< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 19 >
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
Perwerdigar Musa bilen Harun’gha söz qilip mundaq dédi: —
مەن پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان قانۇن-بەلگىلىمە شۇكى: — سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار بېجىرىم، نۇقسانسىز، بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان قىزىل ياش سىيىردىن بىرنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەكەلسۇن. | 2 |
Men Perwerdigar emr qilghan qanun-belgilime shuki: — Sen Israillargha buyrughin, ular béjirim, nuqsansiz, boyunturuq sélinmighan qizil yash siyirdin birni séning yéninggha ekelsun.
سەن سىيىرنى كاھىن ئەلىئازارغا تاپشۇر، ئۇ ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئەپچىقسۇن، ئاندىن بىرسى سىيىرنى ئۇنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. | 3 |
Sen siyirni kahin Eliazargha tapshur, u uni chédirgahning sirtigha epchiqsun, andin birsi siyirni uning aldida boghuzlisun.
كاھىن ئەلىئازار بارمىقىنى قانغا مىلەپ، جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا قارىتىپ يەتتە مەرتەم چاچسۇن. | 4 |
Kahin Eliazar barmiqini qan’gha milep, jamaet chédirining aldigha qaritip yette mertem chachsun.
ئاندىن بىرسى ئەلىئازارنىڭ كۆز ئالدىدا پۈتكۈل سىيىرنى كۆيدۈرسۇن، يەنى ئۇنىڭ تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە تېزەكلىرىنى كۆيدۈرسۇن. | 5 |
Andin birsi Eliazarning köz aldida pütkül siyirni köydürsun, yeni uning térisi, göshi, qéni we tézeklirini köydürsun.
كاھىن كېدىر ياغىچى، زوفا ئۆسۈملۈكى ۋە قىزىل رەختنى سىيىر كۆيدۈرۈلىدىغان ئوتقا تاشلىسۇن. | 6 |
Kahin kédir yaghichi, zofa ösümlüki we qizil rextni siyir köydürülidighan otqa tashlisun.
ئاندىن كاھىن ئۆز كىيىمىنى يۇسۇن ۋە بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن كېيىن بارگاھقا كىرىشكە بولىدۇ؛ لېكىن كاھىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 7 |
Andin kahin öz kiyimini yusun we bedinini suda yusun, andin kéyin bargahqa kirishke bolidu; lékin kahin kech kirgüche napak sanalsun.
سىيىرنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئاندىن ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 8 |
Siyirni köydürgen kishimu kiyimlirini su bilen yuyup, öz bedinini suda yusun, andin u kech kirgüche napak sanalsun.
پاك بىر ئادەم سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىپ بارگاھنىڭ سىرتىدىكى پاك بىر يەرگە قويسۇن؛ ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئۈچۈن «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى ياساشقا شۇ يەردە ساقلانسۇن، ئۇ بىر «گۇناھنى پاكلىغۇچى»دۇر. | 9 |
Pak bir adem siyirning külini yighip bargahning sirtidiki pak bir yerge qoysun; u Israil jamaiti üchün «napakliqni chiqarghuchi su»ni yasashqa shu yerde saqlansun, u bir «gunahni paklighuchi»dur.
سىيىرنىڭ كۈلىنى يىغىشتۇرغان ئادەم ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. بۇ ئىسرائىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارغا مەڭگۈلۈك قانۇن-بەلگىلىمە بولىدۇ. | 10 |
Siyirning külini yighishturghan adem özining kiyimlirini yusun we kech kirgüche napak sanalsun. Bu Israillargha we ularning arisida turuwatqan musapirlargha menggülük qanun-belgilime bolidu.
ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. | 11 |
— Ölükke, yeni herqandaq ölgen kishining jesitige tégip ketken herbir kishi yette kün napak sanilidu.
ئۇ ئادەم ئۈچىنچى كۈنى [ئاشۇ سۇ] بىلەن ئۆزىنى پاكلىسۇن، ھەمدە يەتتىنچى كۈنىمۇ پاكلىسۇن، ئاندىن ئۇ پاك سانىلىدۇ؛ ئەگەر ئۇ ئۈچىنچى كۈنى ھەمدە يەتتىنچى كۈنى ئۆزىنى پاكلىمىسا، پاك سانالمايدۇ. | 12 |
U adem üchinchi küni [ashu su] bilen özini paklisun, hemde yettinchi künimu paklisun, andin u pak sanilidu; eger u üchinchi küni hemde yettinchi küni özini paklimisa, pak sanalmaydu.
ھەرقانداق ئادەم ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتسە، ھەمدە ئۆزىنى پاكلىمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىنى بۇلغىغان بولىدۇ؛ شۇ كىشى ئىسرائىل ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ چۈنكى «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ناپاكلىقى تېخىچە ئۈستىدە تۇرىدۇ. | 13 |
Herqandaq adem ölükke, yeni herqandaq ölgen kishining jesitige tégip ketse, hemde özini paklimisa, Perwerdigarning chédirini bulghighan bolidu; shu kishi Israil arisidin üzüp tashlinidu; chünki «napakliqni chiqarghuchi su» uninggha sépilmigechke, u napak sanilidu; uning napakliqi téxiche üstide turidu.
ئەگەر بىرەر كىشى بىر چېدىر ئىچىدە ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇ توغرۇلۇق قانۇن-بەلگىلىمە مۇنداق بولىدۇ: — شۇ چېدىرغا كىرگەن ھەربىرسى ۋە چېدىردا تۇرۇپ قالغانلارنىڭ ھەربىرى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ. | 14 |
Eger birer kishi bir chédir ichide ölüp qalghan bolsa, u toghruluq qanun-belgilime mundaq bolidu: — shu chédirgha kirgen herbirsi we chédirda turup qalghanlarning herbiri yette kün napak sanilidu.
ھەربىر ئوچۇق تۇرغان، ئاغزى يېپىلمىغان قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى ناپاك سانىلىدۇ. | 15 |
Herbir ochuq turghan, aghzi yépilmighan qacha-quchilarning hemmisi napak sanilidu.
شۇنىڭدەك دالادا قىلىچ-شەمشەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە، ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننىڭ ئۆلۈكىگە، ياكى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنىغا ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانىلىدۇ. | 16 |
Shuningdek dalada qilich-shemsher bilen öltürülgenlerge, yaki özi ölüp qalghanning ölükige, yaki ademning ustixininigha yaki qebrisige tegken herbir kishi yette kün’giche napak sanilidu.
كىشىلەر بۇ ناپاك كىشى ئۈچۈن «پاكلاندۇرغۇچى قۇربانلىق»نىڭ كۈلىدىن ئازراق ئېلىپ كومزەككە سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئېقىن سۇ قۇيسۇن. | 17 |
Kishiler bu napak kishi üchün «paklandurghuchi qurbanliq»ning külidin azraq élip komzekke sélip, ularning üstige éqin su quysun.
ئاندىن پاك بىر كىشى زوفا ئۆسۈملۈكىنى ئېلىپ شۇ سۇغا تەگكۈزۈپ ئۇنى چېدىرغا ۋە ئىچىدىكى بارلىق قاچا-قۇچىلارغا ھەم شۇ يەردە تۇرغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن، ۋە يەنە ئۇنى ئۇستىخانغا، ئۆلتۈرۈلگۈچىگە ياكى قەبرىگە تەگكەن كىشىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ قويسۇن. | 18 |
Andin pak bir kishi zofa ösümlükini élip shu sugha tegküzüp uni chédirgha we ichidiki barliq qacha-quchilargha hem shu yerde turghan barliq kishilerning üstige sépip qoysun, we yene uni ustixan’gha, öltürülgüchige yaki qebrige tegken kishining üstige sépip qoysun.
ئۈچىنچى كۈنى ۋە يەتتىنچى كۈنى ھېلىقى پاك ئادەم [پاك بولمىغان ئادەملەرنىڭ] ئۈستىگە شۇ سۇنى سېپىپ قويسۇن؛ شۇنداق قىلغاندا، يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ؛ ئاندىن ئۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، كەچ كىرگەندە ئۇ پاك سانىلىدۇ. | 19 |
Üchinchi küni we yettinchi küni héliqi pak adem [pak bolmighan ademlerning] üstige shu suni sépip qoysun; shundaq qilghanda, yettinchi künige kelgende u kishi paklan’ghan bolidu; andin u kishi kiyimlirini yuyup, bedinini suda yusun, kech kirgende u pak sanilidu.
لېكىن ناپاك بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى پاكلىمىغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس جايىنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن، جامائەت ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ» ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەن، شۇڭا ئۇ ناپاك سانىلىدۇ. | 20 |
Lékin napak bolup qélip, özini paklimighan kishi Perwerdigarning muqeddes jayini bulghighini üchün, jamaet arisidin üzüp tashlinidu; «napakliqni chiqarghuchi su» uning üstige sépilmigen, shunga u napak sanilidu.
بۇ ئىسرائىللارغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بولىدۇ. «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»نى سەپكەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يۇسۇن ۋە «ناپاكلىقنى چىقارغۇچى سۇ»غا تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 21 |
Bu Israillargha menggülük belgilime bolidu, «napakliqni chiqarghuchi su»ni sepken kishi bolsa özining kiyimlirini yusun we «napakliqni chiqarghuchi su»gha tegken kishi kech kirgüche napak sanalsun.
ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ؛ بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن كىشىلەرمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 22 |
Napak kishi tegken herqandaq nersimu napak sanilidu; bu nersilerge tegken kishilermu kech kirgüche napak sanalsun.