پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە ئاتا جەمەتىڭدىكىلەر سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى، شۇنىڭدەك سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان گۇناھنى ئۈستۈڭلەرگە ئالىسىلەر. | 1 |
یەزدان بە هارونی فەرموو: «تۆ و کوڕەکانت و بنەماڵەکەت ئۆباڵی ئەو گوناهانە هەڵدەگرن کە لە پیرۆزگا دەکرێت، تۆ و کوڕەکانت ئۆباڵی ئەو گوناهانە هەڵدەگرن کە لە کاهینیێتییەکەتان دەکرێت. |
سەن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەرنى، يەنى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرلەشتۈر ھەم ئۇلارنى خىزمىتىڭنى قىلىشى ئۈچۈن باشلاپ ئېلىپ كەل؛ بىراق سەن بىلەن ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرى ئالدىدا خىزمەتلەرنى قىلسۇن. | 2 |
هەروەها براکانت، هۆزی لێڤی، هۆزی باوکت، لە خۆت نزیک بکەوە، ئینجا بە تۆوە پابەند دەبن و پاڵپشتی تۆ و کوڕەکانت دەکەن لەبەردەم چادری پەیمان. |
ئۇلار سېنىڭ بۇيرۇقلىرىڭغا تەييار تۇرۇپ، شۇنداقلا چېدىردىكى بارلىق خىزمەت-ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ؛ پەقەت مۇقەددەس جايدىكى قاچا-قۇچا ئەسۋابلارغا ۋە قۇربانگاھقا يېقىنلاشمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلارمۇ، سىلەرمۇ ئۆلۈپ كېتىسىلەر. | 3 |
ئەوان بەردەستی خۆت و هەموو کاروباری چادرەکە دەکەن، بەڵام لە قاپوقاچاغی پیرۆزگاکە و لە قوربانگاکە نزیک ناکەونەوە، نەوەک ئەوان و ئێوەش، هەمووتان بمرن. |
ئۇلار سېنىڭ بىلەن بىرلىشىپ، جامائەت چېدىرىدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەپ، قىلىدىغان ھەربىر ئىشىنى قىلسۇن؛ پەقەتلا ھېچ يات كىشىلەر سىلەرگە يېقىنلاشمىسۇن. | 4 |
پابەندت دەبن و بەرپرسیاریش دەبن لە پارێزگاری چادری چاوپێکەوتن لەگەڵ هەموو خزمەتی چادرەکە، هیچ کەسێکی دیکەش لێتان نزیک ناکەوێتەوە. |
قەھر-غەزەپ يەنە ئىسرائىللارنىڭ بېشىغا چۈشمىسۇن ئۈچۈن، سىلەر مۇقەددەس جايدىكى ۋەزىپە بىلەن قۇربانگاھدىكى ۋەزىپىنى ئۆتەشكە مەسئۇل بولۇڭلار. | 5 |
«بەڵکو ئێوە بەرپرسیار دەبن لە پارێزگاری پیرۆزگاکە و قوربانگاکە، تاکو جارێکی دیکە تووڕەیی نەیەتە سەر نەوەی ئیسرائیل. |
مانا، مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان لاۋىيلارنى ئىسرائىللار ئىچىدىن تاللاپ چىقتىم؛ ئۇلار جامائەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشقا پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلىنغان بولۇپ، سىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان. | 6 |
من خۆم لێڤییەکانی براتانم لەنێو نەوەی ئیسرائیل هەڵبژارد و دامەوە ئێوە، بۆ یەزدان تەرخانکراون تاکو خزمەتەکەی چادری چاوپێکەوتن بەجێبگەیەنن. |
لېكىن سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ سېنىڭ بىلەن بىرلىكتە كاھىنلىق ۋەزىپەڭلەردە تۇرۇپ، قۇربانگاھتىكى بارلىق ئىشلارنى ھەم پەردە ئىچىدىكى ئىشلارنى بېجىرىڭلار؛ سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلەر شۇنداق بولسۇن. كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى، خىزمىتىمدە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرگە سوۋغا قىلىپ بەردىم؛ يات ئادەملەر يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈۋېتىلسۇن. | 7 |
تەنها تۆ و کوڕەکانت لەگەڵت خزمەتی کاهینیێتی دەکەن، لەگەڵ هەموو ئەوەی پەیوەندی بە قوربانگاکە هەیە و ئەوەی لەناو پەردەکەیە دەپارێزن. کاهینیێتی پێدراوێکی تایبەت بە ئێوەیە و پێمداون و هەرکەسێکی دیکە ئەوەی لە پیرۆزگا نزیک بکەوێتەوە دەکوژرێت.» |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — مەن ماڭا سۇنۇلغان كۆتۈرمە ھەدىيەلەرنى، يەنى ئىسرائىللار ماڭا مۇقەددەس دەپ ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۈلۈشۈڭلار بولسۇن دەپ، مانا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. | 8 |
یەزدان بە هارونی فەرموو: «ئێستا من بەرپرسیاریێتی پێشکەشکراوەکان کە بۆ منی بەرز دەکەنەوە داومەتە تۆ، هەموو پێشکەشکراوە پیرۆزەکانی نەوەی ئیسرائیل، دەیدەمە خۆت و کوڕەکانت وەک بەشە کاهینیێتیتان و بەشێکی چەسپاوە. |
ئىسرائىللار ئوتتا سۇنىدىغان، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلەردىن سىلەرگە مۇنۇلار قالدۇرۇپ بېرىلىدۇ: — ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان بارلىق نەرسىلىرى، يەنى بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلەردىن، بارلىق گۇناھ قۇربانلىقلىرىدىن، بارلىق ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن «ئەڭ مۇقەددەس» ھېسابلانغانلىرى، ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىنىدۇ. | 9 |
ئەم بەشە بۆ تۆ دەبێت لە پێشکەشکراوە هەرەپیرۆزەکان ئەوەی لە ئاگر دەپارێزرێت. لە هەموو قوربانییەکانیان و هەموو پێشکەشکراوەکانی دانەوێڵەیان و هەموو قوربانییەکانی گوناهیان و هەموو قوربانییەکانی تاوانیان کە بۆ منی دەهێنن، ئەو بەشە هەرەپیرۆزە بۆ تۆ و بۆ کوڕەکانتە. |
سەن شۇ [ئۈلۈشۈڭنى] «ئەڭ مۇقەددەس» سۈپىتىدە يېگىن، سىلەردىن بولغان ھەربىر ئەر كىشى ئۇنى يېسۇن؛ ئۇ ساڭا «ئەڭ مۇقەددەس» دەپ بىلىنسۇن. | 10 |
وەک شتێکی هەرەپیرۆز دەیخۆیت، هەموو نێرینەیەک لێی دەخوات، بۆ تۆ پیرۆز دەبێت. |
مۇنۇلارمۇ سېنىڭ بولىدۇ: — ئىسرائىللارنىڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىن كۆتۈرمە ھەدىيەلەر، بارلىق پۇلاڭلاتما ھەدىيەلەر سېنىڭ؛ مەن ئۇلارنى ساڭا، شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭ بىلەن قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم؛ سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. | 11 |
«ئەوەی لە بەخشین و قوربانی بەرزکردنەوەی ئیسرائیلییەکان بەلاوەدەنرێت، بۆ تۆیە. بەشێکی چەسپاوە داومەتە تۆ و کوڕ و کچەکانت. ئیتر هەموو کەسێک لە ماڵەکەت کە بەپێی ڕێوڕەسم پاکە لێی دەخوات. |
زەيتۇن مېيىدىن ئەڭ ئېسىلىنى، يېڭى شارابتىن ئەڭ ئېسىلىنى، شۇنداقلا ئاشلىقتىن ئەڭ ئېسىلىنى، يەنى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان دەسلەپكى پىشقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا تەقدىم قىلىپ بەردىم. | 12 |
«باشترین زەیت و باشترین شەراب و باشترین دانەوێڵە، یەکەمین بەرهەمەکانیان کە بە یەزدانی دەدەن، من هەموویم داوەتە تۆ، |
ئۇلار يەردىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەكەلگەن دەسلەپكى پىشقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن؛ ئۆيۈڭدىكى ھەربىر پاك ئادەم ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. | 13 |
یەکەمین بەرهەمی هەموو شتێکی زەوییەکەیان کە بۆ یەزدانی پێشکەش دەکەن بۆ تۆ دەبێت، هەموو کەسێک لە ماڵەکەت ئەوەی بەپێی ڕێوڕەسم پاکە لێی دەخوات. |
ئىسرائىلدا خۇداغا مۇتلەق ئاتىلىدىغان ھەربىر نەرسە سېنىڭ بولىدۇ. | 14 |
«هەموو تەرخانکراوێک بۆ یەزدان لە ئیسرائیل بۆ تۆ دەبێت، |
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرىدىغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ تۇنجىلىرى، مەيلى ئىنسان ياكى ئۇلاغ-چارپاي بولسۇن سېنىڭ بولىدۇ؛ ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى بولسا ئۇلارنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن ۋە ناپاك ھايۋانلارنىڭ تۇنجىلىرىنى تۆلەم تۆلەپ ياندۇرۇۋالسۇن. | 15 |
هەر نۆبەرەیەکی سک کە پێشکەشی یەزدانی دەکەن لە مرۆڤ و لە ئاژەڵ، بۆ تۆ دەبێت، بەڵام پێویستە کوڕە نۆبەرەی مرۆڤ و نۆبەرە نێرینەی ئاژەڵی گڵاویش بکڕیتەوە. |
تۆلەم تۆلەش كېرەك بولغانلار ئۈچۈن يېشى بىر ئايلىقتىن ئاشقاندا تۆلەم پۇلى تۆلەنسۇن؛ ئۇلارغا سەن توختاتقان باھا بويىچە، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ‹بىر شەكەل يىگىرمە گەراھدۇر› باھا قويۇپ، بەش كۈمۈش شەكەل ئال. | 16 |
پێویستە لە تەمەنی یەک مانگییەوە بیانکڕیتەوە، نرخی کڕینەوەش پێنج شاقل لە زیو بەگوێرەی خەمڵاندنی شاقلی پیرۆزگا، کە بیست گێرایە. |
پەقەت تۇنجى كالا، تۇنجى قوي ياكى تۇنجى ئوغلاققا تۆلەم ئالساڭ بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەستۇر. سەن ئۇلارنىڭ قېنىنى قۇربانگاھقا چېچىپ، مېيىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، ئۇنىڭغا خۇشبۇي كەلتۈرىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرگىن. | 17 |
«بەڵام پێویستە نۆبەرەی مانگا و مەڕ و بزن نەکڕیتەوە، ئەوان پیرۆزن و خوێنەکەیان بەسەر قوربانگاکەدا دەڕژێنیت و پیوەکەیان دەسووتێنیت، قوربانی بە ئاگرە، ئەو بۆنەی یەزدان پێی خۆشە. |
ئۇلارنىڭ گۆشى سېنىڭ بولىدۇ؛ خۇددى «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىنغان تۆش ۋە ئوڭ ئارقا پۇتىغا ئوخشاش، ساڭا تەۋە بولىدۇ. | 18 |
گۆشتەکەشی بۆ تۆ دەبێت وەک سنگی قوربانی بەرزکردنەوە و ڕانی ڕاستە. |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس نەرسىلەر ئىچىدىكى كۆتۈرمە ھەدىيە-قۇربانلىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەڭگۈلۈك بەلگىلىمە بىلەن تەقدىم قىلدىم. بۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا ۋە سېنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەۋلادلىرىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تۇزلۇق ئەھدە بولىدۇ. | 19 |
هەرچییەک کە بەلاوە دەنرێت لە پێشکەشکراوە پیرۆزەکانی نەوەی ئیسرائیل کە بۆ یەزدانی پێشکەش دەکەن وەک بەشێکی چەسپاو داومە بە تۆ و کوڕ و کچەکانت، دەبێتە پەیمانی نمەک بۆ تۆ و نەوەکەت کە هەتاهەتایە لەبەردەم یەزدان دەچەسپێت.» |
پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: — [ئىسرائىل] زېمىنىدا سېنىڭ ھېچقانداق مىراسىڭ بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ھېچقانداق نېسىۋەڭ بولمايدۇ؛ ئىسرائىللار ئارىسىدا مانا مەن ئۆزۈم سېنىڭ نېسىۋەڭ، سېنىڭ مىراسىڭدۇرمەن. | 20 |
هەروەها یەزدان بە هارونی فەرموو: «لە زەوییەکەیان هیچ میراتت بەرناکەوێت و لەنێویان بەشت نابێت، لەنێو نەوەی ئیسرائیل من بەش و میراتی تۆم. |
لاۋىيلارغا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆتەيدىغان خىزمەتلىرى، يەنى جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتى ئۈچۈن، مانا مەن ئىسرائىلدا تەقدىم قىلىنغان بارلىق «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مىراس قىلىپ بەرگەنمەن. | 21 |
«بەڵام نەوەی لێڤی لەبری ئەو خزمەتەی دەیکەن، خزمەتی چادری چاوپێکەوتن، ئەوا من لە ئیسرائیل وەک میرات هەموو دەیەکێکم پێداون. |
بۇنىڭدىن كېيىن، گۇناھكار بولۇپ ئۆلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئىسرائىللار جامائەت چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. | 22 |
لە ئێستا بەدواوە نەوەی ئیسرائیل لە چادری چاوپێکەوتن نزیک ناکەونەوە، هەتا گوناهێک هەڵبگرن کە بۆ مردن بێت، |
جامائەت چېدىرىدىكى خىزمەتنى بولسا، ئۇنى ئۆتىگۈچىلەر پەقەت لاۋىيلارلا بولىدۇ ۋە شۇ ئىشتا بولغان گۇناھىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مەڭگۈلۈك بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولمايدۇ. | 23 |
بەڵکو لێڤییەکان خزمەتی چادری چاوپێکەوتن دەکەن، ئەوان بەرپرسیاریێتی هەڵدەگرن وەک فەرزێکی هەتاهەتایی نەوە دوای نەوە، لەنێو نەوەی ئیسرائیلدا هیچ میراتیان بەرناکەوێت. |
چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى لاۋىيلارغا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان بولدۇم؛ شۇڭا مەن ئۇلار توغرۇلۇق: ئىسرائىللار ئىچىدە ھېچقانداق مىراسى بولسا بولمايدۇ، — دېدىم. | 24 |
دەیەکەکانی نەوەی ئیسرائیل کە بۆ یەزدانی پێشکەش دەکەن وەک بەخشینی بەرزکراوە، من داومە بە لێڤییەکان، میراتی ئەوانە، بۆیە پێیانم فەرموو کە لەنێو نەوەی ئیسرائیلدا هیچ میراتیان بەرناکەوێت.» |
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — | 25 |
یەزدان بە موسای فەرموو: |
سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىن: «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن مەن سىلەرگە مىراس بولسۇن دەپ تەقدىم قىلغان «ئوندىن بىر ئۈلۈش»نى ئالغان ئىكەنسىلەر، سىلەر شۇ ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ يەنە ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. | 26 |
«لەگەڵ لێڤییەکان دەدوێیت و پێیان دەڵێیت:”کاتێک دەیەکەکە وەردەگرن لە نەوەی ئیسرائیل کە من وەک میرات بە ئێوەم داوە، بەخشینی بەرزکراوەی یەزدانی لێ پێشکەش دەکەن، دەیەک لە دەیەک. |
بۇ يول بىلەن سىلەرنىڭ شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»ڭلار سىلەرگە «خاماندىكى ئاشلىقىڭلار»دىن ھەم «شاراب كۆلچىكىدىكى تولۇپ تاشقان شارابىڭلار»دىن ئاتالغانلار ھېسابلىنىدۇ. | 27 |
جا بە بەخشینی بەرزکراوەتان دادەنرێت، وەک دانەوێڵەی جۆخین و پڕی بەرهەمی گوشەرەکە. |
بۇنداق بولغاندا، سىلەر ئىسرائىللارنىڭ قولىدىن ئالغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆتۈرمە ھەدىيە سۇنىسىلەر؛ سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتىغان شۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە»نى كاھىن ھارۇنغا بېرىڭلار. | 28 |
بەم شێوەیە ئێوەش بەخشینی بەرزکراوەی یەزدان لە هەموو دەیەکەکانتان پێشکەش دەکەن کە لە نەوەی ئیسرائیلی وەردەگرن، لەوە بەخشینی بەرزکراوەی یەزدان بە هارونی کاهین دەدەن. |
سىلەرگە تەقدىم قىلىنغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ ئېسىلىنى ئېلىپ شۇلارنى مۇقەددەس ھېسابلاپ «پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تولۇق كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە سۇنۇڭلار». | 29 |
لە هەموو بەخشینەکانتان هەموو بەرزکراوەیەک بۆ یەزدان پێشکەش دەکەن کە لە هەرە باشترین و پیرۆزترین بێت.“ |
شۇڭا سەن لاۋىيلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر شۇلاردىن ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، بۇ سىلەر لاۋىيلارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقىڭلار ۋە شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىڭلارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. | 30 |
«پێیان دەڵێیت:”کاتێک باشترینەکەی پێشکەش دەکەن، وەک بەرهەمی جۆخین و گوشەر بۆ لێڤییەکان هەژمارد دەکرێت. |
شۇنداق قىلغاندىن كېيىن سىلەر ۋە ئۆيدىكىلىرىڭلار شۇ «ئوندىن بىر ئۈلۈش»لەرنى خالىغان يەردە يېسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ جامائەت چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ئىنئامى بولىدۇ؛ | 31 |
ئێوە و ماڵەکانتان لە هەموو شوێنێک دەیخۆن، چونکە کرێی ئێوەیە لەبری خزمەتتان لە چادری چاوپێکەوتن. |
سىلەر [شۇ ئۈلۈشلەردىن] ئەڭ ئېسىلىنى كۆتۈرۈپ سۇنساڭلار، مۇشۇ ئىشىڭلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولمايسىلەر. ئۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئىسرائىللار ئاتىغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىمايسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەيسىلەر». | 32 |
بەهۆیەوە گوناهباریش نابن ئەگەر لە باشترینەکەی پێشکەش بکەن، بەڵام پێشکەشکراوە پیرۆزەکانی نەوەی ئیسرائیل گڵاو مەکەن نەوەک بمرن.“» |