< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 17 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — | 1 |
Afei, Awurade ka kyerɛɛ Mose se,
«سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى بويىچە، ھەر قەبىلىنىڭ ئەمىرىدىن بىردىن ئون ئىككى ھاسا ئالغىن؛ سەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ھاسىسىغا يېزىپ قويغىن. | 2 |
“Ka kyerɛ Israelfo no na wɔnyɛ pema dumien, abusua biara panyin ntwa baako. Kyerɛw obiara din wɔ ne de ho.
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ھاسىسىغا ھارۇننىڭ ئىسمىنى يازغىن، چۈنكى ھەربىر ئاتا جەمەت قەبىلە باشلىقى ئۈچۈن بىر ھاسا ۋەكىل بولىدۇ. | 3 |
Aaron din na wɔbɛkyerɛw agu Lewi abusuakuw pema no ho, efisɛ ɛsɛ sɛ abusuapanyin biara nya pema baako.
سەن بۇ ھاسىلارنى جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئالدىغا، يەنى مەن سېنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرگە قويغىن. | 4 |
Momfa pema yi ngu Ahyiae Ntamadan no mu ahyiae mu wɔ baabi a mihyia mo wɔ adaka no anim hɔ no.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن». | 5 |
Menam pema yi so bɛkyerɛ onipa a meyi no no na ne pema no ho bɛfefɛw, na meyi Israelfo anwiinwii a wɔtaa nwiinwii tia wo no nyinaa afi hɔ.”
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارغا شۇنداق سۆز قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا بىردىن ھاسىنى، جەمئىي بولۇپ ئون ئىككى ھاسىنى بەردى؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە بىر ھاسا ۋەكىل بولدى، ھارۇننىڭ ھاسىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. | 6 |
Enti Mose maa Israelfo no maa no pema dumien a wɔn abusua no biara panyin de wɔ mu a na Aaron ka de ka ho bi.
مۇسا ھاسىلارنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا ئەكىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى. | 7 |
Mose de guu Awurade anim wɔ Adanse Ntamadan no mu hɔ.
ۋە شۇنداق بولدىكى، مۇسا ئەتىسى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا كىرىۋىدى، مانا، لاۋىي جەمەتىگە ۋەكىل بولغان ھارۇننىڭ ھاسىسى بىخ سۈرۈپ، غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ، بادام چۈشكەنىدى. | 8 |
Ade kyee a ɔkɔɔ mu no, ohuu sɛ Aaron pema a ɛwɔ hɔ ma Lewi abusuakuw no afefɛw ayɛ frɔmm, asow aba a ɛsensɛn so.
مۇسا ھاسىلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى؛ ئۇلار كۆرگەندىن كېيىن ھەركىم ئۆز ھاسىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى. | 9 |
Na Mose de pema no fii Awurade anim ba bɛkyerɛɛ Israelfo no. Wɔhwɛe, na ɔpanyin biara faa ne pema.
پەرۋەردىگار مۇساغا: — شۇ ئاسىيلىق قىلغۇچى بالىلارغا بىر ئاگاھ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھارۇننىڭ ھاسىسىنى ھۆكۈم-گۇۋاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويغىن. شۇنداق قىلساڭ سەن ئۇلارنىڭ غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ، ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىسەن؛ ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، — دېدى. | 10 |
Awurade ka kyerɛɛ Mose se, “Fa Aaron pema no san kɔto adaka no anim na fa yɛ nsɛnkyerɛnne ma atuatewfo no. Eyi de anwiinwii a wonwiinwii tia me no bɛba awiei na wɔanwuwu.” Na ɛsɛ sɛ ɔde ba bɛkyerɛ nnipa no bio na sɛ anwiinwii bi wɔ hɔ a etia Aaron tumi a, ebesiw amanehunu foforo a anka ɛbɛba nnipa no so no ano.
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۆزىگە قانداق بۇيرۇغان بولسا ئۇ شۇنداق قىلدى. | 11 |
Mose yɛɛ nea Awurade hyɛɛ no sɛ ɔnyɛ no pɛpɛɛpɛ.
ئىسرائىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق! | 12 |
Israelfo no ka kyerɛɛ Mose se, “Yebewuwu! Yɛayera, yɛayera!
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقانلار ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىز ھەممىمىز مۇتلەق نەپەستىن قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ — دېيىشتى. | 13 |
Mpo, obiara a ɔbɛbɛn Awurade Ahyiae Ntamadan no bewu. Yɛn nyinaa rebewuwu ana?”