< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 17 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: — 1
et locutus est Dominus ad Mosen dicens
«سەن ئىسرائ‍ىللارغا سۆز قىلىپ، ئۇلاردىن ئاتا جەمەتى بويىچە، ھەر قەبىلىنىڭ ئەمىرىدىن بىردىن ئون ئىككى ھاسا ئالغىن؛ سەن ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ھاسىسىغا يېزىپ قويغىن. 2
loquere ad filios Israhel et accipe ab eis virgas singulas per cognationes suas a cunctis principibus tribuum virgas duodecim et uniuscuiusque nomen superscribes virgae suae
لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ھاسىسىغا ھارۇننىڭ ئىسمىنى يازغىن، چۈنكى ھەربىر ئاتا جەمەت قەبىلە باشلىقى ئۈچۈن بىر ھاسا ۋەكىل بولىدۇ. 3
nomen autem Aaron erit in tribu Levi et una virga cunctas eorum familias continebit
سەن بۇ ھاسىلارنى جامائەت چېدىرىدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق [ساندۇقىنىڭ] ئالدىغا، يەنى مەن سېنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان يەرگە قويغىن. 4
ponesque eas in tabernaculo foederis coram testimonio ubi loquar ad te
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، مەن تاللىغان كىشىنىڭ بولسا، ئۇنىڭ ھاسىسى بىخ سۈرىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ ئىسرائ‍ىللارنىڭ سىلەرگە غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىۋېتىمەن». 5
quem ex his elegero germinabit virga eius et cohibebo a me querimonias filiorum Israhel quibus contra vos murmurant
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائ‍ىللارغا شۇنداق سۆز قىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممە ئەمىرلىرى ئۇنىڭغا بىردىن ھاسىنى، جەمئىي بولۇپ ئون ئىككى ھاسىنى بەردى؛ ھەربىر ئاتا جەمەتكە بىر ھاسا ۋەكىل بولدى، ھارۇننىڭ ھاسىسىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. 6
locutusque est Moses ad filios Israhel et dederunt ei omnes principes virgas per singulas tribus fueruntque virgae duodecim absque virga Aaron
مۇسا ھاسىلارنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا ئەكىرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى. 7
quas cum posuisset Moses coram Domino in tabernaculo testimonii
ۋە شۇنداق بولدىكى، مۇسا ئەتىسى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق چېدىرىغا كىرىۋىدى، مانا، لاۋىي جەمەتىگە ۋەكىل بولغان ھارۇننىڭ ھاسىسى بىخ سۈرۈپ، غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ، بادام چۈشكەنىدى. 8
sequenti die regressus invenit germinasse virgam Aaron in domo Levi et turgentibus gemmis eruperant flores qui foliis dilatatis in amigdalas deformati sunt
مۇسا ھاسىلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى؛ ئۇلار كۆرگەندىن كېيىن ھەركىم ئۆز ھاسىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى. 9
protulit ergo Moses omnes virgas de conspectu Domini ad cunctos filios Israhel videruntque et receperunt singuli virgas suas
پەرۋەردىگار مۇساغا: — شۇ ئاسىيلىق قىلغۇچى بالىلارغا بىر ئاگاھ بەلگىسى بولسۇن دەپ ھارۇننىڭ ھاسىسىنى ھۆكۈم-گۇۋاھنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ قويغىن. شۇنداق قىلساڭ سەن ئۇلارنىڭ غۇدۇراشقان گەپلىرىنى توختىتىپ، ماڭا ئاڭلانمايدىغان قىلىسەن؛ ئۇلارمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، — دېدى. 10
dixitque Dominus ad Mosen refer virgam Aaron in tabernaculum testimonii ut servetur ibi in signum rebellium filiorum et quiescant querellae eorum a me ne moriantur
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۆزىگە قانداق بۇيرۇغان بولسا ئۇ شۇنداق قىلدى. 11
fecitque Moses sicut praeceperat Dominus
ئىسرائ‍ىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق! 12
dixerunt autem filii Israhel ad Mosen ecce consumpti sumus omnes perivimus
پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقانلار ئۆلمەي قالمايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بىز ھەممىمىز مۇتلەق نەپەستىن قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ — دېيىشتى. 13
quicumque accedit ad tabernaculum Domini moritur num usque ad internicionem cuncti delendi sumus

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 17 >