< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 2 >

پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — 1
Pǝrwǝrdigar Musa bilǝn Ⱨarunƣa mundaⱪ dedi: —
ئىسرائ‍ىللار ھەربىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغى ئاستىغا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ بايرىقى ئاستىدا چېدىر تىكسۇن؛ جامائەت چېدىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن سەل يىراقراق بارگاھ قۇرسۇن. 2
Israillar ⱨǝrbiri ɵzlirining tuƣi astiƣa, ɵzlirining ata jǝmǝtining bayriⱪi astida qedir tiksun; jamaǝt qedirining tɵt ǝtrapidin sǝl yiraⱪraⱪ bargaⱨ ⱪursun.
كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرق تەرەپكە قارىتىپ ئۆز تۇغى ئاستىدا قوشۇن-قىسمى بويىچە بارگاھ قۇرىدىغىنى يەھۇدابولسۇن؛ يەھۇدالارنىڭ ئەمىرى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناھشون بولسۇن. 3
Kün qiⱪix tǝrǝpkǝ, xǝrⱪ tǝrǝpkǝ ⱪaritip ɵz tuƣi astida ⱪoxun-ⱪismi boyiqǝ bargaⱨ ⱪuridiƣini Yǝⱨuda bolsun; Yǝⱨudalarning ǝmiri Amminadabning oƣli Naⱨxon bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي يەتمىش تۆت مىڭ ئالتە يۈز كىشى. 4
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy yǝtmix tɵt ming altǝ yüz kixi.
ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئىسساكار قەبىلىسى بولسۇن؛ ئىسساكارلارنىڭ ئەمىرى زۇئارنىڭ ئوغلى نەتانەل بولسۇن. 5
Uning yenida bargaⱨ ⱪuridiƣini Issakar ⱪǝbilisi bolsun; Issakarlarning ǝmiri Zuarning oƣli Nǝtanǝl bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك تۆت مىڭ تۆت يۈز كىشى. 6
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ǝllik tɵt ming tɵt yüz kixi.
ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولسۇن؛ زەبۇلۇنلارنىڭ ئەمىرى ھېلوننىڭ ئوغلى ئېلىئاب بولسۇن. 7
Ularning yenida yǝnǝ Zǝbulun ⱪǝbilisi bolsun; Zǝbulunlarning ǝmiri Ⱨelonning oƣli Eliab bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك يەتتە مىڭ تۆت يۈز كىشى. 8
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ǝllik yǝttǝ ming tɵt yüz kixi.
ئومۇمەن يەھۇدا بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئالتە مىڭ تۆت يۈز كىشى؛ ئۇلار ئالدى بىلەن يولغا چىقسۇن. 9
Omumǝn Yǝⱨuda bargaⱨiƣa ⱪaraydiƣanlarning ⱨǝmmisi, yǝni ⱪoxun-ⱪisimliri boyiqǝ sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy bir yüz sǝksǝn altǝ ming tɵt yüz kixi; ular aldi bilǝn yolƣa qiⱪsun.
— جەنۇب تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى رۇبەن قەبىلىسى بولسۇن؛ رۇبەنلارنىڭ ئەمىرى شىدۆرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر بولسۇن. 10
— Jǝnub tǝrǝptǝ, tuƣ tiklǝp, ⱪoxun tǝrtipi bilǝn bargaⱨ ⱪuridiƣini Rubǝn ⱪǝbilisi bolsun; Rubǝnlarning ǝmiri Xidɵrning oƣli Əlizur bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق ئالتە مىڭ بەش يۈز كىشى. 11
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ⱪiriⱪ altǝ ming bǝx yüz kixi.
ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى شىمېئون قەبىلىسى بولسۇن؛ شىمېئونلارنىڭ ئەمىرى زۇرى-شادداينىڭ ئوغلى شېلۇمىيەل بولسۇن. 12
Uning yenida bargaⱨ ⱪuridiƣini Ximeon ⱪǝbilisi bolsun; Ximeonlarning ǝmiri Zuri-xaddayning oƣli Xelumiyǝl bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك توققۇز مىڭ ئۈچ يۈز كىشى. 13
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ǝllik toⱪⱪuz ming üq yüz kixi.
ئۇلارنىڭ يېنىدا گاد قەبىلىسى بولسۇن؛ گادلارنىڭ ئەمىرى دېئۇئەلنىڭ ئوغلى ئەلىئاساف بولسۇن. 14
Ularning yenida Gad ⱪǝbilisi bolsun; Gadlarning ǝmiri Deuǝlning oƣli Əliasaf bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بەش مىڭ ئالتە يۈز ئەللىك كىشى. 15
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ⱪiriⱪ bǝx ming altǝ yüz ǝllik kixi.
رۇبەن بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇنى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك بىر مىڭ تۆت يۈز ئەللىك كىشى؛ ئۇلار ئىككىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن. 16
Rubǝn bargaⱨiƣa ⱪaraydiƣanlarning ⱨǝmmisi, yǝni ⱪoxuni boyiqǝ sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy bir yüz ǝllik bir ming tɵt yüz ǝllik kixi; ular ikkinqi sǝp bolup yolƣa qiⱪsun.
ئاندىن جامائەت چېدىرى بىلەن لاۋىيلارنىڭ بارگاھى باشقا بارگاھلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭسۇن؛ ئۇلار قانداق بارگاھ قۇرغان بولسا، شۇنداق يولغا چىقسۇن؛ ھەر قايسىسى ئۆز ئورنىدا ئۆز تۇغى ئاستىدا بولسۇن. 17
Andin jamaǝt qediri bilǝn Lawiylarning bargaⱨi baxⱪa bargaⱨlarning otturisida mangsun; ular ⱪandaⱪ bargaⱨ ⱪurƣan bolsa, xundaⱪ yolƣa qiⱪsun; ⱨǝr ⱪaysisi ɵz ornida ɵz tuƣi astida bolsun.
— كۈن پېتىش تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى ئەفرائىم قەبىلىسى بولسۇن؛ ئەفرائىملارنىڭ ئەمىرى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما بولسۇن. 18
— Kün petix tǝrǝptǝ, tuƣ tiklǝp, ⱪoxun tǝrtipi bilǝn bargaⱨ ⱪuridiƣini Əfraim ⱪǝbilisi bolsun; Əfraimlarning ǝmiri Ammiⱨudning oƣli Əlixama bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق مىڭ بەش يۈز كىشى. 19
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ⱪiriⱪ ming bǝx yüz kixi.
ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ماناسسەھ قەبىلىسى بولسۇن؛ ماناسسەھلەرنىڭ ئەمىرى پىداھزۇرنىڭ ئوغلى گامالىيەل بولسۇن. 20
Uning yenida bargaⱨ ⱪuridiƣini Manassǝⱨ ⱪǝbilisi bolsun; Manassǝⱨlǝrning ǝmiri Pidaⱨzurning oƣli Gamaliyǝl bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز ئىككى مىڭ ئىككى يۈز كىشى. 21
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ottuz ikki ming ikki yüz kixi.
ئۇلارنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسى بولسۇن؛ بىنيامىنلارنىڭ ئەمىرى گىدېئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بولسۇن. 22
Ularning yenida Binyamin ⱪǝbilisi bolsun; Binyaminlarning ǝmiri Gideonining oƣli Abidan bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئوتتۇز بەش مىڭ تۆت يۈز كىشى. 23
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ottuz bǝx ming tɵt yüz kixi.
ئومۇمەن ئەفرائىم بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز سەككىز مىڭ بىر يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۈچىنچى سەپ بولۇپ يولغا چىقسۇن. 24
Omumǝn Əfraim bargaⱨiƣa ⱪaraydiƣanlarning ⱨǝmmisi, yǝni ⱪoxun ⱪisimliri boyiqǝ sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy bir yüz sǝkkiz ming bir yüz kixi; ular üqinqi sǝp bolup yolƣa qiⱪsun.
— شىمال تەرەپتە، تۇغ تىكلەپ، قوشۇن تەرتىپى بىلەن بارگاھ قۇرىدىغىنى دان قەبىلىسى بولسۇن. دانلارنىڭ ئەمىرى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاھىئەزەر بولسۇن. 25
— Ximal tǝrǝptǝ, tuƣ tiklǝp, ⱪoxun tǝrtipi bilǝn bargaⱨ ⱪuridiƣini Dan ⱪǝbilisi bolsun. Danlarning ǝmiri Ammixaddayning oƣli Aⱨiǝzǝr bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئىككى مىڭ يەتتە يۈز كىشى. 26
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy atmix ikki ming yǝttǝ yüz kixi.
ئۇنىڭ يېنىدا بارگاھ قۇرىدىغىنى ئاشىر قەبىلىسى بولسۇن؛ ئاشىرلارنىڭ ئەمىرى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىيەل بولسۇن. 27
Uning yenida bargaⱨ ⱪuridiƣini Axir ⱪǝbilisi bolsun; Axirlarning ǝmiri Okranning oƣli Pagiyǝl bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي قىرىق بىر مىڭ بەش يۈز كىشى. 28
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ⱪiriⱪ bir ming bǝx yüz kixi.
ئۇلارنىڭ يېنىدا نافتالى قەبىلىسى بولسۇن؛ نافتالىلارنىڭ ئەمىرى ئېناننىڭ ئوغلى ئاھىرا بولسۇن. 29
Ularning yenida Naftali ⱪǝbilisi bolsun; Naftalilarning ǝmiri Enanning oƣli aⱨira bolsun.
ئۇنىڭ قوشۇنى، يەنى ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئەللىك ئۈچ مىڭ تۆت يۈز كىشى. 30
Uning ⱪoxuni, yǝni sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy ǝllik üq ming tɵt yüz kixi.
دان بارگاھىغا قارايدىغانلارنىڭ ھەممىسى، يەنى قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي بىر يۈز ئەللىك يەتتە مىڭ ئالتە يۈز كىشى؛ ئۇلار ئۆز تۇغلىرى ئاستىدا ھەممىنىڭ كەينىدە يولغا چىقسۇن. 31
Dan bargaⱨiƣa ⱪaraydiƣanlarning ⱨǝmmisi, yǝni ⱪoxun-ⱪisimliri boyiqǝ sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy bir yüz ǝllik yǝttǝ ming altǝ yüz kixi; ular ɵz tuƣliri astida ⱨǝmmining kǝynidǝ yolƣa qiⱪsun.
يۇقىرىدىكىلەر ئۆز ئاتا جەمەتى بويىچە ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىسرائ‍ىللاردۇر؛ قوشۇن-قىسىملىرى بويىچە بارگاھلاردا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەر جەمئىي ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى بولدى. 32
Yuⱪiridikilǝr ɵz ata jǝmǝti boyiqǝ sanaⱪtin ɵtküzülgǝn Israillardur; ⱪoxun-ⱪisimliri boyiqǝ bargaⱨlarda sanaⱪtin ɵtküzülgǝnlǝr jǝmiy altǝ yüz üq ming bǝx yüz ǝllik kixi boldi.
بىراق لاۋىيلارلا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە، ئىسرائ‍ىللار قاتارىدا ساناقتىن ئۆتكۈزۈلمىدى. 33
Biraⱪ Lawiylarla, Pǝrwǝrdigarning Musaƣa ⱪilƣan ǝmri boyiqǝ, Israillar ⱪatarida sanaⱪtin ɵtküzülmidi.
ئىسرائ‍ىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان بارلىق ئەمرى بويىچە ئىش تۇتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇغى بويىچە بارگاھ قۇراتتى؛ ئۇلار ئۆز قەبىلىسى ۋە ئاتا جەمەتى تەرتىپى بويىچە يولغا چىقاتتى. 34
Israillar Pǝrwǝrdigarning Musaƣa ⱪilƣan barliⱪ ǝmri boyiqǝ ix tutup, ɵzlirining tuƣi boyiqǝ bargaⱨ ⱪuratti; ular ɵz ⱪǝbilisi wǝ ata jǝmǝti tǝrtipi boyiqǝ yolƣa qiⱪatti.

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 2 >