Sihon, king of the Amorites, who had fought against the previous king of Moab and had taken from him all his land as far as the Arnon River.
شۇ سەۋەبتىن شائىرلار: — «ھەشبونغا كېلىڭلار! مانا سىھوننىڭ شەھىرى يېڭىۋاشتىن قۇرۇلسۇن، سىھوننىڭ شەھىرى مەھكەم قىلىنسۇن. | 27 |
That's why the old songwriters wrote: “Come to Heshbon and have it be rebuilt; restore the town of Sihon!
چۈنكى ھەشبوننىڭ ئۆزىدىن چىقتى بىر ئوت، سىھوننىڭ شەھىرىدىن بىر يالقۇن يالقۇنلاپ، يۇتۇۋەتتى موئابتىكى ئار شەھىرىنى، ئارنوندىكى ئېگىز جايلارنىڭ ئەمىرلىرىنى. | 28 |
For a fire blazed out from Heshbon, a flame from the town of Sihon. It burned up Ar in Moab where the rulers live on the high places of Arnon.
ۋاي ساڭا ئەي موئاب! ھەي كېموشنىڭ ئۈممىتى، تۈگەشتىڭلار! چۈنكى [كېموش] ئۆز ئوغۇللىرىنى قاچقۇنغا ئايلاندۇردى، قىزلىرىنى ئەسىرلىككە بېرىپ، ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھونغا تۇتۇپ بەردى! | 29 |
What a disaster you face, Moab! You are all going to die, people of Chemosh! You handed over your sons as exiles and your daughters as prisoners to Sihon, king of the Amorites.
بىز ئۇلارنى يىقىتىۋەتتۇق، ھەشبون تاكى دىبونغىچە ھالاك بولدى؛ بىز ھەتتا نوفاھقىچە ‹نوفاھتىن مەدەباغا يېتىدۇ› ئۇلارنىڭ يۇرتىنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق!» — دەپ شېئىر يېزىشقانىدى. | 30 |
But now we have defeated the Amorites! Heshbon's rule has been destroyed all the way to Dibon. We wiped them out all the way to Nophah and on to Medeba.”
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئەنە شۇ تەرىقىدە ئامورىيلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتى. | 31 |
The Israelites occupied the country of the Amorites.
مۇسا يائازەرنى چارلاپ كېلىشكە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى؛ ئاندىن ئىسرائىللار يائازەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئامورىيلارنى يېرىدىن قوغلىۋەتتى. | 32 |
Moses sent men to explore Jazer. The Israelites conquered its surrounding villages and expelled the Amorites living there.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ، باشاننىڭ يولىنى بويلاپ ماڭدى؛ باشاننىڭ پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق خەلقى چىقىپ ئەدرەيدە ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا سەپ تۈزدى. | 33 |
Then they continued on the road towards Bashan. Og, king of Bashan, led his whole army out to meet them head on, and fought them at Edrei.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — قورقما، مەن ئۇنى، ئۇنىڭ بارلىق خەلقى ھەم زېمىنىنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن؛ سەن ئۇنى ئىلگىرى ھەشبوندا تۇرۇشلۇق ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى قىلغاندەك قىلىسەن، — دېدى. | 34 |
The Lord told Moses, “You don't need to be afraid of him, because I have handed him over to you, along with all his people and his land. Do to him what you did to Sihon, king of the Amorites, who ruled from Heshbon.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگ بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ھەم بارلىق خەلقىنىڭ بىرىنى قويماي قىرىپ تاشلىدى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. | 35 |
So they killed Og, his sons, and all his army. Nobody survived, and the Israelites took over his country.