بىرىنچى ئاينىڭ ئىچىدە ئىسرائىللار، يەنى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى زىن چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، قادەشتە تۇرۇپ قالدى؛ مەريەم شۇ يەردە ۋاپات بولدى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. | 1 |
ויבאו בני ישראל כל העדה מדבר צן בחדש הראשון וישב העם בקדש ותמת שם מרים ותקבר שם׃ |
جامائەتكە ئىچىدىغانغا سۇ يوق ئىدى، ئۇلار يىغىلىپ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى تۇردى. | 2 |
ולא היה מים לעדה ויקהלו על משה ועל אהרן׃ |
خەلق مۇسا بىلەن تەگىشىپ: —قېرىنداشلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆلگەن چاغدا بىزمۇ بىللە ئۆلسەك بوپتىكەن! | 3 |
וירב העם עם משה ויאמרו לאמר ולו גוענו בגוע אחינו לפני יהוה׃ |
سىلەر نېمە ئۈچۈن بىز ۋە چارپايلىرىمىزنى بۇ يەردە ئۆلۈپ كەتسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىنى بۇ چۆل-جەزىرىگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ | 4 |
ולמה הבאתם את קהל יהוה אל המדבר הזה למות שם אנחנו ובעירנו׃ |
سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ بۇنداق دەھشەتلىك يەرگە ئەكەلدىڭلار؟ بۇ يەردە يا تېرىقچىلىق قىلغىلى يەر بولمىسا، يا ئەنجۈر، ئۈزۈم، ئانار بولمىسا، ئىچىدىغانغا سۇمۇ بولمىسا، — دېيىشتى. | 5 |
ולמה העליתנו ממצרים להביא אתנו אל המקום הרע הזה לא מקום זרע ותאנה וגפן ורמון ומים אין לשתות׃ |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ دۈم يىقىلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئۇ ئىككىسىگە ئايان بولدى. | 6 |
ויבא משה ואהרן מפני הקהל אל פתח אהל מועד ויפלו על פניהם וירא כבוד יהוה אליהם׃ |
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 7 |
וידבר יהוה אל משה לאמר׃ |
ھاسىنى قولۇڭغا ئال، ئاندىن سەن ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا قورام تاشقا بۇيرۇق قىل؛ شۇنداق قىلساڭ قورام تاش ئۆز سۈيىنى چىقىرىدۇ؛ شۇ يول بىلەن سەن ئۇلارغا سۇ چىقىرىپ، جامائەت ۋە چارپايلىرى ئىچىدىغانغا سۇ بېرىسەن. | 8 |
קח את המטה והקהל את העדה אתה ואהרן אחיך ודברתם אל הסלע לעיניהם ונתן מימיו והוצאת להם מים מן הסלע והשקית את העדה ואת בעירם׃ |
شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھاسىنى ئالدى. | 9 |
ויקח משה את המטה מלפני יהוה כאשר צוהו׃ |
مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىسى جامائەتنى قورام تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى ۋە مۇسا ئۇلارغا: — گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئاسىيلار! بىز سىلەرگە بۇ قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرەيلىمۇ؟! — دېدى. | 10 |
ויקהלו משה ואהרן את הקהל אל פני הסלע ויאמר להם שמעו נא המרים המן הסלע הזה נוציא לכם מים׃ |
ئاندىن مۇسا ھاسىسى بىلەن قورام تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، ناھايىتى كۆپ سۇ ئېقىپ چىقتى، سۇدىن جامائەتمۇ، چارپايلارمۇ ئىچىشتى. | 11 |
וירם משה את ידו ויך את הסלע במטהו פעמים ויצאו מים רבים ותשת העדה ובעירם׃ |
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: — سىلەر ماڭا ئىشەنمەي، ئىسرائىللار ئالدىدا مېنى مۇقەددەس دەپ ھۆرمەتلىمىگىنىڭلار ئۈچۈن، ئىككىڭلارنىڭ بۇ جامائەتنى مەن ئۇلارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا باشلاپ كىرىشىڭلارغا يول قويمايمەن، — دېدى. | 12 |
ויאמר יהוה אל משה ואל אהרן יען לא האמנתם בי להקדישני לעיני בני ישראל לכן לא תביאו את הקהל הזה אל הארץ אשר נתתי להם׃ |
سۇ چىقىرىلغان جاي «مەرىباھ سۇلىرى» دەپ ئاتالغان؛ ئىسرائىللار شۇ يەردە پەرۋەردىگار بىلەن تاكاللاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. | 13 |
המה מי מריבה אשר רבו בני ישראל את יהוה ויקדש בם׃ |
مۇسا قادەشتىن ئېدوم پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «قېرىنداشلىرى ئىسرائىل مۇنداق دەيدۇ: — بىز تارتىۋاتقان جەبر-جاپالارنىڭ قانداقلىقى ئۆزلىرىگە مەلۇم، | 14 |
וישלח משה מלאכים מקדש אל מלך אדום כה אמר אחיך ישראל אתה ידעת את כל התלאה אשר מצאתנו׃ |
بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا چۈشكەن بولۇپ، بىز مىسىردا ئۇزاق زامان تۇرۇپ كەتتۇق؛ مىسىرلىقلار بىزگىمۇ، بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يامان مۇئامىلە قىلدى؛ | 15 |
וירדו אבתינו מצרימה ונשב במצרים ימים רבים וירעו לנו מצרים ולאבתינו׃ |
بىز پەرۋەردىگارغا يېلىنىۋېدۇق، ئۇ بىزنىڭ زارىمىزغا قۇلاق سېلىپ، پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر مانا، بىز ئۆزلىرىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان قادەش دېگەن بىر شەھەردە تۇرۇۋاتىمىز. | 16 |
ונצעק אל יהוה וישמע קלנו וישלח מלאך ויצאנו ממצרים והנה אנחנו בקדש עיר קצה גבולך׃ |
ئەمدى بىزنىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلغان بولسىلا، بىز ئېتىز-ئېرىق ۋە ئۈزۈمزارلىقلاردىن ئۆتمەيمىز، قۇدۇقلىرىڭلادىن سۇمۇ ئىچمەيمىز؛ «خان يولى» بىلەن مېڭىپ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ئوڭ-سولغا بۇرۇلمايمىز» — دېدى. | 17 |
נעברה נא בארצך לא נעבר בשדה ובכרם ולא נשתה מי באר דרך המלך נלך לא נטה ימין ושמאול עד אשר נעבר גבולך׃ |
لېكىن ئېدوملار ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ بىزنىڭ زېمىنىمىزدىن ئۆتۈشۈڭلەرگە بولمايدۇ، ئۆتىمەن دېسەڭلار قىلىچ كۆتۈرۈپ سىلەرگە جەڭگە چىقىمىز» — دېدى. | 18 |
ויאמר אליו אדום לא תעבר בי פן בחרב אצא לקראתך׃ |
ئىسرائىللار ئۇنىڭغا: «بىز «كۆتۈرۈلگەن يول» بىلەن ماڭىمىز، ئۆزىمىز ۋە ماللىرىمىز سۈيۈڭلارنى ئىچسەك، نەرخى بويىچە ھەققىنى بېرىمىز؛ بىز پەقەت پىيادە ئۆتۈپ كېتىمىز، باشقا ھېچ تەلىپىمىز يوق» دېۋىدى، | 19 |
ויאמרו אליו בני ישראל במסלה נעלה ואם מימיך נשתה אני ומקני ונתתי מכרם רק אין דבר ברגלי אעברה׃ |
ئېدوم پادىشاھى: «ياق. ئۆتمەيسىلەر!» دېدى. ئېدوم [پادىشاھى] ناھايىتى كۆپ ئادىمىنى باشلاپ چىقىپ ئىسرائىللارغا زور ھەيۋە كۆرسەتتى. | 20 |
ויאמר לא תעבר ויצא אדום לקראתו בעם כבד וביד חזקה׃ |
شۇنداق قىلىپ ئېدوملار ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈشىگە ئەنە شۇ يوسۇندا يول قويمىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئېدوملارنىڭ ئالدىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى. | 21 |
וימאן אדום נתן את ישראל עבר בגבלו ויט ישראל מעליו׃ |
ئۇلار قادەشتىن يولغا چىقتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ھور تېغىغا كەلدى. | 22 |
ויסעו מקדש ויבאו בני ישראל כל העדה הר ההר׃ |
پەرۋەردىگار ئېدومنىڭ چېگرىسىدىكى ھور تېغىدا مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 23 |
ויאמר יהוה אל משה ואל אהרן בהר ההר על גבול ארץ אדום לאמר׃ |
ھارۇن ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئىككىڭلار مەرىباھ سۇلىرى دېگەن جايدا مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەن ئىسرائىللارغا تەقدىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا كىرىشىگە بولمايدۇ. | 24 |
יאסף אהרן אל עמיו כי לא יבא אל הארץ אשר נתתי לבני ישראל על אשר מריתם את פי למי מריבה׃ |
سەن ھارۇن بىلەن ئوغلى ئەلىئازارنى ئېلىپ ھور تېغىغا چىققىن؛ | 25 |
קח את אהרן ואת אלעזר בנו והעל אתם הר ההר׃ |
ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قوي؛ ھارۇن شۇ يەردە ئۆلۈپ، ئۆز خەلقلىرىگە قوشۇلىدۇ. | 26 |
והפשט את אהרן את בגדיו והלבשתם את אלעזר בנו ואהרן יאסף ומת שם׃ |
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى، ئۈچەيلەن پۈتكۈل جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى. | 27 |
ויעש משה כאשר צוה יהוה ויעלו אל הר ההר לעיני כל העדה׃ |
مۇسا ھارۇننىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا كىيدۈرۈپ قويدى؛ ھارۇن تاغنىڭ چوققىسىدا ئۆلدى. ئاندىن مۇسا بىلەن ئەلىئازار تاغدىن چۈشۈپ كەلدى. | 28 |
ויפשט משה את אהרן את בגדיו וילבש אתם את אלעזר בנו וימת אהרן שם בראש ההר וירד משה ואלעזר מן ההר׃ |
پۈتكۈل جامائەت ھارۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتى ھارۇن ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ماتەم تۇتتى. | 29 |
ויראו כל העדה כי גוע אהרן ויבכו את אהרן שלשים יום כל בית ישראל׃ |