< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16 >

لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون 1
Lawiyning ewrisi, Kohatning newrisi, Izharning oghli Korah we Rubenning ewladliridin Éliabning oghulliri Datan bilen Abiram we Peletning oghli On
ئىسرائ‍ىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. 2
Israillar ichidiki jamaet emirliri bolghan, jamaet ichidin saylap chiqilghan mötiwerlerdin ikki yüz ellik kishini bashlap kélip Musagha qarshi chiqti.
ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى. 3
Ular yighilip Musagha qarshi hem Harun’gha qarshi chiqip: — Siler heddinglardin bek ashtinglar, pütkül jamaetning hemmisi pak-muqeddes, Perwerdigarmu ularning arisida, shundaq turughluq siler néme dep özünglerni Perwerdigarning jamaitidin üstün qoyusiler? — dédi.
مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: — ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. 4
Musa ularning gépini anglap düm yiqilip, Korah bilen uning guruhidikilerge söz qilip: — Ete etigende Perwerdigar kimlerning Özige mensup ikenlikini, kimlerning pak-muqeddes ikenlikini ayan qilidu; shu kishini Özige yéqinlashturidu; kimni tallighan bolsa, uni Özige yéqinlashturidu.
5
سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ 6
Siler mundaq qilinglar: — Sen Korah we séning guruhingdikiler hemmisi xushbuydanlarni epkélinglar;
ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى. 7
ete Perwerdigarning aldida xushbuydanlargha ot yéqip, xushbuyni uning üstige qoyunglar; Perwerdigar kimni tallisa, shu muqeddes-pak bolghan bolsun! Ey siler Lawiylar, heddinglardin bek ashtinglar! — dédi.
مۇسا يەنە كوراھقا: — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 8
Musa yene Korahqa: — I Lawiylar, gépimge qulaq sélinglar.
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟ 9
Israilning Xudasi Perwerdigar silerni Özining chédirining ishlirini qilsun dep hemde jamaetning aldida ularning xizmitide bolsun dep Özige yéqinlashturush üchün silerni Israil jamaitidin ayrip chiqqan — yeni Perwerdigar séni we séning hemme qérindashliring bolghan Lawiyning ewladlirini birdek Özige yéqinlashturghanliqi silerche kichik ishmu? Siler yene téxi kahinliq wezipisini tama qiliwatamsiler?
10
شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. 11
Shu wejidin sen we séning guruhingdikiler hemmisi yighilip Perwerdigargha qarshi chiqiwétipsiler-de; Harun némidi, siler uning üstidin shunchilik aghrinip ghotuldiship ketküdek? — dédi.
مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: — بارمايمىز! 12
Musa Éliabning oghli Datan bilen Abiramni qichqirip kélishke adem ewetiwidi, ular: — Barmaymiz!
سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ 13
Séning bizni süt bilen hesel aqidighan zémindin bashlap chiqip bu chöl-jeziride öltermekchi bolghanliqingning özi kichik ishmu? Sen téxi özüngni padishah hésablap bizning üstimizdin hökümranliq qilmaqchimu?
ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى. 14
Halbuki, sen bizni süt bilen hesel aqidighan yurtqa bashlap kelmiding, étiz we üzümzarliqlarnimu bizge miras qilip bermiding. Sen bu xeqning közinimu oyuwalmaqchimu? Biz barmaymiz! — dédi.
بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى. 15
Buni anglap Musa qattiq ghezeplinip Perwerdigargha: — Ularning sowghat-hediyesige étibar qilmighaysen; men ularning hetta birer éshikinimu tartiwalmidim, birer adimigimu héch ziyan-zexmet yetküzmidim, — dédi.
مۇسا كوراھقا: — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. 16
Musa Korahqa: — Ete sen we séning guruhingdikiler — sen, ular we Harun Perwerdigarning aldigha kélinglar.
ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى. 17
Herbiringlar özünglarning xushbuydanliringlarni ekilip uning üstige xushbuyni sélinglar; herbiringlar özünglarning xushbuydanliringlarni, yeni jemiy ikki yüz ellik xushbuydanni élip uni Perwerdigarning huzurida tutup turunglar; senmu, Harunmu herbiringlar öz xushbuydanliringlarni élip kélinglar, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. 18
Shuning bilen herbir adem özining xushbuydanini élip, otni yéqip, xushbuy sélip, Musa we Harun bilen birlikte jamaet chédirining derwazisi aldida turushti.
كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. 19
Korah Musa bilen Harun’gha hujum qilghili pütün jamaetni yighip jamaet chédirining derwazisi aldigha kéliwidi, Perwerdigarning julasi pütkül jamaetke ayan boldi.
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: — 20
Perwerdigar Musa bilen Harun’gha söz qilip: —
سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، 21
Siler bu xelqning arisidin néri turunglar, men köz yumup achquche ularni yutuwétimen, — déwidi,
مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى. 22
Musa bilen Harun düm yiqilip: — I Tengrim, barliq et igilirining rohlirining Xudasi, bir adem gunah qilsa, ghezipingni pütün jamaetke chachamsen? — dédi.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 23
Perwerdigar Musagha söz qilip: —
سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى. 24
Sen jamaetke: «Siler Korah, Datan we Abiramning turar jayliridin ayrilip ulardin néri kétinglar» — dep buyruq ber, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 25
Shuning bilen Musa ornidin turup Datan bilen Abiram terepke qarap mangdi; Israil aqsaqallirimu uninggha egiship mangdi.
مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى. 26
Musa jamaetke: — Silerdin ötünimen, bu rezil ademlerning chédirliridin yiraq kétinglar, ularning barliq gunahliri sewebidin ular bilen bille weyran bolmasliqinglar üchün ularning héchnersisige qol tegküzmenglar, — dédi.
شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى. 27
Shuning bilen jamaet Korah, Datan, Abiramning chédirlirining töt etrapidin néri ketti; Datan bilen Abiram bolsa öz ayallirini, oghul-qizlirini we bowaqlirini élip chiqip öz chédirining ishiki aldida turdi.
مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: 28
Musa: — Buningdin siler shuni bilisilerki, bu ishlarning hemmisi méning könglümdin chiqqan emes, belki Perwerdigar méni ularni ada qilishqa ewetken:
— ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. 29
— eger bu ademlerning ölümi adettiki ademlerning ölümige oxshash bolidighan yaki ularning béshigha chüshidighan qismetler adettiki ademler duchar bolidighan qismetlerge oxshash bolidighan bolsa, Perwerdigar méni ewetmigen bolatti.
ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. (Sheol h7585) 30
Eger Perwerdigar yéngi bir ishni qilip, yer aghzini échip ularni we ularning pütün nersisini yutup kétishi bilen, ular tirikla tehtisaragha chüshüp ketse, u chaghda siler bu ademlerning Perwerdigarni mensitmigenlikini bilip qalisiler, — dédi. (Sheol h7585)
مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى. 31
Musaning bu gépi axirlishishi bilenla ularning puti astidiki yer yérildi.
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى. 32
Yer aghzini échip ularni barliq ailisidikiler bilen, shuningdek Korahqa tewe hemme ademlerni qoymay teelluqatliri bilen qoshup yutup ketti.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. (Sheol h7585) 33
Shundaq qilip, ular we ularning tewesidikilerning hemmisi tirikla tehtisaragha chüshüp ketti, yer ularning üstide yépildi. Ular shu yol bilen jamaetning arisidin yoqaldi. (Sheol h7585)
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائ‍ىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. 34
Ularning etrapida turghan Israillarning hemmisi ularning nalisini anglap: «Yer biznimu yutup kétermikin!» déyiship qéchishti.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى. 35
Andin Perwerdigarning aldidin bir ot chiqip, xushbuy sunuwatqan héliqi ikki yüz ellik ademnimu yutup ketti.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — 36
Perwerdigar Musagha mundaq dédi: —
سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ 37
Sen kahin Harunning oghli Eliazargha buyrughin, u xushbuydanlarni ot arisidin tériwélip, choghlirini yiraqlargha chéchiwetsun, chünki u xushbuydanlar Xudagha atalghandur;
شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائ‍ىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ. 38
shunga özining jénigha özi zamin bolghan gunahkarlarning xushbuydanlirini tériwalghin; ular qurban’gahni qaplash üchün soqup népiz tünike qilinsun, chünki bu xushbuydanlar eslide Perwerdigarning huzurigha sunulup uninggha atalip muqeddes qilin’ghan. Shundaq qilip ular kéyin Israillargha ibret bolidighan isharet-belge bolidu.
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى. 39
Shuning bilen kahin Eliazar otta köydürüwétilgenler sun’ghan mis xushbuydanlarni tériwaldi; ular qurban’gahni qaplitishqa népiz tünike qilip soquldi.
شۇنىڭ بىلەن [قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائ‍ىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. 40
Shuning bilen [qurban’gahning bu qaplimisi] Harunning ewladlirigha yat ademlerning xuddi Korah bilen uning guruhidikilerge oxshash qismetke qalmasliqi üchün, Perwerdigarning huzurida xushbuy köydürüshke yéqinlashmasliqigha Israillar üchün bir esletme boldi. Bu Perwerdigarning Musaning wastisi bilen Eliazargha buyrughanliridur.
ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. 41
Etisi pütkül Israil jamaiti Musa bilen Harunning yaman gépini qilip: — Siler Perwerdigarning xelqini öltürdünglar, — dep ghotuldashti.
ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى. 42
We shundaq boldiki, jamaet Musa bilen Harun’gha hujum qilishqa yighiliwatqanda, jamaet burulup jamaet chédirigha qariwidi, we mana, bulut chédirni qapliwaldi hem Perwerdigarning julasi ayan boldi.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. 43
Shuning bilen Musa bilen Harun jamaet chédirining aldigha bérip turdi.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — 44
Perwerdigar Musagha söz qilip: —
مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. 45
Men közni yumup achquche ularni yoqitip tashlishim üchün ikkinglar bu jamaettin chiqip néri kétinglar, — dep buyruwidi, ikkiylen yiqilip yerde düm yatti.
مۇسا ھارۇنغا: — سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. 46
Musa Harun’gha: — Sen xushbuydanni élip uninggha qurban’gahtiki ottin sal, uninggha xushbuy qoyup, ular üchün kafaret keltürüshke tézlikte jamaetning arisigha apar; chünki qehr-ghezep Perwerdigarning aldidin chiqti, waba basqili turdi, — dédi.
ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى. 47
Harun Musaning déginidek qilip, xushbuydanni élip jamaetning arisigha yügürüp kirdi; we mana, waba kishilerning arisida bashlan’ghanidi; u xushbuyni xushbuydan’gha sélip, xelq üchün kafaret keltürdi.
ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. 48
U ölükler bilen tirikler otturisida turuwidi, waba toxtidi.
كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. 49
Korahning weqesi munasiwiti bilen ölgenlerdin bashqa, waba sewebidin ölgenler on töt ming yette yüz kishi boldi.
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى. 50
Harun jamaet chédirining derwazisi yénida turghan Musaning yénigha yénip keldi; waba toxtidi.

< چۆل‭-‬باياۋاندىكى‭ ‬سەپەر 16 >