< چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 16 >
لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، كوھاتنىڭ نەۋرىسى، ئىزھارنىڭ ئوغلى كوراھ ۋە رۇبەننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئېلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان بىلەن ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئون | 1 |
ecce autem Core filius Isaar filii Caath filii Levi et Dathan atque Abiram filii Heliab Hon quoque filius Pheleth de filiis Ruben
ئىسرائىللار ئىچىدىكى جامائەت ئەمىرلىرى بولغان، جامائەت ئىچىدىن سايلاپ چىقىلغان مۆتىۋەرلەردىن ئىككى يۈز ئەللىك كىشىنى باشلاپ كېلىپ مۇساغا قارشى چىقتى. | 2 |
surrexerunt contra Mosen aliique filiorum Israhel ducenti quinquaginta viri proceres synagogae et qui tempore concilii per nomina vocabantur
ئۇلار يىغىلىپ مۇساغا قارشى ھەم ھارۇنغا قارشى چىقىپ: — سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار، پۈتكۈل جامائەتنىڭ ھەممىسى پاك-مۇقەددەس، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىلەر نېمە دەپ ئۆزۈڭلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىدىن ئۈستۈن قويۇسىلەر؟ — دېدى. | 3 |
cumque stetissent adversum Mosen et Aaron dixerunt sufficiat vobis quia omnis multitudo sanctorum est et in ipsis est Dominus cur elevamini super populum Domini
مۇسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دۈم يىقىلىپ، كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە سۆز قىلىپ: — ئەتە ئەتىگەندە پەرۋەردىگار كىملەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ؛ شۇ كىشىنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ كىمنى تاللىغان بولسا، ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ. | 4 |
quod cum audisset Moses cecidit pronus in faciem
locutusque ad Core et ad omnem multitudinem mane inquit notum faciet Dominus qui ad se pertineant et sanctos adplicabit sibi et quos elegerit adpropinquabunt ei
سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: — سەن كوراھ ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى خۇشبۇيدانلارنى ئەپكېلىڭلار؛ | 6 |
hoc igitur facite tollat unusquisque turibula sua tu Core et omne concilium tuum
ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇيدانلارغا ئوت يېقىپ، خۇشبۇينى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار؛ پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا، شۇ مۇقەددەس-پاك بولغان بولسۇن! ئەي سىلەر لاۋىيلار، ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! — دېدى. | 7 |
et hausto cras igne ponite desuper thymiama coram Domino et quemcumque elegerit ipse erit sanctus multum erigimini filii Levi
مۇسا يەنە كوراھقا: — ئى لاۋىيلار، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار. | 8 |
dixitque rursum ad Core audite filii Levi
ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزىنىڭ چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن دەپ ھەمدە جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن دەپ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئايرىپ چىققان — يەنى پەرۋەردىگار سېنى ۋە سېنىڭ ھەممە قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىنى بىردەك ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغانلىقى سىلەرچە كىچىك ئىشمۇ؟ سىلەر يەنە تېخى كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى تاما قىلىۋاتامسىلەر؟ | 9 |
num parum vobis est quod separavit vos Deus Israhel ab omni populo et iunxit sibi ut serviretis ei in cultu tabernaculi et staretis coram frequentia populi et ministraretis ei
idcirco ad se fecit accedere te et omnes fratres tuos filios Levi ut vobis etiam sacerdotium vindicetis
شۇ ۋەجىدىن سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر ھەممىسى يىغىلىپ پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىۋېتىپسىلەر-دە؛ ھارۇن نېمىدى، سىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇنچىلىك ئاغرىنىپ غوتۇلدىشىپ كەتكۈدەك؟ — دېدى. | 11 |
et omnis globus tuus stet contra Dominum quid est enim Aaron ut murmuretis contra eum
مۇسا ئېلىئابنىڭ ئوغلى داتان بىلەن ئابىرامنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىۋىدى، ئۇلار: — بارمايمىز! | 12 |
misit ergo Moses ut vocaret Dathan et Abiram filios Heliab qui responderunt non venimus
سېنىڭ بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىندىن باشلاپ چىقىپ بۇ چۆل-جەزىرىدە ئۆلتەرمەكچى بولغانلىقىڭنىڭ ئۆزى كىچىك ئىشمۇ؟ سەن تېخى ئۆزۈڭنى پادىشاھ ھېسابلاپ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ | 13 |
numquid parum est tibi quod eduxisti nos de terra quae lacte et melle manabat ut occideres in deserto nisi et dominatus fueris nostri
ھالبۇكى، سەن بىزنى سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان يۇرتقا باشلاپ كەلمىدىڭ، ئېتىز ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنىمۇ بىزگە مىراس قىلىپ بەرمىدىڭ. سەن بۇ خەقنىڭ كۆزىنىمۇ ئويۇۋالماقچىمۇ؟ بىز بارمايمىز! — دېدى. | 14 |
re vera induxisti nos in terram quae fluit rivis lactis et mellis et dedisti nobis possessiones agrorum et vinearum an et oculos nostros vis eruere non venimus
بۇنى ئاڭلاپ مۇسا قاتتىق غەزەپلىنىپ پەرۋەردىگارغا: — ئۇلارنىڭ سوۋغات-ھەدىيەسىگە ئېتىبار قىلمىغايسەن؛ مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا بىرەر ئېشىكىنىمۇ تارتىۋالمىدىم، بىرەر ئادىمىگىمۇ ھېچ زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىدىم، — دېدى. | 15 |
iratusque Moses valde ait ad Dominum ne respicias sacrificia eorum tu scis quod ne asellum quidem umquam acceperim ab eis nec adflixerim quempiam eorum
مۇسا كوراھقا: — ئەتە سەن ۋە سېنىڭ گۇرۇھىڭدىكىلەر — سەن، ئۇلار ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كېلىڭلار. | 16 |
dixitque ad Core tu et omnis congregatio tua state seorsum coram Domino et Aaron die crastino separatim
ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشبۇينى سېلىڭلار؛ ھەربىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى، يەنى جەمئىي ئىككى يۈز ئەللىك خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇتۇپ تۇرۇڭلار؛ سەنمۇ، ھارۇنمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز خۇشبۇيدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، — دېدى. | 17 |
tollite singuli turibula vestra et ponite super ea incensum offerentes Domino ducenta quinquaginta turibula Aaron quoque teneat turibulum suum
شۇنىڭ بىلەن ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خۇشبۇيدانىنى ئېلىپ، ئوتنى يېقىپ، خۇشبۇي سېلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇشتى. | 18 |
quod cum fecissent stantibus Mosen et Aaron
كوراھ مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلغىلى پۈتۈن جامائەتنى يىغىپ جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى پۈتكۈل جامائەتكە ئايان بولدى. | 19 |
et coacervassent adversum eos omnem multitudinem ad ostium tabernaculi apparuit cunctis gloria Domini
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: — | 20 |
locutusque Dominus ad Mosen et Aaron ait
سىلەر بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدىن نېرى تۇرۇڭلار، مەن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يۇتۇۋېتىمەن، — دېۋىدى، | 21 |
separamini de medio congregationis huius ut eos repente disperdam
مۇسا بىلەن ھارۇن دۈم يىقىلىپ: — ئى تەڭرىم، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ خۇداسى، بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، غەزىپىڭنى پۈتۈن جامائەتكە چاچامسەن؟ — دېدى. | 22 |
qui ceciderunt proni in faciem atque dixerunt fortissime Deus spirituum universae carnis num uno peccante contra omnes tua ira desaeviet
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — | 23 |
et ait Dominus ad Mosen
سەن جامائەتكە: «سىلەر كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ تۇرار جايلىرىدىن ئايرىلىپ ئۇلاردىن نېرى كېتىڭلار» — دەپ بۇيرۇق بەر، — دېدى. | 24 |
praecipe universo populo ut separetur a tabernaculis Core et Dathan et Abiram
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ داتان بىلەن ئابىرام تەرەپكە قاراپ ماڭدى؛ ئىسرائىل ئاقساقاللىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 25 |
surrexitque Moses et abiit ad Dathan et Abiram et sequentibus eum senioribus Israhel
مۇسا جامائەتكە: — سىلەردىن ئۆتۈنىمەن، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق كېتىڭلار، ئۇلارنىڭ بارلىق گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىلەن بىللە ۋەيران بولماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھېچنەرسىسىگە قول تەگكۈزمەڭلار، — دېدى. | 26 |
dixit ad turbam recedite a tabernaculis hominum impiorum et nolite tangere quae ad eos pertinent ne involvamini in peccatis eorum
شۇنىڭ بىلەن جامائەت كوراھ، داتان، ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىدىن نېرى كەتتى؛ داتان بىلەن ئابىرام بولسا ئۆز ئاياللىرىنى، ئوغۇل-قىزلىرىنى ۋە بوۋاقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇردى. | 27 |
cumque recessissent a tentoriis eorum per circuitum Dathan et Abiram egressi stabant in introitu papilionum suorum cum uxoribus et liberis omnique frequentia
مۇسا: — بۇنىڭدىن سىلەر شۇنى بىلىسىلەركى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىن چىققان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار مېنى ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەن: | 28 |
et ait Moses in hoc scietis quod Dominus miserit me ut facerem universa quae cernitis et non ex proprio ea corde protulerim
— ئەگەر بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش بولىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان قىسمەتلەر ئادەتتىكى ئادەملەر دۇچار بولىدىغان قىسمەتلەرگە ئوخشاش بولىدىغان بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولاتتى. | 29 |
si consueta hominum morte interierint et visitaverit eos plaga qua et ceteri visitari solent non misit me Dominus
ئەگەر پەرۋەردىگار يېڭى بىر ئىشنى قىلىپ، يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن نەرسىسىنى يۇتۇپ كېتىشى بىلەن، ئۇلار تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا سىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىنى بىلىپ قالىسىلەر، — دېدى. (Sheol ) | 30 |
sin autem novam rem fecerit Dominus ut aperiens terra os suum degluttiat eos et omnia quae ad illos pertinent descenderintque viventes in infernum scietis quod blasphemaverint Dominum (Sheol )
مۇسانىڭ بۇ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا ئۇلارنىڭ پۇتى ئاستىدىكى يەر يېرىلدى. | 31 |
confestim igitur ut cessavit loqui disrupta est terra sub pedibus eorum
يەر ئاغزىنى ئېچىپ ئۇلارنى بارلىق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن، شۇنىڭدەك كوراھقا تەۋە ھەممە ئادەملەرنى قويماي تەئەللۇقاتلىرى بىلەن قوشۇپ يۇتۇپ كەتتى. | 32 |
et aperiens os suum devoravit illos cum tabernaculis suis et universa substantia
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تەۋەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تىرىكلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كەتتى، يەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يېپىلدى. ئۇلار شۇ يول بىلەن جامائەتنىڭ ئارىسىدىن يوقالدى. (Sheol ) | 33 |
descenderuntque vivi in infernum operti humo et perierunt de medio multitudinis (Sheol )
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ: «يەر بىزنىمۇ يۇتۇپ كېتەرمىكىن!» دېيىشىپ قېچىشتى. | 34 |
at vero omnis Israhel qui stabat per gyrum fugit ad clamorem pereuntium dicens ne forte et nos terra degluttiat
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن بىر ئوت چىقىپ، خۇشبۇي سۇنۇۋاتقان ھېلىقى ئىككى يۈز ئەللىك ئادەمنىمۇ يۇتۇپ كەتتى. | 35 |
sed et ignis egressus a Domino interfecit ducentos quinquaginta viros qui offerebant incensum
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: — | 36 |
locutusque est Dominus ad Mosen dicens
سەن كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازارغا بۇيرۇغىن، ئۇ خۇشبۇيدانلارنى ئوت ئارىسىدىن تېرىۋېلىپ، چوغلىرىنى يىراقلارغا چېچىۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ خۇشبۇيدانلار خۇداغا ئاتالغاندۇر؛ | 37 |
praecipe Eleazaro filio Aaron sacerdotis ut tollat turibula quae iacent in incendio et ignem huc illucque dispergat quoniam sanctificata sunt
شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئۆزى زامىن بولغان گۇناھكارلارنىڭ خۇشبۇيدانلىرىنى تېرىۋالغىن؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلاش ئۈچۈن سوقۇپ نېپىز تۈنىكە قىلىنسۇن، چۈنكى بۇ خۇشبۇيدانلار ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇپ ئۇنىڭغا ئاتالىپ مۇقەددەس قىلىنغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كېيىن ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولىدىغان ئىشارەت-بەلگە بولىدۇ. | 38 |
in mortibus peccatorum producatque ea in lamminas et adfigat altari eo quod oblatum sit in eis incensum Domino et sanctificata sint ut cernant ea pro signo et monumento filii Israhel
شۇنىڭ بىلەن كاھىن ئەلىئازار ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلەر سۇنغان مىس خۇشبۇيدانلارنى تېرىۋالدى؛ ئۇلار قۇربانگاھنى قاپلىتىشقا نېپىز تۈنىكە قىلىپ سوقۇلدى. | 39 |
tulit ergo Eleazar sacerdos turibula aenea in quibus obtulerant hii quos incendium devoravit et produxit ea in lamminas adfigens altari
شۇنىڭ بىلەن [قۇربانگاھنىڭ بۇ قاپلىمىسى] ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يات ئادەملەرنىڭ خۇددى كوراھ بىلەن ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەرگە ئوخشاش قىسمەتكە قالماسلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا خۇشبۇي كۆيدۈرۈشكە يېقىنلاشماسلىقىغا ئىسرائىللار ئۈچۈن بىر ئەسلەتمە بولدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەلىئازارغا بۇيرۇغانلىرىدۇر. | 40 |
ut haberent postea filii Israhel quibus commonerentur ne quis accedat alienigena et qui non est de semine Aaron ad offerendum incensum Domino ne patiatur sicut passus est Core et omnis congregatio eius loquente Domino ad Mosen
ئەتىسى پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يامان گېپىنى قىلىپ: — سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى ئۆلتۈردۈڭلار، — دەپ غوتۇلداشتى. | 41 |
murmuravit autem omnis multitudo filiorum Israhel sequenti die contra Mosen et Aaron dicens vos interfecistis populum Domini
ۋە شۇنداق بولدىكى، جامائەت مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھۇجۇم قىلىشقا يىغىلىۋاتقاندا، جامائەت بۇرۇلۇپ جامائەت چېدىرىغا قارىۋىدى، ۋە مانا، بۇلۇت چېدىرنى قاپلىۋالدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئايان بولدى. | 42 |
cumque oreretur seditio et tumultus incresceret
شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى. | 43 |
Moses et Aaron fugerunt ad tabernaculum foederis quod postquam ingressi sunt operuit nubes et apparuit gloria Domini
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: — | 44 |
dixitque Dominus ad Mosen
مەن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلىشىم ئۈچۈن ئىككىڭلار بۇ جامائەتتىن چىقىپ نېرى كېتىڭلار، — دەپ بۇيرۇۋىدى، ئىككىيلەن يىقىلىپ يەردە دۈم ياتتى. | 45 |
recedite de medio huius multitudinis etiam nunc delebo eos cumque iacerent in terra
مۇسا ھارۇنغا: — سەن خۇشبۇيداننى ئېلىپ ئۇنىڭغا قۇربانگاھتىكى ئوتتىن سال، ئۇنىڭغا خۇشبۇي قويۇپ، ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە تېزلىكتە جامائەتنىڭ ئارىسىغا ئاپار؛ چۈنكى قەھر-غەزەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىن چىقتى، ۋابا باسقىلى تۇردى، — دېدى. | 46 |
dixit Moses ad Aaron tolle turibulum et hausto igne de altari mitte incensum desuper pergens cito ad populum ut roges pro eis iam enim egressa est ira a Domino et plaga desaevit
ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، خۇشبۇيداننى ئېلىپ جامائەتنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىردى؛ ۋە مانا، ۋابا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا باشلانغانىدى؛ ئۇ خۇشبۇينى خۇشبۇيدانغا سېلىپ، خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈردى. | 47 |
quod cum fecisset Aaron et cucurrisset ad mediam multitudinem quam iam vastabat incendium obtulit thymiama
ئۇ ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا تۇرۇۋىدى، ۋابا توختىدى. | 48 |
et stans inter mortuos ac viventes pro populo deprecatus est et plaga cessavit
كوراھنىڭ ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلگەنلەردىن باشقا، ۋابا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر ئون تۆت مىڭ يەتتە يۈز كىشى بولدى. | 49 |
fuerunt autem qui percussi sunt quattuordecim milia hominum et septingenti absque his qui perierant in seditione Core
ھارۇن جامائەت چېدىرىنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا يېنىپ كەلدى؛ ۋابا توختىدى. | 50 |
reversusque est Aaron ad Mosen ad ostium tabernaculi foederis postquam quievit interitus